«ئالەم (ئاسمان تېگى) دىكى ئادەملەر»

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   «ئالەم (ئاسمان تېگى) دىكى ئادەملەر»

       “جاڭ يۈەنشەن ( قىسقارتىلغان تەرجىمە) ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ئەركىندۇر،بۇ،ئىزاھلاش كەتمەيدىغان ھەقىقەت. ھالبۇكى،تەرىقەتچىلەر(كۇڭزىچىلار) نىڭ قارىشىچە،ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ئەركىن ئەمەستۇر....كۇڭزىچىلار: ئالەمدىكى ئادەملەر دېمەك ئالەمدىكى قۇللار، ئالەمدىكى ئادەملەر ئەمەلىيەتتە «ئادەم تېگىدىكى ئادەملەر» يەنى،خان-پادىشاھلارنىڭ قۇللىرىدۇر، دەپ ھىسابلايدۇ. ئالەمگە دۈشمەن ،ئادەمگە ئۆچمەن بولغان بۇ قۇلچىلىق نەزەرىيسىنى كۇڭزىچىلار: «ئالەم ئۆزگەرسىمۇ،ئۆزگەرمەيدىغان »،«قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت» دەپ قارايدۇ. كۇڭزىچىلار «ئالەمدىكى ئادەملەر »نى كەمسىتىپ ،«ئادەم تېگىدىكى ئادەملەر»دەپ ئاتىغاندىن كېيىن،يەنە تېخى يول تېپىپ بەرمەكچى بولغاندەك :« جاپانىڭمۇ جاپاسىنى چەككەندە،ئادەم ئۈستىدىكى ئادەم بولغىلى بولىدۇ» دېگەننى ئوتتۇرىغا قۇيغان. كۇڭزىچىلارنىڭ قارىشىچە ،پۈتكۈل ئالەمدىكى ئادەملەر يەنى «ئادەم تېگىدىكى ئادەملەر»نىڭ ھاياتنىڭ مەنىسى ،«ئادەم ئۈستىدىكى ئادەم» بولۇش،ئاخىرقى نىشان -«ئەمەلدار »بولۇشتىن ئىبارەت .«ئەمەلدار» ئاڭلىماققا يۇقىرى شان-شەرەپتەك تۇرغىنى بىلەن ،ئەمەلىيەتتە ،يەنىلا قۇلدۇر. ماھىيەتتىن ئېيىتقاندا،«ئادەم ئۈستىدىكى ئادەملەر » بىلەن «ئادەم تېگىدىكى ئادەملەر» نىڭ ھەممىسى-ئالەمدىكى ئادەملەرــ خان-پادىشاھلارنىڭ قۇللىرى،غەيرى ماھىيەتلىك پەرقى بويىچە ئېيىتقاندا بولسا،«ئادەملەر ئۈستىدىكى ئادەم»ــ خان-پادىشاھنىڭ غالچىلىرى ،«ئادەم تېگىدىكى ئادەملەر» ــ خان-پادىشاھلارنىڭ قۇللىرىدۇر. ئالەمدىكى ئادەملەر مۇتلەق ھالدىكى «ئادەم تېگىدىكى ئادەملەر »بولغاچقا ،دەرىجە پەلەمپەيلىرىدە ھەر قانچە يۇقىرىغا ياماشقىنى بىلەن يەنىلا پەقەت نىسپى ھالدىكى«ئادەم ئۈستىدىكى ئادەم »بولالايدۇ. «ئادەم تېگىدىكى ئادەم» لىكتىن «ئادەملەر ئۈستىدىكى ئادەم» گە ئايلانغان تەقدىردىمۇ ،ئۇ پەقەت «قۇل تېگىدىكى قۇل» دىن «قۇل ئۈستىدىكى قۇل» غا ئۆزگىرەلەيدۇ، خالاس. «ۋەزىر» ناھايىتى كەلسە،چوڭ قۇل،« بىر ئادەمنىڭ تېگىدە،ئون مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئۈستىدە» تۇرىدىغان باش ۋەزىرمۇ ناھايىتى كەلسە،دەرىجىسى ئەڭ ئۈستۈن قۇلدۇر. شۇڭا، « ئادەملەر ئۈستىدىكى ئادەم »دېگەن گەپ «قۇللار ئۈستىدىكى قۇل» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش؛ «ئادەم تېگىدىكى ئادەملەر »بولسا ،«قۇل تېگىدىكى قۇللار» بىلەن مەنىداش گەپ.كۇڭزىچىلارنىڭ پاكىتنى يېپىپ، ھەقىقى قىياپەتنى يۇشۇرىدىغان ئالى ۋاستىسى « نامىنى ئورۇنلۇق» قىلىش ئۈستىدە لاپ ئۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاتالمىش نامى ئورۇنلۇق بولمىسا ،گېپى يوللۇق بولمايدۇ؛ گېپى يوللۇق بولمىسا،ئىشنى ئەپلەشتۈرگىلى بولمايدۇ» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى، پاكىتنى يېپىپ،ھەقىقى قىياپەتنى يۇشۇرمىغاندا ،جاھاندىكى ئادەملەر يالغانغا ئاسان ئىشەنمەيدۇ-دە، ئۇلارنى قۇل قىلىش تەسكە چۈشىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. .................................................... ......«ساداقەتمەنلىك» بىلەن «ۋاپادارلىق »ــ كۇڭزىچىلار قۇلچىلىق مەسلىكىنىڭ ئىككى ئاچقۇچلۇق دۇرۇتى ۋە تۈپ ھۇل تېشى. «ساداقەتمەنلىك »ـــ غالچىلارنىڭ خوجاينىغا بولغان يەككە تامان بويسۇنۇشى،« ۋاپادارلىق »بولسا ،پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا يەككە تامان ئىتائەت قىلىشىدىن ئىبارەت. يەككە تامانلىق «ساداقەتمەنلىك» بىلەن يەككە تامانلىق «ۋاپادارلىق »ـــ ئادىمىيلىكتىكى تەڭسىزلىكنىڭ مەھسۇلى، ئالەمدىكى ئادەملەرنى ئادەم تېگىدىكى ئادەملەر، قۇلنىڭ تېگىدىكى قۇل دەپ قارايدىغان مەنتىقىنىڭ نەتىجىسى. يەككە تامانلىق ھالدىكى «ساداقەتمەنلىك-ۋاپادارلىق» ئېتكىسىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى كۇڭزىچىلار ئىدىيسىنىڭ كەم-كۇتسىز قۇلچىلىق مەسلىكى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. يەككە تامانلىق «ساداقەتمەنلىك- ۋاپادارلىق »ئېتىكىسىنى قوبۇل قىلغانلىق بولسا، ئادىمىيلىك جەھەتتە تەڭسىز بولغان قۇلچىلىق مەسلىكىنى قوبۇل قىلغانلىق بولىدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم پەقەت ئادىمىيلىك جەھەتتىكى باراۋەرلىك ئاساسىدىلا بىر-بىرىگە ساداقەتمەن ياكى ساداقەتسىز بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە شەرتسىز ھالدا، يەككە تامانلىق بويسۇنۇشى «ساداقەتمەنلىك »ئەمەس، بەلكى «قۇلچىلىق» بولىدۇ. كۇڭزىچىلارنىڭ قۇلچىلىق مەسلىكى نەزەرىيسى ئىستىراتىگىيىگە بەك ئىتبار بىرىدىغان بولغاچقا ، قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولمىدى، شۇڭا، كۇڭزىچىلار ئىدىيسى شەكىللىنىپ بولغان ئەمىنيە دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگىچىمۇ قۇلچىلىق مەسلىكىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىمپىرىيە دۇنياسىنى قۇرۇپ بولالمىغانلىقتىن، قانۇنچىلار باش كۆتىرىپ چىقتى. قانۇنچىلار قۇللۇق مەسلىكى نەزەرىيەسىدە، تاكتىكىغا بەكرەك ئېتىبار قىلىنغاچقا، قوللىنىشچانلىقى بەك كۈچلۈك بولۇپ چىقتى، شۇڭا ، قانۇنچىلار ئىدىيسى مۇكەممەللەشكەن ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرىدىلا ، قۇلچىلىق ئېمپىرىيسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن دۇنياسى ئوڭۇشلۇق ھالدا دۇنياغا كەلدى. قانۇنچىلار نەزەرىيسى ئالەمدىكى ئادەملەرگە، قانداق قىلغاندا بىر ياخشى قۇل بولغىلى بولىدىغانلىقى ـــ قۇلچىلىقى قانچە كۈچلۈك بولسا، شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەلىم بەردى. قانۇنچىلار نەزەرىيسى خان-پادىشاھلارغا قانداق قىلغاندا ياخشى بىر قۇلدار بولغىلى بولىدىغانلىقى ـــ مۇستەبىتلىكى قانچە كۈچلۈك بولسا، شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۈگەتتى. شۇڭا، كۇڭزىچىلار بىلەن قانۇنچىلار «جۇڭخۇا ئەنگۈشتىرى »ناملىق مىتال پۇلنىڭ ئىككى يۈزى: كۇڭزىچىلار ئالدى يۈزى، مۇھىمى ــ قۇلچىلىق مەسلىكى؛ قانۇنچىلار ئارقا يۈزى، مۇھىمى مۇستەبىتلىك بولۇپ شەكىللەندى. ئىمپىرىيە ئىچىدىكى ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەقسىم قىلىش ياكى ئولجا بۆلۈشۈش جەريانىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولدى؛ كۇڭزىچىلار ئاساسەن، ۋەزىر-ئەمەلدار بولدى، قانۇنچىلار ئاساسەن، كىچىك ئەمەلدارلىقنى، دورغا-يايىلىقنى ئۈستىگە ئالدى. چوڭ-كىچىك غالچىلارنىڭ بىرەرسىمۇ چەتتە قالمىدى. كۇڭزىچىلار بىلەن قانۇنچىلار زىچ ماسلاشتى. كۇڭزىچىلار خان-پادىشاھلارنىڭ «سۆلىتى»نى كۆرسەتسە، قانۇنچىلار خان-پادىشاھلارنىڭ «ھەيۋىتى» نى نامايان قىلدى. كۇڭزىچىلار خان-پادىشاھلارنىڭ «سۆزىنى يوللۇق »قىلدى. نام ئورونلۇق بولغاچقا ،«سۆزى يوللۇق »بولدى، سۆلەت-ھەيۋەت نامايان بولدى. بۇ ،خان-پادىشاھلارنىڭ ئىستراتىگىيە جەھەتتە قانۇنچىلاردىن ھەرگىز ئايرىلالمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. كۇڭزىچىلار تەلىم ئارقىلىق مېڭە تازىلاپ، ئالەمدىكى ئادەملەرگە ئىدىيۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنى خان-پادىشاھلارنىڭ قۇلى بولۇش ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن قىسمەت، خان-پادىشاھلارنىڭ قۇلى بولۇشنى راۋا كۆرگەنلىك ــ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن قانۇنچىلارنىڭ ئالەمدىكى ئادەملەرنى قۇل قىلىشى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولدى. ........................................................ كۇڭزىچىلارنىڭ ئىدىيۋى خىزمىتى ئاخىرىدا شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ئالەمدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر: قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار ــ «ئادەم ئەمەس »، ياخشى قۇل بولۇشنى خالىمىغانلارمۇ «ئادەم ئەمەس» دېگەن تونۇشقا كەلدى. ئادەم ئىكەنمىز ، قۇل بولۇشنى خالىمىساق بولامدۇ؟ ياخشى ئادەم تۇرۇغلۇق، ياخشى قۇل بولۇشنى خالىمىساق بولامدۇ؟ــ مانا بۇ كۇڭزىچىلار قۇللۇق مەسلىكىنىڭ 2000 يىلدىن بۇيان جۇڭگۇلۇقلارنىڭ مېڭىسىنى تەلىم ئارقىلىق تازىلىشى نەتىجىسىدە، جۇڭخۇا مىللىتىدە شەكىللەنگەن غەيرى ئاڭ. «ئادەم ئەمەس» دېگەن بۇ قاراش كۇڭزىچىلار جۇڭگوسىغىلا خاستۇر. كۇڭزىچىلار جۇڭگونىڭ خان-پادىشاھلىرىغا قۇل بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى«ئادەم ئەمەس» ،ھەممىسى«غەيرى ئادەم »دەپ قارايدۇ. غەيرى ئادەم ــ ئالۋاستى دېمەكتۇر، شۇڭا، كۇڭزىچىلار جۇڭگوسى ئۆز ئالىمىنىڭ سىرتىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى «ئالۋاستى» دەپ ئاتاپ كەلگەن. «ئادەم» دۆلىتىدە پەقەت قۇل بولۇشىلا مۆمكىن بولغاچقا، «ئالۋاستى »دۆلىتىدىلا ئادەم بولغىلى بولىدۇ، شۇڭا، «ئادەم» دۆلىتىدە قۇل بولۇشنى خالىمىغانلارنىڭ «ئالۋاستى» دۆلىتىگە كۆچۈپ، يېڭىۋاشتىن ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىشى قىلچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن. كۇڭزىچىلارنىڭ قۇلچىلىق مەسلىكىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلىغاندىلا، قانۇنچىلارنىڭ مۇستەبىتچىلىكىنى ئاخىرقى ھېساپتا گۆرگە ئۇزاتقىلى بولىدۇ. قانۇنچىلارنىڭ مۇستەبىتچىلىكىنى ئاخىرقى ھېساپتا گۆرگە ئۇزاتقاندىلا، جۇڭگۇنى ئەركىن ئادەملەر دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. ــــــ خۇاچېڭ نەشىرىياتى : «ئادىمىيەت خاتىرىلىرى»، 2005-يىل قىشلىق توپلام.
(بۇ مەجمۇئەگە «كىتاپلار كۆرگەزمىسى »ژورنىلىنىڭ 2005-يىل 7-سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىنغان ) ئادەم نېمىشقا «ئادەم تېگىدىكى ئادەملەر»گە ئايلىنىپ قالدى؟

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 337 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01