ۋىليام بوتلىر يىتىر

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
      ۋىليام بوتلىر يىتىر 1865 -يىلى‏-‏ 13 ئىيۇن دۇنلىندا تۇغۇلغان، ئىرلاندىيىلىك مەشھۇر شائىر، دىرامماتۇگ، كىيىنكى سىمۇۋۇلىزىم شېئېريىتىدە ۋەكىللىك ئۇرۇن تۇتىدۇ . ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىېرلىرىدا سىمۋولىزىملىق ۋە مىسىتىتىزملىق پۇراق كۇچلۇك بولغاچقا، تىلى چۈشتەك دىلرەبا ھەم سىرلىق تۇيغۇ بېرىدۇ. كېيىنچە ئۇنىڭ شېىرلىرى غۇۋالىقتىن روشەنلىكە يۇزلىنىپ، رىيالىزىملىق سىمۋولىزىملىق ۋە پەلسەپىۋىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل بىر‏-‏بىرى بىلەن تىبىئى بىرىلىشپ كەتكەن . بۇ شېئېرلاردا مول سېمۇۋوللۇق ۋاستىلەر ئامىىباو جالنىلىق تىلى ئاسىلسدا يۇقۇرۇى بەدئى چىنىلىققا ئىگە قىلىنغاچقا كىشىلەر ساپ لىرىك تۇيغۇ، ياقىن تەسسەۋۇر بىخىش ئىتىدۇ . ئۇنىڭ »لىدا ۋە ئاق قۇ»« ئىنفىرى ئارىل» «قالدىڭ ياشىنىپ« قاتارلىق شېئرىلىرى كىشىلەر سۈيۈپ ئۇقۇيدىغان مەنىۋى بايلىققا ئايللىنىپ قالدى . ئۇ شېئىرلىرىدا «ئۇرغۇپ تۇرغان ئىلھام بىلەن مىللەتنىڭ روھىنى يۇقۇرى بەدئى شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەنلىگى» ئۈچۈن 1923 ‏- يىلى نوبېل ئەدىبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 1939‏- يىلى 28‏- يانىۋار يەتمىش تۆت يېشىدا كاپ مارتىندا ۋاپات بولغان . نىدا بىلەن ئاققۇ غۇنچىغا تىگىپ ئۆتتى ئېغىر قانات . سەبى قىز چۈچۈپ كەتتى كۈرۈپ بۇنى، قارا تور چىرماپ ئالدى بەللىرىنى، مۇجىدى بىر ۋەھىمە كۆكرىكىنى . كىم ھالسىز قولى بىلەن قىلسون ھالاك، ئەپچىل پۇل ھەم مويلارنىڭ خىسلىتىنى. ئاق پەيلەر قۇچىقىدىن يۇلقىنىار تەن . سىزەر ئۇ يۈرۈكىنىڭ سۇقۇشىنى . تېرەر ئۇ،توختىماستىن ئۆرىلەر تام ، سېپىلدا كۆيەر ئوت ھەم ئاگاممىنۇن . ئۇ شۇنداق بىر ئولجىغا ئايلانغاندا يامرىدى ۋەھشىلىكنىڭ ئىسسىق قېنى چۇشكەندە رەھىمسىزلىك تۇمشىقىدىن ، تامغانغۇ پاراسەت ھەم قۇدرىتى . قالدىڭ ياشىنىپ قېرىپ قالدىڭ، چېچىڭدا ئاق، كۈزۈڭ جىرە . ئۇرۇپ كۆرگىن بۇ نەزمىنى ئوت ئالدىدا . چۈش ئىچىدە كۆر ئۈزۈڭنى ئۇقۇپ ئاستا . كۆزلىرىڭدە نۇر ئوينىغان گىرە‏-گىرە . كىمىلەر ئۇزلۇقۇڭنى سۆيدى راستىن، شاتلىقڭنى ھەم سېھىرلىك ياشلىقىڭنى . سۆيدى پەقەت بىرى دەرتلىك يۈزۈڭنى، سۆيدى سىنى مۇقەددەس بىر ئىتىقادتىن . ئالدىدا كۈيۈۋاتقان بۇ ئوتۇنلارنىڭ ، دەرتلىرىنى پىچىرلايسەن ئېھتىراستا . شۇ سۆيگىلەر ئايان بۈگۈن چوققىلاردا . پىنھاندۇر ئارىسىدا ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ . ئىننىسفىرى ئارىلىرى تۇرۇپ مەن، مەغرۇر تۇتۇپ قامىتىمنى ، بارىمەن ئىننىفىرى ئارىلىغا. ياسايمەن، مەن ئۇ يەردە كىچىك كەپە، لايلارنى يېپىشۇرۇپ پۇتاقلارغا . تېرىيمەن ئۇندا توختىماي پۇرچاقلارنى، باقىمەن ساندۇق بىلەن بال ھەرىسى. ماكاندۇر مېنىڭ تەنھا ھاياتىمغا، ھەرىلەر غۇڭۇلدىغان چۆپ ئارىسى. ئۇ يەردىن تېپلىدۇ ئارام ماڭا، تامچىلار ۋۇجۇدۇمغا ئاستا‏-‏‏‏‏‏‏ئاستا. سەھەرنىڭ يوپۇرماقلىرى چۇشۇۋاتقان، چېكەتكە كۈي كۈيلىگەن ئاشۇ ياقتا. تۇن نىسبى چاقنار ئۇنداق نەپىس شولا، چىڭقى چۇش رۇخسارىگۇل رۇخسارىدا. قاپلايدۇ توزنىڭ قىزىل قاناتلىرى، شەپسىز كىلىۋاتقان گۇگۇم ئارا. بارىمەن مەغرۇر تۇتۇپ قامىتىمنى، ئۇ يەردە سەھەردىن تا ئاخشامغىچە. ئاڭلايمەن كۆل سۈيىنىڭ قىرغىقىغا، توختىماي يەڭگىلگىنە تېگىشىنې. تۇراي مەن مەيلى داغدام چوڭ يوللاردا، ياكى كۈل رەڭ پىيادىلەر كوچىسىدا، ئاڭلايمەن چوڭقۇرىدىن يۈرۈگۈمنىڭ، سۇلارنىڭ يەڭگىل خىتاپ قىلىشىنى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 404 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01