ساكيامونى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 


   

   

ساكيامونى .گائۇتاما
ساكيامونى .گائۇتاما

    ساكيامونى-يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ 4-سى گائۇتاما سىددا ئارتا Siddhattha Gotama (سۇددا خانىنىڭ شاھزادىسى) دۇنياۋى چوڭ دىنلارنىڭ بىرى بولغان بۇددا دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى. ساكيامونى مىلا
دىدىن ئىلگىرىكى 563-يىلى نېپالنىڭ لائۇمېن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، دادىسى قەدىمكى ھىندىستاننىڭ شەرقى شىمالىدىكى نېپال بىلەن چېگرىلىنىدىغان كاپىلاۋۇستۇ دۆلىتىنىڭ پادىشاھى. سىددا ئارتاتنىڭ ياشلىق دەۋرى راھەت - پاراغەت ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئۇ 16 يېشىدا قۇرداش جىيەن سىڭلىسى ياسودارا بىلەن توي قىلىدۇ. بىراق ئۇ ئوردىدىكى ئەيش -ئىشرەتلىك تۇرمۇشقا قانائەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلىكىنى، ئۇلار مۇھتاجلىق ۋە زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە بەخت ھەرگىزمۇ بايلارنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن نەرسە ئەمەسلىكىنى، ھەرخىل پېشكەللىكلەر ئۇلارنى ئەگىپ يۈرىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. ئۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ كېسەل بولىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئەزرائىلغا تەسلىم بولىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. سەددغارت ھاياتلىقتا، يەنە كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئارىلىقتا ئازاب - ئوقۇبەت ۋە ئۆلۈم ئۆچۈرۈۋېتەلمەيدىغان بىر خىل نەرسە كېرەك، دەپ ئويلايدۇ.

ساكيامونىنىڭ نېپالدىكى تۇغۇلغان جايى ساكيامونىنىڭ نېپالدىكى تۇغۇلغان جايى



   گائۇتاما 29 يېشىدا، تۇنجى پەرزەنتى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا تەركىدۇنيا بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەقىقەت ئىزدەش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالى، بالىسى ۋە بارلىق مال - دۇنياسىنى تاشلاپ، ئوردىدىن ئايرىلىپ، ھېچنېمىسى يوق سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى ساخاۋەتلىك ئادەملەردىن تەلىم ئالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلارنىڭ تەلىماتى ۋە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىن قانات ھاسىل قىلمايدۇ. راھىب بولۇپ زاھىتلىق قىلىش ھەقىقەتكە ئۆتىدىغان بىردىنبىر يول دېگەن ئىدىيە، ئەينى ۋاقىتتا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىدىيە دەپ قارىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن گائۇتاما دەرۋىش بولۇش نىيىتىدە، سەپىرىنى داۋام قىلىپ، يالۇۋىرا ئەتراپىغا جايلاشقان سانانى كەنتىگە يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ كەنتتە بەش دەرۋىشنى ئۇچرىتىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە دۇئا - ئىبادەت قىلىدۇ. گائۇتاما بالوۋىرادا ئالتە يىل تۇرىدۇ. ئۇ بۇ ئالتە يىل جەريانىدا قاتتىق جاپالىق ئىبادەت قىلىدۇ، ھەتتا ئورۇقلاپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. ئۇ جاپالىق ئىبادەت قىلىش بىلەن ھەقىقەتكە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىپ، قايتىدىن تاماق يېيىشكە كىرىشىپ، جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بەش ھەمراھى ئۇنى تاشلاپ كېتىدۇ. 


   

«گائۇتامانىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشى»«گائۇتامانىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشى»

    ئۇ بۇد (فىكوس) دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتقاندا، ئۇ بىردىنلا ئۇنىڭ كۆزى يورۇغاندەك، پۈتۈن مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇ كۈن بويى چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق، تاڭ سەھەردە ھاياتلىقتىكى ئازاب - ئوقۇبەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى تېپىپ چىققاندەك بولىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ «بۇدساتۋا» (ئويغانغۇچى دېگەن مەنىدە) غا ئايلانغانلىقىغا 
ھەقىقىي ئىشىنىدۇ. شۇ يىل ئۇ 35 ياشتا ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن گائۇتاما ھىندىستاننىڭ شىمالى قىسمىدا 45يىل بۇددا دىنىنى تەرغىب قىلدى، ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 483-يىلى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى مىڭدىن ئاشقان ئىدى. گائۇتامانىڭ گەپ-سۆزلىرى خاتىرىگە ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ تەلىماتىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئېغىزدىن ئېغىزغا يەتكۈزۈپ كەلدى.



 

   

ASI ئابىدىسىASI ئابىدىسى

     بۇددىزم تەلىماتىنى مۇنداق تۆت نۇقتىغا (يەنى «تۆت ھەقىقەت» كە) يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ: بىرىنچىسى، «جاپا»، يەنى ئىنسان ھاياتىدا بەخت مەۋجۇت ئەمەس، بۇ دۇنيا پۈتۈنلەي «جاپا» ئۈستىگە قۇرۇلغان؛ ئىككىنچىسى، «سەۋەب»، ئۇ ئىنسان ھاياتىدىكى جەۋر - جاپانىڭ سەۋەبى، ئىنساننىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە نەپسانىيەتچىلىكىدىن بولغان دەپ قارايدۇ؛ ئۈچىنچى، «يوقىلىش»، بۇ دۇنيادىكى بارلىق جەبر - جاپانىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى يوقىتىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بۇددىزمنىڭ بارلىق تائەت - ئىبادىتىدە يەتمەكچى بولغان مەقسىتى. «خالىس بولۇش» «نىراۋانا» (بۇددا دىنىدا ھايات - ماماتتىن خالىي بولغان ھالەتكە ئىنتىلىش توغرىسىدىكى خىيال) - بۇددىزمنىڭ ئەڭ يۇقىرى غايىسى؛ تۆتىنچىسى، «تەرىقەت»، بۇ شەخسىيەتچىلىكتىن قۇتۇلىدىغان بارلىق نەزەرىيىۋى ۋايىزلىق ۋە ئىبادەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بۇددىزىمدا «ئارياش تانگىكا» (سەككىز تەرىقەت) دېيىلىدۇ. يەنى 1. «سامياك - درستى» (توغرا قاراش)، بۇددىزم «ھەقىقىتى»، تۆت ھەقىقەت قاتارلىقلارغا بولغان توغرا قاراش؛ 2. «سامياك - سان - كالپا» (توغرا تەپەككۇر)، تۆت ھەقىقەت قاتارلىق بۇددىزمنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىگە بولغان توغرا تەپەككۇر؛ 3. «سامياك - ۋاس» (توغرا گەپ - سۆز)، تىل ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، بۇددىزم ئەقىدىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بارلىق گەپ - سۆزلەرنى قىلماسلىق؛ 4. «سامياك - كارمانتا» (توغرا ئىش)، پاك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش؛ 5. «سامياك - ئاجىۋا» (توغرا ھايات يولى)، بۇددىزم قائىدە - يوسۇنلىرىغا توغرا كېلىدىغان توغرا تۇرمۇش كەچۈرۈش؛ 6. «سامياك - ۋىياياما» (توغرا ئىنتىلىش)، بۇددىزمدا كۆرسەتكەن ئەڭ يۇقىرى غايە «نىرۋانا» ئۈچۈن تەۋرەنمەي ئىنتىلىش؛ 7. «سامياك - سمرتى» (توغرا ئوي - خىيال)، تۆت ھەقىقەتتىن ئىبارەت بۇددىزم «ھەقىقىتى» نى ئەستە چىڭ ساقلاش؛ 8. «سامياك - سامادى» (توغرا ئىستىقامەت)، بۇددىزمنىڭ ئىستىقامەت قىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش تۆت ھەقىقەتنى پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئەستايىدىل كۆزىتىش.

   بىز بۇ يەردە مۇنداق بىر نۇقتىنى تولۇقلاپ ئۆتمەكچىمىز، ئۇ بولسىمۇ، بۇددىزمنىڭ دەرۋازىسى بارلىق ئىنسانىيەتكە ئېچىقلىق، ئۇ ھىندى دىنىنىڭ ئەكسىچە، ھېچقانداق ئىرق ۋە سىنىپ پەرقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ساكيامونىنىڭ تەلىماتى ئۇ ۋاپات بولۇپ بىر نەچچە ئەسىردىن كېيىن خاتىرىگە ئېلىنغان، ئەپسۇسكى ئۇ ياراتقان بۇددا دىنى كېيىنكى چاغلاردا بىر نەچچە مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ساكيامونى دۇنيادىكى ئاساسلىق بىر دىننىڭ بەرپاچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغىنىمىزدا بىرىنچىدىن ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن بالدۇر ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن مۇرتلىرىنىڭ ئىككى يۈز مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن گەرچە ئۆزىنى بۇددىست ھېساپلىمىسىمۇ، نۇرغۇن جوڭگۇلۇق، كورىيىلىك، ياپونىيەلىك ۋە ھىندىستانلىقنىڭ ئىدىيىسىنىڭ بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ناۋادا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالام تىرىلىپ كېلىدىغان بولسا، ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىدىن شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ دىنى مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ ئۆزئارا ئۇرۇش تالاشتا نەچچە مىليون ئادەمنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگىنىنى كۆرسە چوقۇم ئازابلىنىشى مۇمكىن، ئەمما ھىندى دىنىدا نۇرغۇن مەزھەپلەر بولسىمۇ تارىختىن بۇيان بۇددا دىنى مەزھەپلىرى ئوتتۇرسىدا مەزھەپ تۈپەيلى قان تۆكۈلگىنى يوق.



سىددا ئارتا Siddhatthaسىددا ئارتا Siddhattha


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 755 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-07