ئېۋلېر- (1707-1783) ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ماتىماتىكا ئالىمى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

       ئېۋلېر- (1707-1783) ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ماتېماتىكا ئالىمى





   

لېئونارد پائۇل ئېۋلېر Leonhard Euler
1718-1781لېئونارد پائۇل ئېۋلېر Leonhard Euler 1718-1781




  لېئونارد پائۇل ئېۋلېر 18-ئەسىر ماتېماتىكا تەرەققىياتى ئېۋلېر دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېۋلېر ، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى گېرمانىيە ۋە روسىيەدە ئۆتكۈزگەن، دۇنيا تارىخىدا ماتېماتىكىغا ئائىت ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ئالىم بولۇپ ئۇنىڭ يازغان ئىلىمى ماقالىلىرى ئورريرا ھېساب بىلەن يىلىغا 800بەتتىن توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىسى نيۇتون ، گائۇس لار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدۇ دېسەك ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ . 

   ئەيلىر ماتېماتىكىدىن باشقا يەنە مېخانىكا، ئوپتىكا ۋە ئاسترونومىيە ساھەسىدىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. داڭلىق ماتېماتىك لاپلاس« ئېۋلېرنى ئوقۇيلى، ئېۋلېرنى ئوقۇيلى ، چۈنكى ئۇ ماتېماتىكىنىڭ خوجايىنى، ھەممىمىزنىڭ ئۇستازى» دېگەن بىر كۇبلېت شېئىرى ئارقىلىق ئەېيلېرنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. شىۋېىتسارىيەنىڭ 10فىرانىكلىق پۇلى ۋە گېرمانىيە ، رۇسىيىنىڭ نۇرغۇن پوچتا ماركىسىدا ئېۋلېرنىڭ ئوبرازىنى كۆرەلەيمىز.

ئېۋلېرنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن شىۋىتسارىيەنىڭ 10 فىرانكلىق پۇلىئېۋلېرنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن شىۋىتسارىيەنىڭ 10 فىرانكلىق پۇلى

 

   ب د ت پەن-مائارىپ كومىتېتى 2002-يىلىنى ئېۋلېر يىلى دەپ بېكىتكەن. ئېۋلېر 1707- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى شېۋىتسارىينىڭ باسېل شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ 19 يېشىدىن 76 يېشىغىچە بولغان 50 نەچچە يىل جەريانىدا ، ناھايىتى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان . ھازىر ماتېماتىكىنىڭ ئېۋلېرنىڭ نامى ئاتالمايدىغان تارمىقىنى يوق دېسەكمۇ بۇلدۇ. ماتېماتىكىنىڭ ئېلېمېنتار گېئومېتىريىدىكى ئېۋلېر سىزىقلىرى ، كوپ ياقلىقلار ھەققىدىكى ئېۋلېر تېئورېمىسى ، ئانالىتىك گىئومېتىريىدىكى ئېۋلېر ئالماشتۇرۇش فورمۇلىسى، تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىڭ ئېۋلېر ئۇسۇلىدىن تارتىپ تاكى سانلار نەزەرىيىسىدىكى ئېۋلېر فۇنكسىيىسى ، دېففىرىنسىئال تەڭلىمىدىكى ئېۋلېر تەڭلىمىسى ، قاتارلار نەزەرىيىسىدىكى ئېۋلېر تۇراقلىق سانى، ۋارىئاتسىيە نەزەرىيىسىدىكى ئېۋلېر تەڭلىمىسى، كومپىلىكىس ئارگىمىنۇتلۇق فۇنكىسىيىلەر نەزەرىيىسىدىكى ئېۋلېر فورمۇلىسى قاتارلىق ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئېۋلېر نامى بىلەن ئاتالغان نەتىجىلەر زامانىمىزغىچە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئېۋلېرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق نەتىجىلەرنى يارىتالىشى زادىلا تاساددىپىي ئەھۋال ئەمەس. ئۇ ھەرقانداق غەيرى نورمال شارائىتتىمۇ خىزمەت ئىشلىيەلەيتتى. ئۇ ھەتتا چوڭراق بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى ئاڭلىسىمۇ خىزمىتىگە ھېچقانداق تەسىر يەتمەيتتى. ھەتتا، ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنمۇ ماتېماتىكىنىڭ تەتقىق قىلىشنى توختاتقىنى يوق. ئۇ ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ تۇرغان ئون يەتتە يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق بىر قانچە پارچە كىتاپ ۋە تۆت يۈز پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان. ئېۋلېرنىڭ ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشىر قىلىش مۈشكۈل ئىش بولۇپ قالغان. 

   گەرچە 1909-يىلدىن باشلاپلا شىۋىتسارىيەنىڭ تەبىئىي پەن جەمئىيىتى ئېۋلېرنىڭ ئەسەرلەر توپلىمىنى يەتمىش ئىككى تومغا بۆلۈپ نەشىر قىلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئەسەرلەر تېخى تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ بولالمىدى. ئېۋلېرنىڭ دادىسى پاۋىل ئېۋلېر ئۆز دەۋرىدىكى يېتىشكەن ماتىماتىكلاردىن ئىدى. ئۇ كىچىك ئېۋلېرنى ماتېماتىكىدىن ئاز-تولا خەۋەردار قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئىلاھىيەت ئىلمىنى ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلغان ۋە شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئېۋلېرنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا مېڭىشى لازىم بولغان يولنى بەلگىلەپ قويماقچى بولغان.

روسىيە ئېۋلېرنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 250 يىللىقىنى خاتىرلەپ تارقاتقان پوچتا ماركىسىروسىيە ئېۋلېرنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 250 يىللىقىنى خاتىرلەپ تارقاتقان پوچتا ماركىسى


   ئېۋلېر 1720-يىلى بازىل ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئاجايىپ تىرىشچانلىقى ۋە قابىلىيىتى ئۇستازى ئىۋان بېرنۇللىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئالاھىدە يېتەكچىلىك قىلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئېۋلېر ئاستا-ئاستا ئىۋان بېرنۇللىنىڭ ئوغۇللىرى نىكولاي بېرنۇللى ۋە دانىل بېرنۇللى بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولىدۇ. ئېۋلېر 19 يېشىدا كېمە مومىسى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ چىقىدۇ، بۇ ماقالە شۇ يىلى پارىژ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئېۋلېرنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان كۆپ قېتىملىق مۇكاپاتلىنىش مۇساپىسى باشلىنىدۇ. 1720-يىلى ئاكا-ئۇكا بېرنۇللىلار روسىيىگە ئىشلەشكە بارىدۇ، ھەم، چارپادىشاھ يېكاتېرناI گە ئېۋلېرنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئېۋلېر 1721-يىلى بەشىنچى ئايدا چار پادىشاھنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پېتىربۇرگقا كېلىدۇ. 1733-يىلى دانىل بېرنۇللى داسىل شەھىرىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئېۋلېر 26يېشىدىلا پېتىربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پىراففىسورى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1735-يىلى ئېۋلېر ئاسترونومىيىدىكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتىسىنى ھېسابلاشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۈچ كۈندىلا ھەل قىلىدۇ. بۇ مەسىلە ئېۋلېر زامانىدىكى بىرقانچە داڭلىق ماتېماتىكلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە نەچچە ئايدا ئاران ھەل بولغان ئىدى. ئەمما، ئېۋلېر بۇنى ئۈچ كۈندىلا ھەل قىلىدۇ. ھازىرجاۋابلىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش نەتىجىسىدە، ئېۋلېر كۆز ئاغرىقىغا گىرىپتار بولىدۇ. بەختىكە قارشى 28 يېشىدا ئوڭ كۆزىدىن ئايرىلىدۇ.



   1741-يىلى ئېۋلېر پرۇسسىيە ئىمپېراتورى فېردىرخنىڭ تەكلىپكە ئاساسەن بېرلىن شەھىرىگە كېلىپ، تا 1766-يىلىغىچە بېرلىن پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە پىراففىسور بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1766-يىلى روسىيە پادىشاھى يېكارتىناII نىڭ قايتا-قايتا تەكلىپ قىلىشىغا ئاساسەن يەنە پېتىربۇرگقا قايتىپ كېلىدۇ. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ سول كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ بارا-بارا ئاجىزلايدۇ. بەختىكە قارشى ئۇ سول كۆزىدىنمۇ ئايرىلىدۇ. لېكىن، بەختىكە قارشى ئىككىلا كۆزىدىن ئايرىلغان ئېۋلېر خىزمەتتىن يەنىلا توختاپ قالمايدۇ.
 

گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېۋلېرنىڭ 200 يىللىقى ئۈچۈن تارقاتقان پوچتا ماركىسىگېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېۋلېرنىڭ 200 يىللىقى ئۈچۈن تارقاتقان پوچتا ماركىسى

 


   1771-يىلى پېتىربۇرگدا يۈز بەرگەن چوڭ ئوت ئاپىتىدە ئېۋلېرنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كېتىدۇ. 64ياشقا كىرىپ قالغان ئېۋلېر ئوت ئىچىدە ئۆزى يالغۇز قېلىپ قالغاندا ئېۋلېرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ئۆي خىزمەتچىسى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا قارىماي ئېۋلېرنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ. ئەمما، ئوت ئىچىدە ئېۋلېرنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلىرى، نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ. ئېۋلېر پۈتۈنلەي قارىغۇ بولۇپ كېتىشتىن ئاۋالقى نەرسىلىرىنى غۇۋا بولسىمۇ كۆرەلەيدىغان بۇ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان فورمۇلىلارنى دوستىغا چوڭ ۋە ئېنىق قىلىپ يېزىپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىپ يازدۇرغان. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىۋان ئالبېرت ئېۋلېر ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كاتىپى بولىدۇ. ئېۋلېر ئىككى كۆزىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەيرەت-شىجائەت بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە كۆڭلىدە ھېسابلاش ئىقتىدارنىڭ يۇقىرىلىقىغا تايىنىپ، تەتقىقات ئىشىنى ئاخىرقى نەپسىگىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭۈلدە ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى قالتىس ئىكەنلىكىنى مۇنداق بىر مىسال ئارقىلىق ئىنتايىن ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ. ئېۋلېرنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر يىغىلغۇچى قاتارنىڭ 17 ئەزاسىنى قوشۇپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەللىك خانىغىچە ھېسابلىغاندا، ھېسابلاش نەتىجىسى بىر-بىرى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئېۋلېر بۇ ھېسابلانغان نەتىجىلەرنىڭ خاتاسىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، كۆڭلىدە ئىشلەپ ئاخىرىدا خاتالىقنى تېپىپ چىقىدۇ. ئۇ مانا مۇشۇ 17 يىل ئىچىدە، ئەينى ۋاقىتتا نيۇتوننىڭ بېشىنى بەكمۇ قاتۇرغان ئاينىڭ ھەرىكەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، ۋە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ماتېماتىكا ئانالىزىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ. شۇڭا، ئېۋلېرنىڭ زامانداشلىرى ئۇنى «ئانالىزنىڭ پېشۋاسى»دەپ ئاتىشىدۇ. فرانسىيە ئاسترونومى، فىزىكى ئاننان ئېۋلېرنىڭ ھېسابلاشنى ئېلىپ بېرىشى ئادەمنىڭ نەپەس ئېلىشى، بۈركۈتنىڭ بوران-چاپقۇنغا مەنسىتمەي ئۇچۇشىغا ئوخشاش ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايدىغان ئىش ئىدى، دەپ يازغان.



 1783-يىلى 9- ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېۋلېر ئۆزىنىڭ ھاۋا شارىنىڭ كۆتۈرۈلۈش قانۇنىدىكى ھېسابلاشتا ئېرىشكەن مۇۋەپىقىيەتلىرىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ ئۆز بۇرادەرلىرىنى مېھمانغا چاقىرىدۇ. ئۇ زىياپەتتە چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن نەۋرىسىنى ئەركىلىتىپ تۇرغاندا، توساتتىن كېسىلى قوزغىلىپ غاڭزىسى قولىدىن چۈشۈپ ئەڭ ئاخىرقى نەپسىدە«مەن ئۆلدۈم»دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى ئېيتىدۇ-دە، ۋاپات بولىدۇ. ئېۋلېرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي مىراسلىرى ئىچىدە: ماتېماتىكا ئانالىزى ۋە ئالىگىېبىرا سانلار نەزەرىيىسىگە ئائىتلىرى 40%نى، گېئومېتىرىيىگە ئائىتلىرى18%نى، فىزىكا ۋە مېخانىكىغا ئائىتلىرى 28%نى، ئاستىرونومىيەگە ئائىتلىلىر 11%نى، ئوق يولى، دېڭىز قاتناش ئىلمى، بىناكارلىق ئىلمى ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىتلىرى 3%نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ يازغان «چەكسىز كىچىكلىكلەر ئانالىزىغا كىرىش»دېگەن ئەسىرى 1748-يىلى شىۋىتسارىينىڭ لۇسان شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان. بۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق ماتېماتىكا ئانالىز دەرسلىكى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان تېرىگىئونومېتىرىيسىنى «چەكسىز كىچىكلىكلەر ئانالىزىغا كىرىش» تىن باشلاپ شەكىللەنگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ئەسەردە ئېۋلېر بىرىنچى بولۇپ فۇنكىسىيە سىزىقلىرىنىڭ رادىئۇسقا نىسبىتى ئارقىلىق تېرىگىئونومېتىرىيلىك فۇنكسىيىگە ئېنىقلىما بەرگەن . بۇنىڭدىن بۇرۇن كېسىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تېرىگىئونومېتىريەلىك فۇنكىسىيەلەرنىڭ ئېنىقلىمىسى قىلىناتتى. ئېۋلېر ھەممىدىن ئاۋالa,b,cلار بىلەن ئۈچبۇلۇڭدىكى A,B,Cبۇلۇڭلارغا قارشى ياتقان تەرەپلەرنى بەلگىلەپ تېرىگىنومېتىرىيىلىك فۇنكىسىيەلەرنى زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرغان. ئېۋلېرنىڭ بۇ ئەمگىكىدىن باشلاپ ئۈچبۇلۇڭلارنى يېشىشنىلا تەتقىق قىلىدىغان تېرىگىئونومېتىرىيە ماتېماتىكىنىڭ تېرىگىئونومېتىرىيىلىك فۇنكىسىيىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقىغا ئايلاندى. ئەڭ ئاخىرىدا شۇ نەرسىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ئېۋلېر ئۆز زامانىسىدىكى داڭلىق ماتېماتىك بولۇش بىلەن بولماي، ئىنتايىن كەمتەر ۋە ياشلارنىڭ ئۆسۈشىنى قىزغىن قوللايدىغان ئالىي پەزىلەتكە ئىگە ئىدى. مەسىلەن، لابىرانچ ئۆزىنىڭ ۋارىئاتسىيە ئۇسۇلى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېۋلېرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە ئەۋەتكەندە، ئېۋلېر بىر تەرەپتىن بۇ ياش ماتېماتىكىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان بۇ ساھەدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلماي ۋاقتىنچە باستۇرۇپ قويۇپ لابىرانچنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ياردەمدە بولغان ئىدى.


[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:45:57]

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 508 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 10قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-05