ئاياللار ۋە ساغلام بەدەن

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ئاياللار ۋە ساغلام بەدەن

   ساغلام بەدەن بولغاندا ساغلام تۇرمۇش مۇھىتى ياراتقىلى بولىدۇ. خانىم - قىزلار ئۆز ساغلاملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلىش، سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش، يېمەك - ئىچمەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە يەنە، بەدەن چىنىقتۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ ساغلاملىق قارىشى پەيدىنپەي كۈچىيىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرى، ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتلاردا ھەر خىل چىنىقىش سورۇنلىرىغا بېرىپ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان چىنىقىش ئۇسۇللىرىنى تاللاپ ، ئۆزىنىڭ بەدەن سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ بىيىتماقتا. ھەرىكەت قىلىش - ئەڭ ئۈنۈملۈك ، ئەڭ بىخەتەر ساغلاملىق كاپالىتى ھىسابلىنىدۇ. چىنىقىش- ئادەم ئورگانىزىملىرىنى ياشارتىپ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق كىشى بولۇپمۇ خانىم-قىزلار ھەر ۋاقت چېنىقىشنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرىشى لازىم.
   خانىم - قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىدە نۇقسانسىز ، گۈزەل فىگۇر بولۇشنى خالايدۇ، لېكىن كۆپچىلىك خانىم - قىزلار ھەر كۈنى 40- 30 مېنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ چېنىقىش دەپ قارايدىغانلار خېلى كۆپ. ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا ئانچە مۇنچە ھەركەت قىلىش بىلەن سېستىمىلىق چېنىقىشنىڭ پەرقى بار. شۇڭا ھەركۈنى ئازراق ۋاقت ئاجىرىتىپ سېستىمىلىق چېنىقىش زۆرۈر. ئۆيدە تاماق ئەتكەن، قاچا يۇيغان، يۈز يۇيغان، بازار ئايلانغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپمۇ بەدەن چىنىقتۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوخشاشلا چىنىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى، ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن يول ئاچقان بولىمىز. مەسىلەن، تاماق ئەتكەندە ، قاچا يۇغاندا ياكى ئۆي تازىلىغاندا قوساق ۋە بەلنى ھەركەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، يەنى بىر تەرەپتىن ئۆي تازىلىغاچ بىر تەرەپتىن قوساقنى ئىچىگە 10 سېكۇنت تارتىپ - قويۇپ بۇنى ئەڭ ئاز بولغاندا 10 قېتىم داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا قوساق قىسمنىڭ مۇسكۇلىنى چىڭىتىپ، قوساققا ياغ يىغىلىپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يۈز يۇغاندا ، قول بىلەن باشنى كۆپ ھەركەتلەندۈرۈش، ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ يۈز تېرىسىنى مىدىرلىتىش، چىش چوتكىلىغاندا پۇتنىڭ تاپىنىنى 20 قېتىم كۆتۈرۈپ ، چۈشۈرۈش ئارقىلىق چىنىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ، سوغاق سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاش ئارقىلىق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا لىفىتقا چىقماسلىق، ئامال بار پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈش لازىم.
    كۈپۈنچە خانىم قىزلار سرتقا چىققاندا تاكسى ياكى كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرىدۇ، پىيادە مېڭىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشتا پىيادە مېڭىشنىڭ پايدىسى كۆپ. شۇڭا سرىتقا چىققاندا مۇھىم ئىش بولمىسا ئامال بار پىيادە مېڭىش لازىم . پىيادە مېڭىش يۈرەك قان تومۇر سېستىمىسىنى ياخشىلاپ، قاندىكى ماينى سېرىش ، خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بەزى خانىم–قىزلار ئىشخانىدا خىزمەت قىلغاندا ئېڭىشىپ ئولتۇرىدۇ، نەتىجىدە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن كۆز تېلىش ، بويۇن ۋە مۈرە قېتىپ قېلىش ، بەل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەدەن تەكشۈرۈش ۋە بەدەن سۈپىتىنى سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئۇنداق كىشىلەردە ئاسانلا يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، بەدەن ئىلاستىكىلىقى ناچارلىشىش ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ، جىگىرىنى ياغ قاپلاش قاتارلىق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سېستىمىلىق بەدەن چىنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە خىزمەت ۋاقتىدىمۇ چوقۇم ئۈنۈملۈك بەدەن ئاسراش ھەركىتى قىلىش كېرەك.
   ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئىشخانىدا خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەي بەدەن ئاسراش ھەركىتى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟
    بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك:
   بىرىنچى، ئىگىز بىنالاردا ئىشلەيدىغانلار پەلەمپەيدىن پىيادە چىقىپ - چۈشۈش شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىش.
    ئىككىنچى، ئىشخانىدا كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئۈچ مېنۇت بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ھەركىتى ئىشلەش.
    ئۈچىنچى، باشنى ھەركەتلەندۈرۈش، تورۇسقا، ئاستا ئاستا ئىككى تەرەپكە تولغونۇپ تۇرۇپ ئىككى تەرەپكە نەزەر سېلىش.
    تۆتىنچى، قولنى ھەركەتلەندۈرۈش ، قول بىلەن دولىنى ئۇرۇپ بىرىش، جەينەكنى تولغاش، كۆكرەكنى كېرىش، ئىككى مۈرىنى ئارقىغا يېيىش.
   بەشىنچى، پۈتۈن بەدەننى ھەركەتلەندۈرۈش، ئورنىدا تۇرۇپ پۇتنى ئىگىز كۆتۈرۈش، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇش ۋە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش لازىم. خانىم - قىزلار بەدەن چىنىقتۇرۇش ۋە ئورۇقلاشنى ئۆزلىرىگە بېسىم قىلىۋالماي ، ۋاقىت يار بەرگەن شارائىتتا قەرەللىك ھالدا چىنىقىش مەيدانلىرىغا بېرىپ ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كېلىدىغان چىنىقىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ چېنىققاندا ياكى ئائىلىدە ،ئىشخانىدە ھەرىكەت قىلىشنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئادىتىگە ئايلاندۇرغاندا كىيىنكى ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 901 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01