ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق-دا ۋىنچىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دا ۋىنچىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى-ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق


   ئىتالىيەنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ئويغىنىش دەۋرىدىكى داڭلىق ئالىم - مول-ھوسۇللۇق رەسسام داۋىنچى سىزغان رەسىملەردىن پەقەت 57پارچە رەسىم بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ ھاياتىدا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ۋەكىللىك ئەسەرلىرى «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» ۋە «موننالىزا» لاردىن ئىبارەت. داۋىنچى سىزغان ئەسلى رەسىم«ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق»(رەسىم 500يىل ئاۋال سىزىلغانلىقى ئۈچۈن ئازراق ئۆڭگەن):  «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» دېگەن رەسىم، مىلان شەھىرىدىكى سان مارىيە چېركاۋىدىكى سەدىقە تاماقخانىسىنىڭ تېمىغا 1495 - يىلىدىن 1497 - يىلىغىچە سىزىلغان.
    رەسىمدە ئەيسانىڭ مۇرىدى يودانىڭ رىم دائىرىلىرىگە مەخپىيەتلىكنى پاش قىلىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇستازى ئەيسانى ساتقانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت ھېكايە قىلىنىدۇ. ئەيسا، تاماق جوزىسى ئۈستىدە 12 مۇردىغا: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن بىر كىشى ماڭا ساتقىنلىق قىلدى» دەيدۇ. شۇ ھامان مۇرىتلىرىنىڭ چىرايى تۈرلۈكچە بولىدۇ. ئۈچ مۇرىدى پىچىرلاپ غۇلغۇلا قىلىدۇ؛ ئۈچ مۇرىدى دەرغەزەپكە كېلىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى غەزىپى ئۆرلىگەن ھالدا قولى بىلەن جوزىنى ئۇرىدۇ؛ بىر مۇرىدى شۈبھىلىنىدۇ؛ بىر مۇرىدى ھەيران قالىدۇ؛ بىر مۇرىدى گويا ئەيساغا ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلەۋاتقاندەك مىدىر - سىدىر قىلماي ئولتۇرىدۇ. ئىككى مۇرىدى ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. ھەتتا بۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى قولىدىكى قوشۇق بىلەن ئالدى تەرەپنى كۆرسىتىدۇ؛ پەقەت بىر مۇرىدىلا ئالاقزادە بولۇپ، چىرايى تاتارغان ۋە بىر قولىدا تەڭگە سالىدىغان خالتىسىنى مەھكەم قاماللىۋالغان ھالدا كەينىگە داجىپ، ئۆزىنىڭ 30 ئاقچىغا ئەيسانى سېتىۋەتكەن خائىنلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
    ئارقا كۆرۈنۈشتە يودانىڭ ئارقىسى قاراڭغۇ، ئەيسانىڭ ئارقىسى يوپ - يورۇق دېرىزە ھالىتىدە بولۇپ، ئەيسانىڭ چىرايى دېرىزىدىن چۈشكەن نۇردا ۋەزمىن، خاتىرجەم، ھەيۋەتلىك ھەم تىنچ كۆرۈنىدۇ. كۈچلۈك سېلىشتۇرما ئارقىلىق ئاپتورنىڭ رەزىللىككە بولغان چەكسىز غەزەپ - نەپرىتى، ھەققانىيەتكە بولغان چەكسىز ئىنتىلىشى ئىپادىلىنىدۇ. داۋىنچىدىن ئىلگىرى بىرمۇنچە رەسساملار يۇقىرىدىكى تېمىنى سىزغان بولسىمۇ، ھەممىسى مەغلۇپ بولغان ئىدى. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى، ئۇلار 12 مۇرىتىنىڭ، بولۇپمۇ يودانىڭ مۇرەككەپ روھىي ھالىتىنى ھەقىقىي تۈردە سۈرەتلەپ بېرەلمىگەن ئىدى. داۋىنچى سىزغان رەسىمدە بۇ مەسىلىلەر تولۇق ھەل بولۇپ، بۇ رەسىمنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى تېخىمۇ روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئاشۇنىڭدىن باشلاپ باشقا رەسساملار داۋىنچىنىڭ مەشھۇر ئەسىرىدىن ئېشىپ كېتىش ئاسان ئەمەسلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ تېمىنى سىزىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. داۋىنچى بۇ رەسىمنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك مېھنەت سەرپ قىلدى، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغىمۇ ئۇچرىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىيىنچىلىق يودادىن ئىبارەت مۇشۇ شەخسنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئىدى.
    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ رەسىمنى سىزىشتىن بۇرۇن، داۋىنچى پىرسوناژلار ئۈستىدە تەكرار - تەكرار تېز سىزما مەشقى ئېلىپ بارغان. يودانى لايىھىلەپ تەقى - تۇرقى ئوخشىمايدىغان بىر نەچچە يۈز پارچە رەسىم سىزغان بولسىمۇ، ئۆزى قانائەتلەنگۈدەك ئوبراز تۇرغۇزالمىغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مىلان شەھىرىدىكى ھەرخىل سورۇنلارغا بېرىپ جىنايەتچى، لۈكچەك ۋە قىمارۋازلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتى، يۈرۈش - تۇرۇشىنى كۆزەتكەن.
    چېركاۋنىڭ پوپلىرى ئۇنىڭ ئۇزاققىچە سەدىقە تاماقخانىسىغا بېرىپ رەسىم سىزماي ھەر كۈنلۈكى سىرتتا قاتراپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، مىلان كېنەزىگە: داۋىنچى خىزمەتكە ئېتىبارسىز قاراپ، لاغايلاپ يۈرىدۇ، دەپ ئەرز قىلغان. بەختكە يارىشا مىلان كېنەزى ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان ئادەم بولغاچقا، داۋىنچىنىڭ غايەت كاتتا بۇ رەسىمنى پۈتتۈرۈشكە ئىمكانىيەت بەرگەن. ھازىر بۇ رەسىم يەنىلا مىلاندىكى چېركاۋنىڭ تېمىدا تۇرماقتا. 18-ئەسىردە رەسسام رافائىل تەرىپىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ سىزىلغان «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» :

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:00:52]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 662 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01