پاندورانىڭ قۇتىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
      پاندورا ۋە پاندورانىڭ قۇتىسى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى داڭلىق سىمىۋوللۇق ھىكايە بولۇپ غەرپ ئەدەبىياتىدا بەك كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بولغانلىقتىن مۇقىم سۆز بولۇپ قالغان.
   پاندورا (Pandora) تەڭرى زېئوس(Zeus, يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى تەڭرى) ئىنسانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ياراتقان تۇنجى ئايال، چۈنكى پرومس (Prometheus) ئاسماندىن ئوت ئوغىرلاپ ئىنسانلارغا بېرىپ، زېئوسنىڭ قاتتىق غەزىۋىنى قوزغايدۇ. زېئوس ئاۋال ئوت ئىلاھى ھېفىستوسقا (Hephaestus) قا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ لايدىن ئايال ئىلاھقا ئوخشايدىغان بىر ئايالنى ياساشنى بۇيرۇيدۇ، ئاندىن مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك ئىلاھى ئەفرويد (Aphrodite) قا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ لايدىن ياسالغان ئايالنى ئەرلەرنى مەھلىيا قىلالايدىغان قىلىپ چىقىشنى بۇيرۇيدۇ. ئايال ئىلاھ ئافېننا (Athena) لايدىن ياسالغان ئايالغا رەخت توقۇشنى ۋە رەخلەردىن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ھەرخىل كىيىملەرنى تىكىشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كىيىن زېئوس ئىلاھ ھېرمىس (Hermes) قا «مەككارلىق، ئالدامچىلىق، ھورۇنلۇق، ئوغىرلىقنى كىرگۈزىۋەت» دەيدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن بىر ئايال پۈتىدۇ. ئىلاھلار ئۇنى ياساندۇرىدۇ. ھېرمىس بۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى پاندورا بولسۇن دەپ مەسلىھەت كۆرسىتىدۇ(قەدىمى يۇنان تىلىدا پان دىگەن بارلىق، دورا دىگەن سوۋغات دىگەن مەنىدە)، ئىلاھلار ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى قۇۋەتلەيدۇ. زېئوس دۇنيانى تالىشىۋاتقاندا، پرومىسنىڭ ئىنىسى Epimetheus زېئوسقا ياردەم قىلغانتى، پرومىسنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى يىراقنى كۆرۈپ ئىش قىلىدىغان، ئىنىسى Epimetheus نىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى پۇشايمان ئىدى، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خارەكتىرى ئىسمى بىلەن ئوخشاش ئىدى. پاندورا يارىتىلغاندىن كىيىن، زېئوس ئۇنى Epimetheus قا بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ پرومىسنىڭ بۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا، پاندورانى سوۋغا سۈپىتىدە Epimetheus غا بەرگەن ئىدى. ئەمما ئىلاھلارنىڭ سوۋغىسىنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقى نامەلۇم ئىدى. Epimetheus نىڭ ئاكىسى پرومس ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ زېوسنىڭ سوۋغىسىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماسلىقىنى ئېيتقان ئىدى، بولۇپمۇ ئاياللارنى، چۈنكى ئاياللار خەتەرلىك مەخلۇق ئىدى. Epimetheus ئىسمىغا ئوخشاش، پاندورانى ئالغاندىن كىيىن ئۇزاق ئۆتمەي پۇشايمان قىلىشقا باشلايدۇ. پاندورا Epimetheus غا يەتتە ئوغۇل توغۇپ بېرىدۇ، بىراق بۇ يەتتە ئوغۇل توغۇلغاندىن كىيىن زېئوس بۇلارنى بىر قۇتىغا سېلىپ پېچەتلەپ قۇيىدۇ، قۇتىنى <<پاندورانىڭ قۇتىسى>> دەپ ئاتايدۇ. پاندورا بۇنىڭغا ناھايتى ئاچچىقلىنىپ، ئوغۇرلۇقچە قۇتىنى ئېچىپ بالىلىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بۇلىدۇ، بىراق قۇتىنى ئېچىشىغىلا ئۇنىڭ ئالتە ئوغىلى ئۇچۇپ چىقىپ كىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئاچكۆز، قىرماق، ۋەھىمە، ئازاپ، ئاغىرىق، نەپس ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنسانلار ئارىسىدا بالايى ئاپەت بۇلىدۇ، بىراق پاندورانىڭ يەتتىنجى ئوغىلىنىڭ ئىسمى ئۈمىد ئىدى. گەرچە ئىنسانلار ئاچكۆزلۈك، قىرغىنچىلىق، ۋەھىمە، ئازاپ، ئاغرىق ۋە ئازدۇرۇشلارغا دۇچ كەلسىمۇ بوشاشمايدۇ، چۈنكى ئۇلاردا يەنە ئۈمۈد بار ئىدى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 302 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01