ئامېرىكا كۇباغا قاراتقان قامالنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئىيوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقى=Hashemite Kingdom of Jordan


1.جۇغراپىيەلىك شارائىتى
    ئىيوردانىيە يەر كۆلىمى 89 مىڭ 342كىۋادرات كىلومېتىر. ئۇ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىسىمىغا جايلاشقان. جەنۇبتا قىزىل دېڭىزغا يېقىن، شىمالدا سۈرىيە بىلەن، شەرقىي شىمالدا ئىراق بىلەن چېگرىداش، شەرقىي جەنۇب ۋە جەنۇب تەرەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قوشنا، غەربتە پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن چېگراداش. ئىيوردانىيە  يېرىم ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، 26كىلومېتىر كەڭلىكتىكى ئاقابا قولتۇقى بىردىنبىر دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىدۇر. يەر شەكلى جەھەتتە غەربى ئېگىز، شەرقى پەس بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. غەربىي قىسمى تاغلىق، شەرقىي ۋە شەرقى جەنۇبىي قىسمى قۇملۇق بولۇپ، قۇملۇق مەملىكەت زېمىنىنىڭ 80%تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ. ئىئوردانىيەدىكى دەريالار شەرقتىن باشلىنىپ غەرپتىكى ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئۆلۈك دېڭىز تۇزلۇق بولغاچقا، ئېڭىز تەكشىلىكىدىن 392مېتىر تۆۋەن. ئىيوردانىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى تاغلىق رايونلار سۇبتروپىك بەلباغنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە.



2. ئاھالىسى ۋە تىلى
   ئىيوردانىيەنىڭ 6 مىليون 500مىڭ ئەرەبلەر ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ يەنە ئاز ساندا تۈركمەنلەر، ئەرمەنلەر ۋە قىرغىزلار بار. دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى، ئىنگلىز تىلى ئورتاق قوللىنىلىدۇ، 92% تىن ئارتۇق ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، تەخمىنەن 6% ئاھالىسى خىرىستىيان دىنىغا، ئاساسلىقى پىراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.


3. پايتەختى
  پايتەختى ئاممان ئىيوردانىيەنىڭ ئېقتساد، مەدەنىيەت مەركىزى، شۇنداقلا غەربىي ئاسىيانىڭ سودا، پۇل مۇئامىلە ۋە قاتناش مەركىزىدۇر. ئاممان ئاجلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ ئۈستىگە قايلاشقان بولغاچقا، «يەتتە تاغ» شەھىرى دەپ ئاتالغان. ئاھالىسى تەخمىنەن 2 مىليون 500مىڭ بولۇپ، مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 3%.42نى ئىگىلەيدۇ، ھاۋاسى ئادەمگە ياقىدۇ، 8 ـ ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.25 سېلسىيە گرادۇس،1 ـ ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8 سېلسىيە گرادۇس.


4.قىسقىچە تارىخى
   ئىيوردانىيە ئەسلىدە پەلەستىننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى شەھەر دۆلىتى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 13 ـ ئەسىردە قۇرۇلغان. ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئاسسۇرىيە، بابىلون، پېرسىيە ۋە ماكېدونىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.7 ـ ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيەسىگە، 16 ـ ئەسىردە ئوسمانىيلار ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.
    1921 ـ يىلى ئەنگلىيە ئىيوردانىيە دەرياسىنى چېگرا سىزىقى قىلىپ، پەلەستىننى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلگەن، غەربىي قىسمى يەنىلا پەلەستىن دەپ ئاتالغان، شەرقىي قىسمى تاشقى ئىئوردانىيە دەپ ئاتالغان. 1938 ـ يىلى 2 ـ ئايدا، ئەنگلىيە تاشقى ئىيوردانىيە بىلەن 20 يىللىق ئەنگلىيە ـ ئىيوردانىيە كېلىشىمىنى تۈزگەن. 1946 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى ئەنگلىيە نائىلاق تاشقى ئىيوردانىيەنىڭ مۇستەقىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، شۇ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى ئابدۇللا تەختكە چىقىپ، پادىشاھ بولغان ۋە دۆلەت نامىنى تاشقى ئىيوردانىيە ھاشىم خانلىقى دەپ ئاتىغان. 1948 ـ يىلى ئەنگلىيە ئىيوردانىيە كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە مەجبۇرىي ھالدا 20 يىللىق مۇددەت بىلەن ئەنگلىيە «ئىتتىپاق شەرتنامىسى»نى تۈزگەن. 1948 ـ يىلى 5 ـ ئايدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئىيوردانىيە ئىيوردانىيە دەرياسىنى غەربىي قىرغىقىدىكى 4800 كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىننى ئىگىلىگەن. 1950 ـ يىلى 4 ـ ئايدا ئىيوردانىيە دەرياسىنى غەربىي قىرغىقى بىلەن شەرقىي قىرغىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىيوردانىيە ھاشىم خانلىقى دەپ ئاتىغان. 1967 ـ يىلىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقنى ئىگىلىۋالغان. 1988 ـ يىلى 7 ـ ئايدا پادىشاھ ھۈسەين ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونلارنىڭ «قانۇن ۋە مەمۇرىيە مۇناسىۋىتى» ئۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان. 1994 ـ يىلى 10 ـ ئايدا ئىيوردانىيە ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغان. 1995 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ئىيوردانىيە 340 كىۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدىكى ئايرىلىپ قالغان زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان. ئىيوردانىيە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتتۇر.


5.دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربى
   دۆلەت بايرىقىدا بايراق خادىسى تەرەپتىكى قىزىل رەڭلىك ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈستىدە بىر دانە ئاق رەڭلىك يەتتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز بار؛ ئوڭ تەرپىدە يۇقىرقىدىن تۆۋەنگەن قاراپ، قارا، ئاق ۋە يېشىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭلىك پاراللېل كەڭ سىزىقتىن تەركىب تاپقان.
   دۆلەت گېربى چىغ قالپاق شەكلىدە بولۇپ، چوققىسىدىكى خان تاجى ئىيوردانىيەنىڭ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. چىغ قالپاق ئىچىدىكى يۇمىلاق شار ئۈستىدە قاناتلىرىنى كېرىپ تۇرغان سالاھىددىن بۈركۈتى بار. بۈركۈتنىڭ ئىككى يېنىدا ئىيوردانىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى بار، ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئەرەب شەمشىرى ۋە ئوقيا غالىبىيەتنىڭ سىمۋولىدۇر. يەر شارىنىڭ بەلگىسى بولغان يۇمىلاق شارنىڭ ئىككى يېنىدىكى بۇغداي باشىقى بىلەن پالما شېخى يېزا ئىگىلىكنىڭ سىمۋولىدۇر. مۇستەقىللىق كۈنى ۋە دۆلەت بايرىمى كۈنى 5 ـ 25 ـ كۈنى.


6. ئېلىمىز بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى
    77 ـ يىل 4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى ئىيوردانىيە ئېلىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇناسىۋىتى كۈچەيگەن.
   2004 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، 2005 ـ يىلى 12ـ ئايدا ۋە 2007 ـ يىلى 10ـ ئايدا  پادىشاھ ئابدۇللا Ⅱ ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2011 ـ يىلى 5 ـ ئايدا جۇڭگو مەدەنىيەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىيوردانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان.


7. مائارىپى
   ئىيوردانىيە مائارىپ ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەت. پۇقرالار باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىيوردانىيەدە ھۆكۈمەت تارىمىقىدىكى 8، خۇسۇسىيلار تارىمىقىدىكى 12 ئالىي مەكتەپ بار. مائارىپ خىراجىتى تەخمىنەن 211 مىليون ئىيوردانىيە دىنارى، مەملىكەتتىكى ساۋاتسىزلىق نىسبىتى 1%.8  .  ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدە جەمئىي 114 ئىلىم مەركىزىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، 130 مىڭ ئاھالىنى ICT مائارىپى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

8.ئىقتىسادى تەرەققىياتى
ئىوردانىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىقتىسادى ئاساسى ئەڭ ئاجىز گەۋدە بولۇپ، سۇ، نېفىت ۋە باشقا تەبىئى بايلىقلارنىڭ ھىچقايسىدا ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ، ئىقتىسادىدا چەتئەل ياردىمى، تاشقى قەرز، چەتئەللەردىكى ئىئوردانىيىلىكلەرنىڭ ئەۋەتكەن تاشقى پرىۋوتى قاتارلىقلار ئۇمۇمى مىللى دارامەتنىڭ 70%دىن ئارتۇقىنى ئىگەللەيدۇ. 2011-يىلى 10-ئيدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا ئىئوردانىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 28مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 5300دوللاردىن توغرا كەلگەن. ئىئوردانىيەدە سۇ ئاز بولغاچقا ئاران3% ئادەم يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 30% ئاھالە نېفىت پىششىقلاش، كالىلىق ئوغۇت، سىمونت ئىشلەش قاتارلىق سانائەت بىلەن، 67% ئاھالە مۇلازىمەت كەسپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىشسىزلىق نىسبىتى 20%دىن ئاشىدۇ. تاشقى سودىسىدا ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. يېقىنقى 5يىلدىن بۇيان ئىئوردانىيە دۆلەت ئىگىلىكىنى خۇسۇسىلاشتۇرۇش، مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقتىن ئىقتىسادى يىلىغا 5%لىك سۈنئى ئېشىش نى ساقلاپ كەلدى، ئىئوردانىيەنىڭ پۇلى ئىئوردانىيە دىنارى بولۇپ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بىر ئامېرىكا دوللىرى=0.709 ئىئوردانىيە دىنارى تەڭ بولۇشتەك تاينىشچانلىقتا پۇل-مۇئامىلە بۆھرانىدىن ساقلىنىپ كەلمەكتە.
   ئىئوردانىيە نامرات بولسىمۇ ئەمما قاتناش، تېلېگىراف قاتارلىق ھۇل ئەسلىھەلەرگە كۆپ مەبلەغ سالغان، ئىئوردانىيەنىڭ ئىنتېرنېتتىكى تور نامى ئاياقلاشمىسى .jo
2011-يىلى 10ئايغا قەدەر ئىئوردانىيەدە مۇقىم تېلېفون ئابونتى 500مىڭ، يانفون ئابونتى 6مىلىيۇن200مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 2مىلىيۇن320مىڭ بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 412 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01