ماداگاسكارنىڭ دۆلەت بايرىقى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

      ماداگاسكارنىڭ دۆلەت بايرىقى: ماداگاسكار تارىختا فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان بولۇپ دۆلەت بايرىقىدا ياۋروپا دۆلەت بايراقلىرىنىڭ رەڭ ئەنئەنىسى ئەكس ئەتكەن. 1960 - يىلى ئىيۇندا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئاق تىك يوللۇق ۋە قىزىل، يېشىل توغرا بەلدەملىك ئۈچ خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان، قىزىل ۋە ئاق رەڭ ئىلگىرى دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مېلىنا خاندانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. ئافرىقا قىتئەسىدىكى بىردىنبىر ئاسىيالىقلار بولغان مالاگاشلار ئەسلىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالاي تاقىم ئاراللىرىدىن ئايرىلىپ، بۇ ئارالغان كېلىپ ياشىغان، قىزىل ۋە ئاق رەڭ دەل ئۇلار ئۆز يۇرتىدا دائىم كۆرىدىغان رەڭ. يېشىل رەڭ ھىندى ئوكيان قىرغىقىدىكى يەرلىك قەبىللەرنىڭ بەلگىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىزىل رەڭدە باتۇرلۇقنى، ئاق رەڭدە سەمىمىيلىكنى، يېشىل رەڭدە ئۈمىدنى بىلدۈرگەن.

 دۆلەت گىرىبى:  ماداگاسكارنىڭ دۆلەت گىرىبىدە ئىتتىپاقلاشقان، مۇل ھوسۇل ئېلىنغان ۋە جۇشقۇنلۇقنى ئۇرغۇپ تۇرغان مەنزىرە نامايان قىلىنىپ، كىشىنى گويا جاراڭلىق ئالغا مارىشى خەلقىنى تېخىمۇ گۈللەپ - ياشنىغان كېلەچەككە يېتەكلەۋاتقاندەك قىلدۇرىدۇ. دۈگلەكسىمان دۆلەت گېربى دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرلۈۋاتقان بىر قۇياشنى يادرولۇق كۆرۈنۈش قىلىپ، دۆلەت ئىستىقبالىنىڭ پارلاقلىقىنى ئالدىن بىلدۈرگەن. دۆلەت دەرىخى رىنىۋانىڭ يۇپۇرمىقى بىلەن چىقىرىلغان چىشلىق چاق ، دۆلەتنىڭ سانائەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلغان؛ دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماداگاسكارنىڭ قىزىل رەڭلىك خەرىتىسى خەلقنىڭ قورال ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېربىنىڭ تۆت ئەتراپى ئاساسلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرى - شال ۋە قەھۋەدىن تەركىب تاپقان دۈگلەكسىمان ئورالغان بولۇپ، ماداگاسكارنىڭ يەرلىك يېزا ئىگىلىكى بولغان سۇ كالىسىنىڭ سۈرىتى ۋە ئاستىدىكى ئېتىزلار ئارقىلىق قۇياشنىڭ ئىللىق تەپتى قولغا ئۇرۇلۇپ تۇرغان ھالدا بۇ دۆلەتتتىكى مۇنبەت تۇپراق ۋە ئەسكەرلەر، ياشلار ۋە ئاياللارنى كۆرسىتىپ، خەلقىنىڭ باراۋەرلىك، كېلەچەككە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئۈمىدى تەنتەنىلىك كەيپىيات بىلەن قاپلانغان. گىرىبنىڭ ئۈستىگە مالاگاش تىلىدىكە ماداگاسكار جۇمھۇرىيىتى ، دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى كەڭ ئورۇنغا مالاگاش تىلىدا «ۋەتەن، ئىقىلاب، ئەركىنلىك »دېگەن خەت يېزىلغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 427 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01