تاشقى پېرۋوت سودىسى=forex=外汇

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  تاشقى پېرۋوت سودىسى

 

 تاشقى پېرۋوت سودىسى- بىر دۆلەتنىڭ پۇلىنى يەنە بىر دۆلەتنىڭ پۇلىغا ئايلاندۇرۇش جەريانى بولۇپ، ئۇ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئادىل، ساختا ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان، خىيم-خەتىرى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان بىرخىل سودا تۈرى. ئۇنداقتا بىز تاشقى پېرۋوت سودىسى ۋە شەخسلەر بۇ سودىغا قانداق قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. ئۆزلىكسىز تەرەققىيات جەريانىدا، ھەرقانداق بىر دۆلەت خەلقئارالىق ئالاقە ، خەلقئارالىق ئېلىم- بېرىمدىن ئايرىلالمايدۇ. تاشقى پېرۋوت بازىرى - تاۋار، ئەمگەك كۈچى ۋە مەبلەغنىڭ خەلقئارادا ئايلىنىشىىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئىقتىسادىي ئالاقە جەريانىدا شەكىللەنگەن، تاشقى پېرۋوتنى ئۆزئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بازار . ئىگىلىنىشچە خەلقئارادا30نەچچە تاشقى پېرۋوت بازىرى بار بولۇپ، بۇ بازارلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، ئوخشىمىغان قىتئەلەردىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە، ئوخشىمىغان رايونلارغا جايلاشقان ئىكەن. سودىسى ئاساسلىقى كۆپ بولىدىغان بازارلار–لوندون سودا بازىرى، ئامرېكىدىكى نىيۇيورك تاشقى پېرۋوت بازىرى، ياپۇنىيەدىكى تاشقى پېرۋوت بازىرى قاتارلىقلار بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا ماتىريالىدىن ئىگىلىنىشچە ، خەلقئارالىق تاشقى پېرۋوت سودا بازىرىدا ھەر كۈنلۈك سودا مىقتارى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 1مىلىيارد 500مىلىيۇن ئامرېكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. سودا بازىرىدا ئوبروت بولىدىغان پۇللار ياۋرۇ،ئامرېكا دوللىرى، ياپۇنىيە يىنى،فوندسىرلىڭ قاتارلىق پۇللار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سودا مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى ياۋرو بۇلۇپ ، دۇنيا ئومۇمى سودا مىقدارىنىڭ %41نى ئىگەللەيدىكەن. تاشقى پېرۋوت سودىسى دەل مۇشۇنداق تاشقى پېرۋوت بازىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل سودا. ئۇنداقتا بۇ خىل سودىنىڭ پاي چېكى سودىسى، قەرەللىك مال سودىسى قاتارلىق باشقا سودا شەكىللىرىگە سېلىشتۇرغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار؟ بۇ سودىلار پاي چېكى بازىرىدىن پەرقلىق. پاي چېكى ئوينىغاندىن تاشقى پېرۋوت ئاسان ھەم پايدىسى كۆپ، چۈنكى پاي بازىرىغا كىرسىڭىز شىركەتنى ئانالىز قىلىسىز، بارلىق چوڭ بازارنى ئانالىز قىلىسىز، دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى ئانالىز قىلىسىز، خەلقئارا بازارنى ئانالىز قىلىسىز، مەسىلەن سىز بانكىنىڭ پېيىنى ئالغان بولسىڭىز بۇ بانكا بىلەن ئالاقە قىلىدىغان باشقا ھەممىسىنى تەڭ ئانالىز قىلمىسڭىز بولمايدۇ. تاشقى پېرۋوت سودىسى قىلسىڭىز تاشقى سودىنى، دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى ، مەسىلەن خەلق بانكىسى ئۆسۈمنى ئۆستۈرىدۇ، چۈشىرىدۇ، بۇ ئىنتايىن روشەن سىگنال. خەلق بانكىسى ئۆسۈمنى چۈشۈردى دىگەن گەپ، سىز بانكىغا پۇل قويسىڭىز پۇلىڭىزنىڭ ئۆسىمى ئازلايدۇ. بۇنداق دىگىنى ھۆكۈمەت سىزنى سودا قىل، بانكىغا پۇل قوي، پۇل خەجلە دىگىنى . سىز نىمىگە مەبلەغ سالىسىز دىگەندە ، ئۆي ئېلىپ بولدىڭىز، ماشىنا ئېلىپ بولدىڭىز، قولىڭىزدىكى ئارتۇق پۇلنى بانكىغا قويغاندىن پاي چېكى ئوينايسىز دىگەنلىك. خەلق بانكىسى ئۆسۈمنى چۈشۈرگەن ۋاقىتتا پاي بازىرى ئۆرلەيدۇ. خەلق بانكىسى ئۆسۈمنى ئۆستۈرىۋەتتى ، بۇ يەردە دۆلەت ئوچۇق سىگنال بېرىۋاتىدۇ، بۇ يىل ئىقتىساد ئېشىپ كەتتى، سەن پۇل خەجلىمە، بانكىغا پۇل قوي، مۇشۇ ئەڭ تېنچ ئىش. سىز بۇ ۋاقىتتا بۇنى چۈشەنمەي ياكى قارشىلىشىپ، يەنە پاي بازىرىغا، مۈلۈك بازىرىغا ياكى تاشقى پېرۋوت بازارلىرىغا كىرىۋالسىڭىز ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى ئۆزىڭىزدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە تاشقى پېرۋوت بازىرى ئالتۇن بازىرى ھەرۋاقىت دۆلەتنىڭ سىياسىتى بىلەن خەلق بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشىشى بىلەن باغلىنىشلىق بولغاچقا بۇ سودا مېنىڭچە پاي چېكى سودىسىغا قارىغاندا ھەم بېخەتەر ھەم ئاسان ،زىيان تارتساقمۇ ئاسان، ئالدىنئالا بىلىپ چىققىلى بولىدۇ. پايدىسىنىمۇ ئالدىنئالا گۆرگىلى بولىدۇ . تاشقى پېرۋوت سودا بازىرى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان، سودا سوممىسى ئەڭ كۆپ بولىدىغان بازار. بۇبازارنىڭ ئالاھىدىلىكى باشقا قەرەللىك مال سودا بازىرىغا قارىغاندا بۇ بازاردا خەتەر بار، لېكىن باشقا بازارلارغا قارىغاندا بىرقەدەر بېخەتەر. چۈنكى بۇ بازاردا سودا قىلىۋاتقىنى دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان، بىرقەدەر چوڭ دۆلەتلەرنىڭ پېرۋوت نىسبىتى بىرقەدەر مۇقىم بولغان پۇللار، شۇڭلاشقا بۇ پۇللاردا داۋلغۇش بولسىمۇ لېكىن پاي چېكىگە ئوخشاش70ھەتتا 90پىرسەنت چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ. ناھايىتى قاتتىق چۈشكەن ۋاقتىدا ئۆتكەن يىلقىدەك، دۇنيا خاراكتېرلىك پۇل–مۇئامىلە كىرزىسلىرى يۈز بەرگەن ياكى ئىقتىسادىىي كىرزىسلار يۈز بەرگەندە 30-40پىرسەنت چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئادەتتە بىر يىلدا ھەرقايسى پۇللار ئوتتۇرىسىدىكى داۋالغۇش 10پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ بازار پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئىچىدىكى بىرقەدەر بېخەتەر بازار بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا پېرۋوت بازىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتناشقۇچىسى ھەرقايسى بانكىلار، شىركەتلەر بىۋاستە قاتناشمايدۇ. بانكا بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. يەنە بىر ئەۋزەللىكى 24سائەت توختىماي سودا بولىدىغان بولغاچقا شەخسلەر ئۆزىنىڭ قانداق ۋاقتىدا بېكار ۋاقتى بولسىلا بۇ بازارغا كىرەلەيدۇ. خىزمەت قىلغاندا بازار بولىدىغان، بىز دەم ئالغاندا بازار بولمايدىغان ، تاقىلىپ قالىدىغان بۇنداق بولمايدۇ. مەلۇم تەجىربىگە ئىگە بولسىلا، ئاز مەبلەغ بىلەن بۇ سودىغا كىرگىلى ، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان بازار. بىز يۇقىرىدا خەلقئارادىكى تاشقى پېرۋوت بازارلىرى ۋە تاشقى پېرۋوت بازىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئ.ۆتتۇق. تاشقى پېرۋوت بازىرىدا سودا بولىدىغىنى تاشقى پېرۋوت سودىسى، بۇ يەردىكى تاشقى پېرۋوت دىگەنلىك چەتئەل پۇلى دىگەنلىك بولىدۇ. ئۇنداقتا ھەرقانداق چەتئەل پۇلى تاشقى پېرۋوت بولۇپ ھىسابلىنامدۇ؟ بۇنىڭدا بىر دۆلەت بىلەن بىر دۆلەتنىڭ تاشقى پېرۋوت بېكىتىپ قويۇلغان پۇللىرى ئوخشىمايدۇ. بەزى دۆلەتلەردە بولۇپمۇ خەلقئارالىق سودا، خەلقئارالىق ئېھتىياج، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولغان دۆلەتلەردە تاشقى پېرۋوت سودىسىغا قاتنىشالايدىغان ئەركىن، ئېلىپ -سېتىلىدىغان پۇللار كۆپ بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن ئېلىمىزدە ئامېرىكا دوللىرى، ياپونىيە يىنى، فوندسىرلىڭ، ياۋرو، ئاۋستىرالىيە پۇلى ، كانادا پۇلى، بۇ پۇللار تاشقى پېرۋوت دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرى مەسىلەن بىرازىلىيە پۇلى، ئارگىنتىنا پۇلى، ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ پۇللىرى ، مەسىلەن ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پۇللىرىمۇ بىزگە نىسبەتەن تاشقى پېرۋوت ئەمەس. بىز بۇنى ئېلىمىزدە تاشقى پېرۋوت سودىسى ئېلىپ بارالمايمىز. بۇلار چەتئەل پۇلى بولغان بىلەن تاشقى پېرۋوت ئەمەس. چۈنكى ئېلىمىزنى خەلق بانكىسى بۇ پۇللارنى ئېلىمىز ئىچىدە سودا قىلىشقا بولمايدۇ دەپ بېكىتكەن. تاشقى پېرۋوت بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئاشۇ چەتئەل پۇللىرى ئىچىدىكى تاللانغان پۇل. چەتئەل پۇللىرىنىڭ ھەممىسى تاشقى پېرۋوت بولىشى ناتايىن. ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە شەخسلەرنىڭ چەتئەل پۇلى ئېلىپ يۈرىشى چەكلىنەتتى. چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشتا ، تاشقى پېرۋوت ئىشلەتمەكچى بولسا، چوقۇم تاشقى پېرۋوت ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاندىن بانكا بىلەن ئالماشتۇرالايتتى. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرۋوت زاپىسىنىڭ كۆپىيىىشىگە ئەگىشىپ، شەخسلەرگە بولغان چەكلىمىدىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا بوش قويىۋەتتى. مەسىلەن ھازىر شەخسلەر كىملىكى بىلەن بانكىغا كېلىپ 50مىڭ يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى تاشقى پېرۋوتنى سېتىۋالالايدىغان بولدى. دۆلىتىمىزدە تاشقى پېرۋوت سودىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان بانكىلارمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپىيىپ جۇڭگو بانكىسىدىن باشقا قۇرۇلۇش بانكىسى، گۈللەندۈرۈش بانكىسى، سودا-سانائەت بانكىسى، قاتناش بانكىسى قاتارلىق بانكىلارغا كېڭەيدى. جۇڭگو بانكىسىنىڭ تاشقى پېرۋوت مەھسۇلاتلىرىدىن ھازىر شەخسلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىككى خىل تۈر بار. بۇنىڭ بىرى دىرىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان پايدىسى، تۇراقسىز بولىدىغان مەھسۇلات. بۇنىڭدا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 50مىڭ يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى تاشقى پېرۋوت بىلەن بۇ خىل مەھسۇلاتنى سېتىۋالىدۇ. ئاساسلىقى ئامېرىكا دوللىرى، ياۋرو، ئاۋىستىرالىيە پۇلى قاتارلىق پۇللار بولۇپ، بۇلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قەرەلى ئۈچ ئايدىن بىر يىلغىچە، بانكا زىيان تارتمايدىغانغا، دەسمايىسىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئېرىشىدىغان پايدىسى بانكىنىڭ مەبلەغ سالغان تۈرلىرىنىڭ پايدا ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ.بەزىدە بانكا ئۆسىمىدىن خېلى يۇقىرى 5–8پىرسەنتكىچە پايدىسى بولىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ. ئەڭ ناچار بولغاندا پايدىمىز نۆل بولىدۇ،دەسمايىمىز قايتۇرىلىدۇ. ۋاقتى يوق، مەبلەغ سېلىشقا قىزىقمايدىغان، مەبلەغ سېلىش تەجىربىسى يوق، پەقەتلا بانكىنىڭ مەلۇم ئازراق ئۆسىمىگە ئېرىشەي دەيدىغان كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. يەنە بىرى تاشقى پېرۋوت سودىسى. جۇڭگو بانكىسىنىڭ قاتناشقۇچىلارغا قويىدىغان تەلىپى ئىنتايىن تۆۋەن. پەقەت 50ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھىسابات ئېچىش ئارقىلىق بۇ سودا بىلەن قاتنىشالايدۇ، 24سائەت تور ئارقىلىقمۇ سودا قىلالايدۇ. بۇنىڭدا قاتناشقۇچىلار ئازراق مەبلەغ سېلىش تەجىربىسى بولىشى كېرەك. پەقەت تەجىربىسى يوق، يېڭىدىن قاتنىشىمەن دەيدىغانلارغىمۇ يەنىلا بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭغا سالىدىغان مەبلەغ ناھايىتى ئاز. 50ئامېرىكا دوللىرى بىلەن قاتنىشالايمىز. بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى، بەزى تېخنىكىلارنى ئۆگەنسەك بولىدۇ. بۇخىل سودا يولغا قويۇلغىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان، بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن بىرخىل سودا . بۇ خىل سودىنى سودا قىلىش ئۇسۇلى، پۇل تېپىش يوللىرى بىرقەدەر ئاسان . پۇل تېپىشنىڭ يوللىرىنى چۈشەندۈرىدىغان كىتاپلارمۇ بار. توردىمۇ مەخسۇس تاشقى پېرۋوت سودىسىغا ئائىت تور بېكەتلەر بار. شۇنى ئۆگىنىپ سودا قىلساقمۇ بولىدۇ. بىز يۇقۇردا توختىلىپ ئۆتكەندەك، تاشقى پېرۋوت سودا بازىرى يولغا قويۇلغىلى ئۇزۇن بولغان، پىشىپ يېتىلگەن بازار. بۇ سودىغا قاتنىشىشنىڭ شەرتلىرىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، بۇ سودىغا قاتنشىش ئاسان. ئىقتىسادىي ئۈنىمى نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇ سودىغا قاتنىشىپ يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ شەخسلەر بۇ سودا بىلەن شۇغۇللانغاندا بىرى ئېىشنچە مەبلەغنى سېلىش كېرەك. ھەرگىز مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئىشلىتىدىغان پۇلنى مەبلەغ سالسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ بازار كۈندە داۋالغۇش بولۇپ تۇرىدىغان بازار. شۇڭلاشقا سالغان مەبلەغدىن زىيان كۆرىلىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالسا زىيىنىغا ساتىدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن ئېشىنچە مەبلەغ بىلەن كىرىش كېرەك. ئىككىنچىسى قارىسىغا مەبلەغ سالماسلىقىمىز كېرەك. چوقۇم ئالدى بىلەن تاشقى پېرۋوت بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تولۇق ئىگەللىشىمىز. بۇنداق ۋاقىتتا پۇلنىڭ قىمىمتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئامىللارنى تولۇق تەھلىل قىلىپ، بۇ جەھەتتە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە مەلۇم تەجىربىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا سىياسى، ئىقتىسادىي جەھەتلەردە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان چاغدا تېخنىكىلىق ئانالىز ئۇسۇلى بىرقەدەر ئۈنۈملۈك . بۇنىڭدا ھەرقايسى پۇلنىڭ گىرافىكلىرىغا قاراپ تۇرۇپ، پاي چېكى ، قەرەللىك مال سودا بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ گىرافىكتىن خەۋىرى بار بولغان بولىدۇ. بۇ گىرافىكنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ مەلۇم نوقتىلاردا توساقلار بولىدۇ. ئەگەر ئازراق ئۆسكەندىن كېيىن قەيەردە توساق بار، ئەگەر چۈشسە قانچىلىك چۈشىدۇ، يەنى مۇشۇنداق پۇلنى داۋالغۇش قانۇنىيىتىىنى ئىگىلەپ يۇقىرى نوقتىدا سېتىپ، تۆۋەندە ئالىدىغان مۇشۇنداق ئۇسۇللارنى قوللانساق بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك، تاشقى پېرۋوت بازىرىغا مەبلەغ سېلىشتا ، تاشقى پېرۋوت بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ياخشى تەھلىل قىلىپ، بۇ بازارنى چۈشەنگەن ئاساستا مەبلەغ سالغاندا تېخىمۇ يۇقىرى مەبلەغ ئۈنىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ يەردىكى پېرۋوت بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار قايسىلار؟ ئۆتكەن يىلقى پۇل –مۇئامىلە كىرزىسى تاشقى پېرۋوت بازىرىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى بۇنىڭدىن ئۆسەمدۇ ياكى تۆۋەنلەمدۇ؟ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 14:56:41]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 399 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01