لىۋىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

لىۋىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى=Libyan Arab Republic


1.جۇغراپىيەلىك شارائىتى
لىۋىيە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ئىتالىيە بىلەن، شەرق ، جەنۇب، غەرب تەرىپى مىسىر، سۇدان، چاد، نىگېر، ئالجىرىيە ۋە تۇنىس بىلەن چېگراداش. يەر كۆلىمى 1مىليون 760مىڭ كىۋادرات كىلومېتر. زېمىنىنىڭ 95%تىن ئارتۇقراقى قۇملۇق ۋە يېرىم قۇملۇق. چېگرا ئىچىدە يىل بويى ئاقمايدىغان دەريا ۋە كۆللەر بار. شەرقى شىمالىدىكى بەنىغازى ۋە غەربى شىمالىدىكى تىرىپولى ئەتراپىدىكى كىچىك دېڭىز ياقىسى رايونى سۇبتروپىك بەلباغ ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە، قىشتا ئىللىق، يامغۇر كۆپ ياغىدۇ؛ يازدا ئىسسىق، قۇرغاق بولىدۇ. ياز پەسلىدە دائىم جەنۇبتىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن كەلگەن قۇرغاق ئىسسىق شامالنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تېمپېراتۇرىسى 50سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى كۆپ قىسىم رايونلار سەھرايى كەبىرنىڭ ئىسسىق بەلباغ قۇملۇق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، قۇرغاق ئىسسىق، يامغۇر ئاز، پەسىللەر ئارىسىدىكى ۋە كۈندۈز بىلەن كېچە ئوتتۇرىسىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ.


2. ئاھالىسى ۋە تىلى
لىۋىيەنىڭ 2011-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئاھالىسى 6 مىليون 600مىڭ بولۇپ، لىۋىيەلىك ئەرەبلەر 8%.83نى ئېگىلەيدۇ. قالغان قىسمى مىسىرلىقلار، تۇنىسلىقلار، بېنگاللاىقلار ۋە يەرلىك بەربەرلەردىن ئىبارەت. سۈننىي مەزھىپىدىكى مالىكىيە فىرقىسىدىكى مۇسۇلمانلار 97%نى ئىگىلەيدۇ. مالتا ۋە ئىتالىيە كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان 1%ئاھالە كاتولىك دىنىغا، يەرلىك قىبتىلارغا مۇناسىۋەتلىك 1%ئاھالە خىرىستان دىنى پراۋىسلاۋ مەزھىبىنىڭ كوپتىك مەزھىبىگە يەنە 1%ئاھالە ئىسلام دىنى خاۋارىج مەزھىبىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىبادى مەزھىبىەە ئىشىنىدۇ. لىبىيەنىڭ دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى، ئاساسلىق شەھەرلىرىدە ئىنگلىز تىلى بىلەن فىرانسۇز تىلىمۇ قوللىنىدۇ.


3.پايتەختى
پايتەخت تىروپولى(ئەسلىدە تارابۇلۇس بولۇشى كېرەك) لىۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھەر ۋە دۆلەتنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەەنىيەت مەركىزى بولۇپ ئاھالىسى ئىككى مىلىيۇندىن ئاشىدۇ. لىۋىيەنىڭ قۇرغاق تروپىك بەلباغ چۆل ئىقلىمىنىڭ سەل ئەكسىچە تىرىپولى قىشتا ھۆل يېغىنلىق بولىدىغان ئىللىق ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ تۇپرىقى مۇنبەت، تىرىپولى ئەتراپى لىۋىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونى ھىساپلىنىدۇ. تىرىپولىنىڭ سانائىتى پۈتكۈل مەملىكەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىش قىممىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. تىرىپولىدا قەدىمكى رىمنىڭ گىلادىياتورلار مەيدانى خارابىلىكى ۋە باشقا خاندانلىقلار مەزگىلىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر بار.


4. قىسقىچە تارىخى
قەدىمكى لىۋىيەنىڭ ئاھالىسى يەرلىك بەربەرلەردىن تۇئارېگلار ۋە تۇبۇلار بولۇپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 7 ـ ئەسىرنىڭ ئالدى ـ كەينىدە پۇنىكلار بېسىپ كىرگەن. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 201 ـ يىلى لىۋىيەلىكلەر پۇنىكلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشتە بىرلىككە كەلگەن، ۋە نۇمىدىيە پايدىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 146 ـ يىلى رىملىقلار بېسىپ كىرگەن. ۋە لىۋىيەنى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان. 7 ـ ئەسىردە ئەرەبلەر ۋىزانتىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئەرەب مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كىرگەن. 16 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوسمانىيلار ئىمپېرىيەسى تىرىپولىتانىيە بىلەن سىرېنايكىنى بېسىۋېلىپ، دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارنى كونترول قىلغان.

1912-يىلى ئىتالىيە لىۋىيەنى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان ۋە ئىتالىيەگە قاراشلىق شىمالى ئافرىقا نامىدا مۇستەملىكە قۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىتالىيە فاشىستلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقتىن 1943 ـ يىلىنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قوشۇنلىرى لىۋىيەنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسىمىنى ئىگىلىۋالغان. 1951 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى لىۋىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، لىۋىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنى قۇرغان، ئىدىرىس پادىشاھ بولغان، شۇنداقلا بۇ كۈننى مۇستەقىللىق كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. 1963 ـ يىل 4 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى دۆلەت نامى لىۋىيە پادىشاھلىقى، دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1969 ـ يىل 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كازافى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئىدىرىس خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1977 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى كازافى «خەلق ھوقۇقى خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە خەلق كومىتېتلىرىنى قۇرغان. 1986 ـ يىلى 4 ـ ئايدىن باشلاپ «بۈيۈك ئەرەب لىۋيە سوتسىيالىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» دېگەن نامنى ئىشلەتكەن. 2011-يىلى لىۋىيە خەلقى ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرىدە 42يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن قازافى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ لىبىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.


5. ـ دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربى
لىۋىيەنىڭ قازافى دەۋرىدىكى دۆلەت بايرىقى يېشىل رەڭدە بولۇپ، ھېچقانداق نۇسخا چۈشۈرۈلمىگەن. قازافى ئاغدۇرۇلۇپ لىبىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن لىۋىيەنىڭ ئىدرىس پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى ئەڭ ئۈستى تۆتتىن بىرى قىزىل رەڭلىك، ئوتتۇرسىدىكى ئىككىدىن بىرى قارا رەڭلىك ئاي يۇلتۇزلۇق ، ئەڭ ئاستى تۆتتىن بىرى يېشىل رەڭدىن تەركىپ تاپقان ئۈچ رەڭلىك ئاي يۇلتۇزلۇق بايراق قايتىدىن ئىشلىتىلدى. بايراقنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل رەڭ ئىتالىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا شېھىد بولغان لىۋىيەلىكلەرنىڭ قېنىغا، ئاي يۇلتۇزلۇق قارا بايراق لىۋىيىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىغا، ئاستىدىكى يېشىل رەڭ قۇملۇقتىكى ئەرەبلەرنىڭ تېنچلىق ۋە تەرەققىياتقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ سىمىۋولى. لىۋىيەلىكلەر يېشىل رەڭنى ئىنقىلابنىڭ سىمۋولى، ئامەت، بەخت ۋە غەلىبىنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ.
لىۋىيە دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى مەيدىسىگە يېشىل قالقان ئويۇلغان بۈركۈت. بۈركۈتنىڭ بارمىقى ئاستىدىكى لېنتىغا ئەرەب يېزىقىدا: «ئەرەب جۇمھۇرىيىتى ئىتتىپاقى» دەپ يېزىلغان. لىۋىيە ئىلگىرى دۆلەت نامىنى بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت گېربىدىكى خەت پەقەتلا ئۆزگەرمىگەن.


6. ئېلىمىز بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى
لىۋىيە 1978 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ئېلىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.


7. مائارىپى
لىۋىيە ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلغان. 15 ياشتىن يۇقىرى بولغانلار ئىچىدە مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغانلار ئومۇمىي ئاھالىنىڭ 6%.82 ئىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ شىمالىي ئافرىقا بويىچە ئەڭ يۇقىرى نىسبەت ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 303مىڭ 100 بولۇپ، 1 مىليون 455مىڭ 500 ئوقۇغۇچى بار. پۈتكۈل مەملىكەتتە 15 ئالىي مەكتەپ 73 پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، 11مىڭ 400 ئوقۇغۇچى بار.

 

8.ئىقتىسادى

لىۋىيە دۇنيادىكى نېفىت بايلىقى مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مۇستەقىل بولغاندا نوپۇسى بىرمىليۇنغىمۇ يەتمەيدىغان لىۋىيە نېفىتقا تايىنىپ دۇنيادىكى قۇدرەتلىك، باي دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. نېفىت ۋە نېفىتقا مۇناسىۋەتلىك ئەشيالار لىۋىيە ئېكسپورتىنىڭ 95%نى، مىللى دارامەتنىڭ 25%ىنى، ھۆكۈمەت مالىيە كىرىمىىڭ 80%ىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. تېرىلغۇ يەر قىس بولغانلىقتىن لىۋىيە يىمەك ئىچمەكنىڭ 75%ىنى سىرتتىن كىرگۈزىدۇ. نۆۋەتتە لىۋىيە غايەت زور مەبلەغ سېلىپ دېڭىز سۈيىنى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئويمان يەرلەرگە باشلاپ، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىلاندۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە كېرەكلىك تاتلىق سۇ بايلىقىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ.
   لىۋىيەنىڭ 2010-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتى74مىلىيارد 234مىلىيۇن دوللار بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 14مىڭ دوللاردىن توغرا كېلىپ ئافرىقا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. لىۋىيە ئاھالىسىنىڭ 17%ى يېزا ئىگىلىك بىلەن 60% نېفىتقا مۇناسىۋەتلىك كانچىلىق ۋە سانائەت بىلەن 23% ئاھالىسى 3-كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  لىۋىيەنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈزۈلمىسى مۇكەممەل بولۇپ، مائارىپ ۋە داۋالىنىش قاتارلىق ئاساسلىق ساھەلەر لىۋىيە پۇخرالىرىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ، بۇ ھال لىۋىيەدە ئىشسىزلىقنىڭ 30%دىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

لىۋىيەنىڭ تاشقى سودىسىدا نېفىت ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللىگەندىن باشقا يەنە ئىتالىيە، فرانسىيە، جۇڭگو، تۈركىيەلەر بىلەن بولغان سودىسى ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. لىۋىيەنىڭ پۇلى لىۋىيە دىنارى  (LYD). گەرچە لىۋىيە لىۋىيە دىنارىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان پرىۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرمىغان بولسىمۇ يىللاردىن بۇيان بىر ئامېرىكا دوللىرى=1.3 لىۋىيە دىنارى ئەتراپىدا بولغان مۇقىم پىرىۋوت نىسبىتى ساقلىنىپ كەلمەكتە. لىۋىيە گەرچە يۈكسەك تەرەققى قىلغان دۆلەت بولسىمۇ ئاھالە شالاڭ ئولتۇراقلاشقانلىقتىن تۆمۈر يول يوق،  ئىنتېرنېت ئالاقىسى تازا تەرەققى تاپمىغان.
  لىۋىيەنىڭ خەلقارا تور ئاياقلاشمىسى كودى.ly.
 2011-يىلى 4-ئايدا لىۋىيەدە ئىنقىلاپ پارتىلاش ھارپىسىدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ مەلۇماتىغا قارىغاندا لىۋىيەدە مۇقىم تېلفون 1مىلىيۇن 1يۈزمىڭ، يانفون ئابونتى 5مىلىيۇن 500مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 512مىڭ بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 797 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01