ئېۋو مورالېس(1959ـ) -ئاچلىق ئېلان قىلغان پىرىزدېنت

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئاچلىق ئېلان قىلغان پىرىزدېنت

ئېۋو مورالېس(1959ـ)

     ئېۋو مورالېس - دۇنيادىكى ئاچلىق ئېلان قىلغان تۇنجى پىرىزدېنت . 2006- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان سوتسيالىست، بولىۋىيە تارىخىدىكى تۇنجى يەرلىك ئىندىئانلاردىن بولغان پىرىزدېنت ئېۋو مورالېس بايانات ئېلان قىلىپ 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئىرقچى ئاق تەنلىكلەرنىڭ كونتىرۇللىقىدا تۇرىۋاتقان كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي سايلامنىڭ كۈن تەرتىۋى ۋە ئاساس پىرىنسىپلىرىنى ھازىرغىچە بېكىتمىگەنلىگىگە، سايلىغۇچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە مورالېسنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان سايلام قانۇنىنى ماقۇللىمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، «خەلقنىڭ ئاۋازىنى قوغداش» ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى كېڭەش پالاتاسى، يانۋار ئېيىدا بولىۋىيەدە ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىدىن ئۆتكەن، مۇرالىسنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشىنى قانۇنى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سايلام قانۇنىنى ماقۇللىمىغانىدى. ئېۋو مورالېس 1959-يىلى بولىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئورولو ئۆلكىسىنىڭ ئورىنوكا ناھىيىسىدە بولىۋىيەدىكى 2-چوڭ ئىندىئانلار مىللىتى ئايمارالاردىن بولغان نامرات كان ئىشچىسى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلىقتىن تولۇقسىزدىن چىقىپ كېتىپ ئائىلىسدە مال باققان، كېيىن كان ئىشچىسى بولغان. بولكا دۇكىنىدا ئىشلىگەن، پايتەخت لاپازدا بىر يىللىق ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. 1979-يىلى مورالىس چاپارە رايونىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ تەشۋىقات ۋە كاتىپلىق خىزمىتىنى ئۆتىگەن. 1996-يىلى بولىۋىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىكىگە، مەملىكەتلىك كوكائىن تېرىغۇچى دېھقانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. مورالېس 1997-يىلى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىسە ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ۋە كوكائىن تېرىشنى قانۇنلۇاشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. 1999-يىلى مورالىس سوتسىيالىزىمنى قولغا كەلتۈرۈش ھەركىتىنى قوزغاپ 2002-يىلى پارتىيە رەئىسى سۈپىتىدە سايلامغا قاتناشقان ۋە ئاز پەرق بىلەن مەغلۇپ بولغان، 2005-يىلى بولىۋىيەدىكى دىموكراتىك سايلامدا 53.7% ئاۋاز بىلەن بولىۋىيەنىڭ تارىختىن بۇيانقكى تۇنقى ئىندىئان پىرىزدېنتى بولۇپ قالغان ۋە 2006-يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. مورلىس ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش نامراتلارنى يۆلەش خاراتىرىسىكى ھوقۇق مەركەزلەشكەن ئىقتىسادى تۈزۈم يۈرگۈزۈپ، دۆلەتىىكى نېفىت كارخانىلىرى ۋە باشقا مۇھىم كان بايلىقلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزىۋالغانلىقى، ئىسپانلار قالدۇرغان يەرلىكلەر بىلەن ئىسپان كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى پەقنى ئازايتناقچى بولغانلىقىدىن ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بولىۋىيەدىكى مەنپەئەتى ئېغىر دەخلىگە ئۇچراپ ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان ۋە ئىككىنچى چاۋېس دەپ نام ئالغان. 2006-يىلى مورالىس بولىۋىيەدىكى 14% ئادەم ئىشلىتىدىغان 3-چوڭ تىل ئايمارا تىلىنى دۆلەت تىلى قاتارىدا ئىشلىتىش، مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 60% سۆزلىشىدىغان ئىسپان تىلى ۋە 22% ئادەم ئىشلىتىدىغان كوچۇئا تىلى بىلەن بىرلىكتە دەرسلىك ۋە مەدەنىيەت مائارىپ سېستىمىسدا باراۋەر ئورۇنغا ئىگە تىل قىلىپ بەلگىلىگەن. ئارقىدىنلا ئايمارا پادىشاھلىقىنىڭ ئىسپانلار جەنۇبى ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇنقى پايتەختى تىۋاناكۇغا بېرىپپ ئىندىئانلارنىڭ قەدىمقى ئەنئەنىسى بويىچە نەزىر چىراغ قىلىپ يەرلىك قەبىلە ئەقساقىلىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن ۋە زور ئىقتىسادى ياردەم بەرگەن، ئاسارە ئەتىقىلەرنى قوغداشنى، نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ بولىۋىيە شەھەرلىرىدىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرىنى ئىگەللەپ تۇرىۋاتقان كاپىتالىستلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۆزىنىڭ جەنۇبى ئامېرىكىدا ئىندىئانلار ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئاساسى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويغان ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن. ئەمما ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى كېڭەش پالاتاسى، 2009-يىلى يانۋاردا بولىۋىيەدە ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىدىن ئۆتكەن، مۇرالىسنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشىنى قانۇنى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سايلام قانۇنىنى ماقۇللىمىغانلىقتىن مورالىس ئاچلاق ئېلان قىلىپ دۇنيادىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئاچلىق ئېلان قىلغان تۇنجى دۆلەت رەھبىرى بولۇپ قالغان. مورالىس قىزغىن پۇتبول ھەۋەسكارى، ئۇ بولىۋىيەدىكى ئوتتۇرا ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، شۇنداقلا تەشكىللىگۈچىسى. ئۇ 2007-يىلى دۇنيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن خەت يېزىپ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز پايتەخت-بولىۋىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش مەركىزى لاپاز شەھرىنى نامزات شەھەر قىلىپ كۆرسەتكەن .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 472 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01