ئامېرىكا دوللىرى=美元=USD

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
ئامېرىكا دوللىرى دۇنيا مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنىڭ 30%نى ئىگەللەيدىغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پۇلى، يەنە كېلىپ خەلقئارا پېرېۋوت بازىرىدىكى مەركىزى پۇل بولۇپ خەلقئارا كىرىم - چىقىم ۋە پېرېۋوت سودىسىدىكى ئەڭ مۇھىم پۇل. ئۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەزىنىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. ، خەلقئارا شەرتلىك بەلگىسى USD يەنى (United States dollarنىڭ قىسقاتمىسى) ۋە $.
   ئامېرىكا دوللىرى 1785-يىلى 7-ئاينىڭ6-كۈنى تارقىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، دەسلەپ ئالتۇن تىللا شەكلىدە، كېيىن قەغەز ۋە مېتال قىلىپ تارقىتىلغان . دوللار قەدىمقى گوت-گېرمان تىلىدىكى Thaler دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ بۇ سۆز قەدىمقى تىللا دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدىن باشقا يەنە شەرقى تېمۇر، ئېكۋاتور، سالۋادور، مارشال تاقىم ئاراللىرى، مىكرونېزىيە، پالاۋ، پاناما، بېرمۇدا ، زىمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت پۇلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
   دوللارنىڭ بىر دوللارلىق، ئىككى دوللارلىق، 5دوللارلىق، 10دوللارلىق، 50دوللارلىق، 100دوللارلىق قىممەتتىكىلىرى بار. تۆۋەندىكىسى نۆۋەتتە ئوبوروت قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا دوللىرى:  بىر دوللار يۈز كوينىسقا(¢=Coins) تەڭ بولۇپ بىر سېنتلىق(ئادەتتەcent يەنى سېنت دىيىلىدۇ) 5سېنتلىق(ئادەتتە Nickel يەنى نېكىل دىيىلىدۇ)، 10سېنتلىق(ئادەتتە Dime يەنى دايم دىيىلىدۇ)، 25 سېنتلىق(ئادەتتەquarter dollar يەنى چارەك دوللار دىيىلىدۇ)، 50سېنتلىق(ئادەتتە Half_dollar يەنى يېرىم دوللار دىيىلىدۇ) پۇللارغا پارچىلىنىدۇ. [بۇندىن باشقا يەنە 1934-يىلى ئاز مىقداردا تارقىتىلغان، ئەمما ھازىر ئوبوروتتىن توختىتىلغان، لېكىن ئاسارە ئەتىقە سۈپىتىدە باھاسى 10مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولۇۋاتقان 500دوللارلىق ئامېرىكا دوللىرىمۇ بار. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئورنى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن تىكلەنگەن بولۇپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن مۇستەملىكە زىمىنلار ۋە خەلىقلەرگە ئىگە بولغان، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئەنگلىيە پۇلى پوندمۇ شۇ زاماندىكى بىردىن بىر دۇنياۋى پۇل بوپ قالغان ئىدى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتى شۇنداقلا مۇستەملىكىللىرىدىن بىر بىرلەپ ئايرىلىپ قالغىلى تۇردى. ئامېرىكا بولسا ھەر ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇشنىڭ بىۋاستە زەربىسىگە ئۇچرىمايلا قالماستىن يەنە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداشلىرىغا زور مىقداردا قۇرال سېتىپ غايەت زور بايلىق توپلىدى، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئۇ ئاجىزلىشىپ كەتمەكتە يوق ئەكسىچە بىردىنلا دۇنيادىكى ئەڭ باي ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى.
   جەڭدىن ئىلگىركى باشقا ئاساسلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بولسا يەنى مەسىلەن ئەنگلىيە ، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىكى بولسا ئۇرۇشنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ ئامېرىكا بىلەن بەسلەشكۈدەك ھالى قالمىدى. دۆلەتنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى پۇل سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىت ئاستىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ فونىسىتىرلىڭنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنياۋى پۇل بوپ قېلىشى مۇقەررەلىشىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن غەرب دۆلەتلىرى 1944-يىلى برىتون ئورمانلىقى پۇل سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇنىڭدا ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننى مۇقىم ئايرىۋاشلاش باھاسى ھەر بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 35دوللار قىلىپ بېكىتىلدى. باشقا پۇللار بولسا مۇقىم پېرېۋوت باھاسى بۇيىچە ئامېرىكا دوللىرىنى مەركەز قىلدى. شۇ چاغدىكى غەرب پۇل - مۇئامىلە سېستىمىسى بولسا ئالتۇننى ياكى باشقىچە ئېيتقاندا دوللارنى بىرلىك قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇش زەربىسىدە ئىگىلىكى ۋەيران بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياردەم بېرىش باھانىسىدە كۆپ مىقداردىكى تاۋارلىرى ۋە كاپىتالىنى غەربى ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تۆكمە قىلدى شۇ ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى پۈتۈنلەي تىكلەپ بولدى.
    20- ئەسىرنىڭ 50 -يىللىرىنىڭ ئاخىرى 60 -يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا دوللىرى پوۇنتنىڭ ئورنىنى تەلتۈكۈس ئىگەللەپ قۇدىرىتىدىن ھېچكىم گۇمان قىلمايدىغان بىردىن - بىر دۇنياۋى پۇلغا ئايلاندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپانىڭ ئاجىزلىشىپ ئامېرىكىغا مۇھتاج بولۇپ قېلىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ئورنىنى ئىگەللىشىدىكى ئەڭ ئاساسى سەۋەپ ئىدى. لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، 1971 - يىلدىكى ۋيېتنام ئۇرۇشى جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، خەلقئارا كىرىم - چىقىم قىزىل رەقىمى ۋە ھۆكۈمەت مالىيەسى قىزىل رەقىمىنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1971 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بورىستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىغىنى جاكارلىدى، ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى پىرىزدېنتى نىكسون تۇيۇقسىز قارار چىقىرىپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن بولغان تەڭ قىممەتتىكى ئايرىۋاشلاش تۈزۈلمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. گەرچە ھەر قايسى دۆلەتلەردە زاپاس ساقلانغان ئالتۇن مىقدارى پۇل تارقىتىشنىڭ ئاساسى بولسىمۇ ئامېرىكا دوللىرى دۇنيادىكى بىردىنبىر مۇقىم قىممەتكە ئىگە ئورنىدىن شۇنىڭدىن كېيىن چۈشۈپ قالدى. ئەمما ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردىن ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئوڭ تانباسىپ قىلىپ باغلىۋەتكەن نېفىت دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يەنىلا دۇنيادىكى كەڭ قوللىنىلىدىغان، لەيلىمە قىممىتى ئۇنچىلا چوڭ بولمىغان مۇقىم قىممەتلىك پۇل بولۇش سالاھىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتمىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر قايسى دۆلەت پۇللىرى ئالتۇننى مەركەز قىلغان مۇقىم پېرېۋوت دەۋرىدىن ئالتۇندىن ئاجرىغان ، ئەركىن ئۈسۈپ چۈشىدىغان ئۆزگىرىشچان پېرېۋوت دەۋرىگە قەدەم قويدى.
    1971 -يىلدىن 1980 -يىلغىچە ئامېرىكا دوللىرى باشقا ئاساسلىق پۇللارغا قارىتا زور كۈلەمدە پاخاللاشتى. 1980 -يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە غەزىنىسى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ داۋاملىق پاخاللىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا ئاساسلىق پۇللارغا قارىتا كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىشىغا تۈرتكە بولدى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى. 1985 - يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ياپونىيە «مەيدان ئەھدىنامىسى»گە ئىمزا قۇيۇپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى سۈنئى ئۇسۇلدا زور دەرىجىدە تۈۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇلىغا قارىتا 1995- يىلغا كەلگىچە ئىزچىل تۈۋەنلىدى، 1995 -يىلغا كەلگەندە ئامېرىكا ناسىداك پاي بازىرى تاكى 2000 - يىلغىچە ئىزچىل ئۆرلەپ غايەت زور مىقداردىكى دۇنياۋى ئەركىن كاپىتالنى ئامېرىكا پاي بازىرىغا ئاقتۇردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكا دوللىرى 1995-2000 يىللاردىكى كۈچلىنىش دەۋرىنى كۈتۈۋالدى، بىراق 2000 - يىلدىكى ناسىداك كۈپۈكىنىڭ يېرىلىش بىلەن زور مىقداردىكى مەبلەغ ئامېرىكىدىن چېكىنىپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 2000- يىلدىن تا ھازىرغىچە چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا دوللىرنىڭ خەلىقارا پېرېۋوت بازىرىدىكى ئونۋىرسال ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ ئادەتتە ئامېرىكا دوللىرنىڭ باشقا پۇللارغا قارىتا كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ. يەنى ئەگەر ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چۈشۈۋاتقان بولسا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا ئاساسلىق پۇللارغا قارىتا چۈشۈۋاتقانلىغىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنى ھىساپلاش پىرىنسىپى بولسا دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان تاشقى سودىسىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. قۇشۇپ بۈلۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە دەل ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىق دەرجىسىدۇر، ئادەتتە 100 نى نورمال دەپ ئۆلچەيدۇ، 100دىن يۇقىرى بولسا ئامېرىكا دوللىرى كۈچلۈك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، كۆرسەتكۈچ ئەگەر 100 دىن تۆۋەن بولسا ئامېرىكا دوللىرى ئاجىز ھالەتتە بولغان بولىدۇ.
    1999- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ياۋرۇ رەسمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئىچىدىكى ئورنى ئەڭ چوڭ يەنى %57. 6 نى ئىگەللىدى. شۇڭا ياۋرۇنىڭ تەۋرىنىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىگە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىچىدە ياۋرۇ %57. 6نى ئىگەللىگەندىن باشقا يەنە ياپۇن يىنى %13. 6 ، پوۇنت %11. 9، كانادا دوللىرى %9. 1، شىۋىتسىيە كىروناسى %4. 2، شىۋىتسارىيە فىرانكى %3. 6نىسبەتنى ئىگەللىگەن. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا بىلەن مۇھىم سودا مۇناسىۋىتى بولغان جوڭگو، ھىندىستان ۋە بىر قىسىم لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. ئامېرىكا دوللىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئۆسۈم - ئۈسۈمنىڭ يۇقىرى تۈۋەنلىگى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۆسۈم يۇقىرى بولسا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ، ئۆسۈم تۆۋەنلىسە ئامېرىكا دوللىرنىڭ قىممىتىمۇ ماس ھالدا تۆۋەنلەيدۇ.
    تاشقى سودا قىزىل رەقىمى ۋە مالىيە قىزىل رەقىمى : قىزىل رەقەمنىڭ كۆپ بولىشى پۇلنىڭ كۆپ بېسىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، پۇلنىڭ كۆپ بېسىلىشى پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى تۈۋەنلىتىدۇ، دىمەك ئاخىرىدا كېلىپ پۇلنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدۇ. 1913 -يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە غەزىنىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئەمەلى سېتىۋېلىش كۈچى ھازىرغىچە %98 تۈۋەنلىدى. كاپىتال بازىرى : پاي بازىرى، زايۇم بازىرى دىگەندەك بازارلارنى كۆرسىتىدۇ، ئامېرىكا پاي بازىرى ئۆرلىسە ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەيدۇ، تۆۋەنلىسە ئامېرىكا دوللىرىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. ئىشسىزلىق : ئىشسىزلىق ئۆرلىسە ئامېرىكا ئۆسۈم چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئاقىۋەتتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىمۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىگە ۋاستىلىك تەسىر يەتكۈزۈدۇ. يەنى باشقا دۆلەتلەر ئۆسۈم ئۆستەرسە ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن قىممىتى ئاشىدۇ.[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:51:15][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 14:56:30]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 485 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01