كولومبىيە جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

كولومبىيە جۇمھۇرىيىتى=Republic of Colombia


1.جۇغراپىيەلىك شارائىتى
   كولومبىيەنىڭ يەر كۆلىمى 1 مىليون 141 مىڭ 748 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ،جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شەرقتە ۋېنېزۇئېلا ، شەرقى جەنۇپتا بىرازىلىيە بىلەن قوشنا، جەنۇبتا پېرۇ بىلەن، غەربى جەنۇپتا ئېكۋادور بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالى پاناما بىلەن چېگرىداش، شىمالدا كارىب دېڭىزىغا، غەرىبتە تىنچ ئوكيانغا قارىشىپ تۇرىدۇ.


2. ئاھالىسى ۋە تىلى
  كولومبىيەنىڭ ئاھالىسى 44 مىليون 725مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندى ـ ياۋروپا ئارىلاش قان تىپىدىكىلەر 60% نى , ئاق تەنلىك ئىسپانلار 20%نى، ئەق قارا تەنلىكلەرنىڭ شالغۇت ئەۋلادلىرى 14%نى، قارا تەنلىكلەر4%نى، قارا تەنلىكلەر ۋە يەرلىك ئىندىئانلاردىن بولغان شالغۇتلار 3%نى، ئىندىئانلار 1%نى  ئىگىلەيدۇ. دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى. 90% ئاھالىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.


3. پايتەختى
  پايتەختى بوگوتانىڭ ئاھالىسى 8مىليون 776مىڭ. يىللىق ئوتتۇرىسىچە تېمېراتۇرىسى 14 سېلسىيە گرادۇس.


4. قىسقىچە تارىخى
   قەدىمكى دەۋەردە كولومبىيە چېگراسى ئىچىدە يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ بىر قىسمى بولغان چېپچا مىللىتى ۋە باشقا ئىندىئان قەبىلىلىرى ياشىغان . 1536 ـ يىلى كولومبىيە زىمىنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، يېڭى گراننادا دەپ ئاتالغان. 1810 ـ يىل 7 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئىسپانىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، كېيىن باستۇرۇلغان. 1819 ـ يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەقىللىق ئاتىسى سىمون بولىۋار رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچىلار بوياكا جېڭىدە ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، كولۇمبىيە قايتا ئازادلىققا ئېرىشكەن. 1821 ـ يىلىدىن 1822 ـ يىلىغىچە ھازىرقى ۋېنېزۇئېلا، پاناما ۋە ئېكۋادور بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1829 ـيىلىدىن 1830 ـ يىلىغىچە ۋېنېزۇئېلا بىلەن ئېكۋادور ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بۈيۈك  كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىدىن چېكىنىپ چىققان. 1831 ـ يىلى يېڭى گراننادا جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. 1886 ـ يىلى دۆلەت نامى كولومبىيە جۇمھۇرىيىتى قىلىپ  بېكىتىلگەن. 1903 ـ يىلى پاناما ئۆلكىسى ئامېرىكىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن كولومبىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. كولومبىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، لىبېرالىستلار پارتىيەسى بىلەن كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى نۆۋەتلىشىپ ھوقۇق تۇتقان.
2002 ـ يىلى 5 ـ ئايدا ئالۋارۇ ئۇرىبى چو سايلامدىكى تۇنجى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا 50% تىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ كولومبىيەدىكى ئىككى چوڭ ئەنئەنىۋى پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھوقۇق تۇتۇشتەك سىياسىي ۋەزىيەتكە خاتىمە بەرگەندىن كېيىن كولومبىيەدە تەدرىجى ھالدا دىموكراتىك تۈزۈلمە مۇكەممەللىشىكە باشلىدى.


5. دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربى
   كولومبىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى سېرىق ، كۆك ۋە قىزىل رەڭلىك ئۈچ دانە پاراللېل تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. سېرىق رەڭلىك بۆلىكى بايراقىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. سېرىق رەڭلىك بۆلىكى بايراقىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆك ۋە قىزىل رەڭلىك بۆلىكى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بايراقنىڭ 14نى تەشكىل قىلىدۇ. سېرىق رەڭ ئالتۇن رەڭ قۇياش، دانلىق زىرائەت ۋە مول تەبىئىي بايلىقىغا؛ كۆك رەڭ ئاسمان، دېڭىز ۋە دەريالارغا؛ قىزىل رەڭ ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تۆككەن قېنىغا سىمۋول قىلىنغان.
   دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «ئەركىنلىك بۆكى» ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنىڭ سىمۋولىدۇر. گېربنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى مۇنبەتلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئىككى دانە قوي مۈڭگۈزى بار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دانە ئانار بار. كولومبىيە ئىلگىرى «يېڭى گراننادا جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتالغان،«گراننادا»دېگەن سۆزنىڭ ئىسپان تىلىدىكى مەنىسى «ئانار». گېربنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى نۇسخىدا كولومبىيەنىڭ غەربتە تىنچ ئوكيانغا، شىمالدا كارىب دېڭىزىغا يېقىن ئىكەنلىكى سۈرەتلەنگەن. گېربنىڭ ئۈستۈنكى ئۇچىدىكى لائۇر دەرىخىنىڭ شاخ ۋە يوپۇرماقلىرىدىن ياسالغان گۈلچەمبىرەكنى چىشلەپ تۇرغان ئامېرىكا ۋۇلتۇر گرىفۇس بۈركۈتى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە شان ـ شەرىپىنىڭ سىمۋولىدۇر. بۈركۈت سىقىمدىۋالغان لېنتىغا ئىسپان يېزىقىدا «ئەركىنلىك، تەرتىپ» دېگەن سۆز يېزىلغان، بۇ تەرتىپ ئاستىدا ئەركىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. گېربنىڭ ئىككى يېنىغا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئىككى دانە دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان. مۇستەقىللىق كۈنى ۋە دۆلەت بايرىمى كۈنى 7 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى.

 

6. ئېلىمىز بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى
    1980 ـ يىل 2 ـ ئاينىڭ  7 ـ كۈنى كولومبىيە ئېلىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2005 ـ يىلى 4 ـ ئايدا زۇڭتۇڭ ئالۋارۇ ئۇرىبى ئېلىمىزدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2005 ـ يىلى 5 ـ ئايدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن كولومبىيەدە دوستانە زىيارەتتە بولغان. 2009   ـ يىلى 2 ـ ئايدا ئېلىمىزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ كولومبىيەدە دوستانە زىيارەتتە بولغان.

7.ئىقتىسادى
  كولومبىيە جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئاڭ دەسلەپ ئېچىلغان زمىننىڭ بىرى بولسىمۇ ئەمما ئىزچىل مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇپ كەلگەچكە تەرەققىيات پۇرسىتى ياخشى بولماي كەلگەن. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پەسىيىپ كولومبىيە ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشغا ئەگىشىپ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۈچىنچى چوڭ نېفىت دۆلىتى بولغان كولومبىيە خېلى ياخشى ئىقتىسادى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. كولومبىيە ئىقتىسادىدا قەھۋە، گۈلچىلىك، بانان، گۈرۈچ، تاماكا، قوناق، شېكەر قومۇشى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇمۇمى قىممىتى مىللى دارامەتنىڭ 10%ىنى، توقۇمىچىلىق، يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، نېفىت مەھسۇلاتلىرى، نېكىل ۋە كۆمۈر قېزىشنى ئاساس قىلغان كانچىلىق قاتارلىق سانائەت 37%نى، مۇلازىمەت 53%نى ئىگەللەيدۇ.  
2010-يىلى كولومبىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى 285مىلىيارد دوللار يىللىق ئېشىشى 4.3% بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 9800دوللار توغرا كەلگەن. كولومبىيەنىڭ پۇلى كولومبىيە پېسوسى بولۇپ 2010-يىلى بىر دوللار=1.869 پېسو بولغان.  مۇقىم تېلېفون ئابونتى 7مىلىيۇن 520مىڭ، ياناون ئابونتى 43مىلىيۇن120مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 23مىلىيۇن110مىڭ بولغان، كولومبىيەنىڭ خەلقارا تور نامى ئاياقلاشمىسى .co .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 487 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01