داۋىنچى(1452-1519) -ئۇنىۋېرسال تالانت ئىگىسى

         داۋىنچ


داۋىنچ Leonardo di ser Piero da Vinci
1452-1519داۋىنچ Leonardo di ser Piero da Vinci 1452-1519


    لىئوناردو پىئېرو داۋىنچ ئىتالىيەنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ئويغىنىش دەۋرىدىكى داڭلىق ئالىم، ئۇ بىزگە رەسساملىقى بىلەن بولۇپمۇ مونالىزا ناملىق رەسىمى بىلەن مەشھۇر، بىراق داۋىنچى رەسسام بولۇپلا قالماي ماتېماتىك، لايىھەلىگۈچى، بىناكار، ئاناتومىيە ئالىمى، بوتانىك، شۇنداقلا شائىر ۋە مۇزىكانت، ئۇنىڭ يەنە ئاستىرونومىيە ساھەسىدىمۇ مول ئەمگەك مىۋىلىرى بار. داۋىنچ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەر قانداق بىر ساھەدىكى نەتىجىسى بىلەن دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.

«خرىستىئان دىنىدىكى چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى» ناملىق رەسىمى  
(گۇناھىنى يۇيۇش مۇراسىمى)«خرىستىئان دىنىدىكى چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى» ناملىق رەسىمى (گۇناھىنى يۇيۇش مۇراسىمى)




لىئوناردونىڭ بالىلىق دەۋىرىدىكى تۇرغان ئۆيى لىئوناردونىڭ بالىلىق دەۋىرىدىكى تۇرغان ئۆيى



لىئوناردو 1452 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئىتالىيىنىڭ فلورېنسىيە شەھىرى يېنىدىكى ۋېنچى دېگەن بازاردا دۇنياغا كەلدى. داۋىنچنىڭ ئاتىسى شۇ يەرنىڭ ئاتاقلىق گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئائىلىسى باي ئىدى. داۋىنچ كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ سىزغان بىر - بىرىدىن جانلىق رەسىملەر دادىسىنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. 14 ياشقا كىرگەندە، ئائىلىسىدىكلەر ئۇنى شەھەردىكى بىر گۈزەل سەنئەت رەسىمخانىسىغا ھۈنەرگە بەردى. ئۇنىڭ ئۇستازى بۇ رەسىمخانىىڭ باشقۇرغۇچىسى، مەشھۇر رەسسام ۋېروچىيو ئىدى. داۋىنچ رەسىمخانىغا كىرگەن كۈنىلا ئۇستازى ئۇنى تۇخۇم سىزىشقا بۇيرۇدى. ئەتىسى يەنە تۇخۇمى سۈرەتلەپ چىقىشقا بۇيرۇدى. ئۆگىنىمۇ يەنىلا تۇخۇمنى سۈرەتلەپ چىقىشقا بۇيرۇدى. داۋىنچى ھەيران بولۇپ «نېمىشقا ماڭا تۇخۇمنىلا سىزدۇرىسىز؟» - دەپ سورىدى. ئۇستازى ئۇنىڭ چىرايىدىن زېرىكىش ئالامەتلىرىنى كۆردى. «تۇخۇم كىچىككىنە تۇرغان بىلەن ئاددىي نەرسە ئەمەس! - دېدى ئۇ چوڭقۇر مەنە بىلەن، - بىلىشىڭىز كېرەككى، مىڭ تۇخۇمنى بىر يەرگە قويۇپ قارىسڭىز، پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان بىر جۈپ تۇخۇم تاپقىلى بولمايدۇ. تۇخۇم بىر بولغاندىمۇ ئۇنىڭغا قاراش ۋە ئۇنى توختىتىشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئۇنىڭغا چۈشكەن نۇرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن ئۇنىڭ شەكلى ھالىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مېنىڭ سىزنى تۇخۇم كۆپلەپ سىزدۇرۇشۇم، سىزنىڭ ئوبرازلارنى كۈزىتىش ۋە ئىگەللەش ئىقتىدارىڭىزنى يېتىشتۈرۈپ، سىزنى بارلىق شەيئىلەرنى بىمالال ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر. مۇشۇنداق قىلغاندىلا رەسىم سىزىشنى ياخشى ئۆگىنىۋالالايسىز.» بۇ سۆزنى ئاڭلاپ داۋىنچى بىردىنلا چۈشىنىپ يەتتى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن زېھنى بىلەن رەسىم سىزىشنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى مەشق قىلىپ، ماھارەت جەھەتتە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىلگىرلىدى.

لىئوناردونىڭ ماي بوياق رەسىمىلىئوناردونىڭ ماي بوياق رەسىمى



   ئۇ رەسىمخانىدا ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىللىق قىممەتلىك ياشلىق باھارىنى ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ تۇخۇم سىزغان ۋاراقلىرى 20مىڭدىن ئاشتى.(بۈگۈنكى كۈندە بۇ ۋاراقلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى بىر مىليۇن دوللاردىن كەم ئەمەس). ئۇ چاغدا، فلورېنسىيىدە سودا - سانائەت ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئىدى. يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيە فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ نادان، قالاق، رەھىمسىز ۋە ئىنسانپەرەۋەرلىكىنى تەكىتلىمەسلىكىگە نارازى بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلاتتى. ياش داۋىنچ مۇشۇنداق يېڭى ئىدىيىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە جىددىي قوزغالدى. بۇنداق قوزغىلىش ئۇنىڭ كېيىنكى سەنئەت ئەمەلىيىتىدە ئاشكارىلاندى.


    ئالدى بىلەن، ئۇ مەخسۇس تەقلىد قىلىنىدىغان رەسىملەرگە قارشى تۇرۇپ، تەقلىتچىلىك، سەنئەتنىڭ چۈشكۈنلىشىشى، رەسىم، رىئال تۇرمۇشتىن، چوڭ تەبىئەتتىن ئېلىنىشى كېرەك، دەپ قارىدى ۋە چوڭ تەبىئەتتىكى گۈل - چىمەن، دەل - دەرەخلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆسۈشى قانۇنىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، بوتانىكىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى؛ ھاشارەتلەرنىڭ خىلمۇخىل شەكلىنى، خىلمۇخىل جان - جانىۋارلارنىڭ ئۇچۇش خۇسۇسىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ پەرق ئېتىش ئۈچۈن زوئولوگىيىنى تەتقىق قىلدى؛ ئادەم تېنىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ۋە توغرا نىسبىتىنى ئىگەللەش ئۈچۈن، ئۇ يەنە دىنىي جەمئىيەتنىڭ تەقىپ قىلىش بۇيرۇقلىرىغا قارىماستىن، جەسەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلدى. ئۇنىڭ ئاددىي تەسۋىرلىرىگە قارايدىغان بولساق: ئالدى بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىسكىلىتى چىقىرىلغانلىقىنى، ئاخىرىدا بۇلجۇڭ گۆش چىقىرىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنىڭغا قانچە كۈچ سەرپ بولىدۇ - ھە! ئۇنىڭ تەشۋىشلىرىگە يەنە كىشىلەر تونۇۋالالمايدىغان «خەت» لرى يېزىلغان بولۇپ، ئەسلىدە، ئۇ بۇ خەتلەرنى دىنىي جەمئىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سول قولى بىلەن سول تەرەپكە ئىزاھات قىلىپ يېزىپ قويغان ئىكەن.


    داۋېىنچ ھەرتەرەپتىن تالانتلىق ئالىم ئىدى. ئۇ چاغدا، مىلان، ئىتالىيىدە ئىلىم - پەندە مەشھۇر شەھەر ئىدى. 1482 - يىلى، داۋىنچ بۇ يەرگە كېلىپ، ھەرخىل ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ باشقا - باشقا تىپتىكى نۇرغۇن ماشىنىلارنى ئىجاد قىلدى. مەسىلەن، ياۋروپانىڭ ئەسلىدىكى يىپ سۇغۇرۇش ماشىنىسى ئاران بىر تاللا يىپ سۇغۇرالايتتى، داۋىنچ كەشپ قىلغان يىپ سۇغۇرۇش ماشىنىسى نۇرغۇن تال يىپ سۇغۇرۇپ، ئىتالىيىنىڭ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور تۆھپە قوشتى.

«پەرىشتە خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان بايرام»«پەرىشتە خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان بايرام»

   

«مونالىزا»«مونالىزا»


داۋىنچ يەنە سەييارىلەرنىڭ ھەركىتىنى كۈزىتىپ بىر پارچە ئەسەر يازغان بولۇپ ئۇنىڭدا سەييارىلەرنىڭ يۇمىلاق بولىدىغانلىقى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بىر-بىرىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىشتىن سىرت يەر شارىنىڭ دىئامېتىرىنىڭ تەخمىنەن 50مىڭ كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ تۇنجى لايىھىسى سىزىلغان ئىدى. (1994-يىلى بۇ كىتاپ داڭلىق باي بېل گاتېس تەرىپىدىن 30مىلىيۇن دوللارغا سېتىۋېلىنىپ شەخسى كۇتۇپخانىسدا ساقلىنىۋاتىدۇ. داۋېنچ مەشھۇر ئارخېتوكتور ھەم ھەيكەلتاراچ ئىدى. ئۇ ياسىغان ۋە سىزغان تانكا مودېلى، ماشىنا ئادەم مودېلى، قۇياش ئىنىرگىيىسىنى باتارىيە قىلغان ھىساپلاش ماشىنىسى، ئاپتوموبىل، ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ. داۋىنچى يەنە تۇنجى بولۇپ ئايلىنىش ئارقىلىق تۆمۈرلەرنى تېشىدىغان ئاپتوماتىك ئۈشكە ۋە تۆمۈرنى تارتىپ تۈزلەپ ئىنچىكىلىتىدىغان سىلىندىر غالتەك شۇ زامانلاردىن باشلاپلا كەڭ قوللىنىلغان، داۋىنچ يەنە بىر نەچچە ئىسىل ھەيكەللەرنى ياسىغان، ئەمما ئۇنىڭ ھەيكەللىرى زامانىمىزغا يېتىپ كېلەلمىگەن.


    داۋېنچنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن 6000بەتتىن ئارتۇق قول يازمىسى پەن تارىخىدىكى ئۆچمەس ئابىدە سۈپىتىدە ھېلىھەم ئىلىم-پەن ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. داۋىنچ ياسىغان تانكا مودېلى:  داۋىنچ ياسىغان ماشىنا ئادەم مودېلى:  داۋىنچ ياشلىق دەۋرلىرىدە ئۇزاق مۇددەت فىئودال دىنىي كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىلا ئاندىن قەدىرلەندى. 1517 - يىلى، داۋىنچ فىرانسىيە پادىشاھى فىرانسوۋانىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن فىرانسىيەگە بېرىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. 1519 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالىم پادىشاھ فىرانسوۋانىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزدى.

«ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا»«ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا»


فرانسىيە (لىئوناردونىڭ ۋاپات بولغان جايى)فرانسىيە (لىئوناردونىڭ ۋاپات بولغان جايى)
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 525 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 12قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-23