بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
       بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتىRepublic of Bolivia
پايتەختى: سۇكرى، نوپۇسى 350مىڭ،
قانۇن چىقىرىش پايتەختى لاپاز. نوپۇسى 2مىلىيۇن
يەر مەيدانى: 1مىلىيۇن 98كۋادرات كىلومېتىر.
نوپۇسى: 2009-يىلى3ئايدىكى نوپۇسى 9 مىليون 755مىڭ، ئىسپان ۋە يەرلىك ئىندىئانلاردىن بولغان شالغۇتلار 60%نى ، كوچۇئا ھىندىئانلىرى 21%نى، ئايمارا ئىندىئانلىرى 15% نى، ئىسپانىيىلىك كۆچمەنلەر ئەۋلادى3%نى ئىگەللەيدۇ.
دىنى : بولىۋىيە دۆلەت نوپۇسىنىڭ 95%نى كاتولىكلار تەشكىل قىلىدىغان تىپىك كاتولىك دۆلىتى بولسىمۇ ئەمما بولىۋىيە تاغلىقلىرىدىكى كاتولىك دىنىدا يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر. شەھەرلەردە تەخمىنەن دۆلەت نوپۇسىنىڭ 4% گە باراۋەر كېلىدىغان پىروتىستانتلار بار .
تىلى: بولىۋىيەنىڭ دۆلەت تىلى ھىندى ياۋروپا تىللىرى سېستىمىسى -لاتىن تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ئىسپان تىلى، ھۆكۈمەت تىلى ئىسپان تىلى ۋە ئاندىس تىل سېستىمىسىغا تەۋە كوچۇئا تىلى، ئايمارا تىلى.
دۆلەت بايرىمى:8-ئاينىڭ6-كۈنىدىكى مۇستەقىللىق بايرىمى( 1825-يىلى )
بولىۋىيەنىڭ مۇقىم دۆلەت ۋاقىت رايونى : غەربى10- ۋاقىت رايونى
بولىۋىيەنىڭ پۇلى بولىۋىيان. 2004-يىلى 8 بولىۋىيان =بىر دوللار، 2006-يىلى 8.0159 بولىۋىيان =بىر دوللار، 2008-يىلى 7.253 بولىۋىيان =بىر دوللار.
2008-يىلى بولىۋىيەدە تېلپون ئابونتى678مىڭ، يانپون ئابونتى 3مىلىيۇن254مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 1مىلىيۇن 110مىڭ بولغان.
ئورنى: تېنچ ئوكياننىڭ غەربىگە، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. ئارىلىقى 186 كىلومېتىر كېلىدىغان چىلىغا قاراشلىق ئاتاكاما كارىدورى ئارقىلىق تېنچ ئوكياندىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بولىۋىيەگە شەرقىي تەرىپىگە ئامازون دەريا تۈزلەڭلىكىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن لاپلاتا دەريا بويى تۈزلەڭلىكىنىڭ بىر قىسمى جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ تەخمىنەن 70% نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىگە ئاندېس تاغلىقلىرى جايلاشقان. ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3800 مېتردىن ئاشىدۇ. غەربىي قىسىم تاغلىق رايوندا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز تاتلىق سۇلۇق كۆل تىتكاكا كۆلى جايلاشقان. بۇ كۆلدە يىل بويى قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. ئىقلىمى يەر ۋەزىيىتىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئېگىز تاغلىقلارنىڭ ئىقلىمى سوغۇق، تاغ ۋادىلىرىنىڭ ئىللىق، تۈزلەڭلىكلەرنىڭ قاتتىق ئىسسىق كېلىدۇ. ھۆل - يېغىنى شەرقىي قىسىملىرىدىكى 2000 مىللىمېتردىن غەربكە قاراپ ئازلاپ 100مىللىمېترغا چۈشىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 50% يېرىنى ئورمانلىقلار قاپلاپ تۇرىدۇ. بولىۋىيەنىڭ يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ، تاغلىق رايوندىن باشقا جايلارداقىش پەسلى بولمايدۇ. ئىقتىسادى: بولىۋىيە دۇنيا بويىچە ئۇرۇش ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش كۆپ بولۇپ، رەھبەرلىكى مۇقىم بولماي كېلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا ئىقتىسادى راۋاجلىنىش پۇرسىتى بولمىغان، ئۇ مۇستەقىل بولغان 146 يىل ئىچىدە 185 قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش بولغان، 85 پېرىزدېنت ئالماشقان. بولىۋىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. قەلەي، كۈمۈش، ۋىسموت، سۈرمە، ۋۇلفرام، قوغۇشۇن، سېنك، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. بولۇپمۇ قەلەي ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا مالايسيەدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بولىۋىيىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ 95% نى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەلەي 55% نى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ئېكسپورتى زور مىقداردا ئاشماقتا. يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلقتىكى ئەمگەك كۈچى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىلىرىنىڭ 2/3 سىنى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا كۆممىقوناق، ياڭيۇ، بۇغداي، قەھۋە، كاكائۇ، شال، شېكەر قۇمۇشى، تاماكا ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. بولىۋىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كوكائىن مەھسۇلاتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق لاما(قويسىمان تۆگە)، چوشقا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. بولىۋىيەنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران 15% نى تەشكىل قىلىدۇ . ئاساسلىق يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، مېتالچىلىق، نېفىت ئايرىش، كانچىلىق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق چوڭ - كىچىك 400 دىن ئارتۇق سانائەت ئورۇنلىرى بار. كوفى، گۆش، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شېكەر ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.
بولىۋىيەنىڭ 2008-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى18مىلىيارد دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4500دوللار توغرا كېلىدۇ. بولىۋىيەنىڭ 2001-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل 6% بولۇۋاتىدۇ.
قىسقىچە تارىخى : بولىۋىيە ئەسلىدە يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ دۆلىتى بولۇپ تارىختا ئايمارالار بۇ زىمىندا قۇدرەتلىك پادىشاھلىقلارنى قۇرغان. 14- ئەسىردە شەرقتىكى كوچۇئالار قۇرغان ئىنكا ئىمپىرىيىسى ئايمارا پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ پېرۇ ۋە بولىۋىيە، ۋە چىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، نوپۇسى 20مىلىيۇندىن ئاشىدىغان قۇدرەتلىك ئىمپىرىيە قۇرغان. 1525 - يىلى ئىسپانىيە تەۋەككۈلچىسى پىزاررو ئىنكا ئىمپىرىيىسىنى بويسۇندۇرۇپ تۇنجى قېتىم بولىۋىيەگە قاراشلىق زىمىننى ئىسپانىيەگە قاراشلىق مۇستەملىكە قاتارىغا كىرگۈزگەن، 1538-يىلى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئەسلىدىكى ئىنكا ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق زىمىنلارنى ئۆلكىلەرگە ئايرىپ ھازىرقى بولىۋىيەگە يۇقىرى پېرۇ ئۆلكىسى دەپ نام بەرگەن. ئۈچ يۈز يىللىق مۇستەملىكە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن 1810-يىلى سىمون بولىۋار باشچىلىقىدىكى قوشۇن جەنۇبى ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئىسپانلارنىڭ قولىدىن ئازات قىلغان، 1825-يىلى بولىۋارنىڭ قول ئاستىدىكى سۇكرىنىڭ قوماندانلىقىدىكى بىر بۆلۈك ھەربى قوشۇن يۇقىرى پېرۇدىكى ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى تەسلىم قىلغان. بولىۋىيە يۇقىرى پېرۇ نامى بىلەن مۇستەقىل بولۇپ ۋېنسۇئېلا، كولومبىيە، پاناما، ئېكۋاتور، پېرۇ ۋە چىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك كولومبىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1839-يىلى بولىۋىيە فىدىراتسىيەدىن چېكىنىپ يۇقىرى پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1875 - يىلى دۆلەت نامىنى بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتىگە، پايتەخت نامىنى سۇكرىغا ئۆزگەرتكەن، 1880-يىلى تېنچ ئوكيانغا چىقىش ئېغىزىدىكى ئانتافاگاستا ئۆلكىسىنى چىلى، غەربى قىسمىدىكى ئاكرى ئۆلكىسىنى بىرازىلىيە، لوسئاندىس ئۆلكىسىنى ئارگېنتىنا بېسىۋېلىپ بولىۋىيە زىمىنىنىڭ يېرىمىدىن ئايرىلىپ قالغان، 1928-يىلىدىن 1935-يىلىغىچە پاراگۋاي بىلەن بولغان چاك ئۇرۇشىدا بولىۋىيە يەنە تالاش تارتىشتىكى چاك يايلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن ئايرىلىپ ھازىرقى دۆلەت چېگرىسى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەنگەن.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 665 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01