مايۈن - 95%دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرىكتور

مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور



مايۈن (Jack Ma)  يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكتە  مايۈن (Jack Ma) يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكتە

   جوڭگۇدا جوڭگۇدىكى بېلگاتىس دەپ نام ئالغان بىر كاتتا باي بار، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ پىروگراممىلىرىدا ئۇ ھەر قانداق ناخشا -كىنو چولپىنىدىنمۇ كۆپرەك كۆرۈنىدۇ، كىتاپخانىلاردا ئۇ يازغان كىتاپلارنىڭ بازىرى ھەر قانداق يازغۇچىنىڭكىدىنمۇ بەكرەك ئالقىشلىنىدۇ. ئۇ دەل جوڭگۇدىكى كاتتا باي مايۈن.

    مايۈن 1964-يىلى خاڭجۇدا تۇغۇلغان. 1988-يىلى خاڭجۇ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىنىڭ ئەنگىلىز تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1995-يىلى 4-ئايدا دوستى خې يىبىڭ بىلەن بىللە جوڭگۇدىكى تۇنجى ئىنتېرنېت سودا ، تېلېپون، ئادرىس ئۇچۇرى قامۇسى chinapages.com نى قۇرغان. 
   1997-يىلى مايۈن بېيجىڭغا بېرىپ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تاشقى سودا مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتى moftec.org.cn نى ئىشلەپ جوڭگۇ تاۋارلىرىنى خەلقاراغا تونۇشتۇرىدىغان تۇنجى كۆزنەكنى ئاچقان.

مايۈننىڭ ھاياتلىق دەستۇرى بولسا «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىك»
مايۈننىڭ ھاياتلىق دەستۇرى بولسا «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىك»



    1999-يىلى سېنتەبىردە مايۈن دوستى خېيىبىڭ بىلەن بىللە ئەلى بابا تور پونكىتى  نى قۇردى. مايۈن دەرھال تور ئارقىلىق ۋالمارت، ماركانت، سوبوند قاتارلىق خەلقارا شىركەتلەرگە جوڭگۇنىڭ ئەرزان ۋە سۈپەتلىك ماللىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازاندى. بۇنىڭ بىلەن مايۈن جوڭگۇدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بايلىق ئىشىكىنى چېكەلەيدىغان يول باشلىغۇچىغا ئايلاندى ، ئۆكتەبىردە «ئەلى بابا» تور پونكىتى«گوشىڭ سەركەردىسى» تەمىنلىگەن 5مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى خىيىمخەتەرگە مەبلىغىگە ئىگە بولدى، مايۈن شىركەتنى شاڭگاڭغا يۆتكەشنى ئوتتۇرىغا قويدى ئەمما خېيىبى قوشۇلماي خاڭجۇدا قېلىپ قالدى. بۇ چاغدا مايۈن دەرھال تەۋەككۈل قىلىپ شىركەتنى شاڭگاڭغا يۆتكەپ شىياڭگاڭ ۋە ئامېرىكىدىن نۇرغۇن ئىختىساس خادىملارنى شىركەتكە ئېلىپ كىرىش بولدى ۋە«ئىگىلىك ياراتقۇچى خادىملار روتا كوماندىرى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن ئەمەل تۇتۇش ، پولكوۋنىكتىن يۇقىرى ئەمەللەرنى پۈتۈنلەي دوكتۇرلار تۇتۇشى كېرەك !» دەپ جاكارنامە چىقاردى. 

   شۇ چاغدا «ئەلى بابا» دىكى 12 كىشىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ئارىسىدا مايۈندىن باشقا ھەممىسى چەتئەلدىن كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە يىلدا «ئەلى بابا» تېخىمۇ كۆپ دوكتۇرلار نى قوبۇل قىلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خارۋارت، سىتانفورت، جوڭگۇدىكىمۇ دوكتۇرلار بار ئىدى. ئەمما كېيىن مايۈن بۇ دوكتۇرلارنىڭ 95%نى ئىشتىن بوشاتتى، 2001-يىلى فوربېس ئالا بابا تور بېكىتىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا بىلەن سېتىۋالغۇچى كارخانا ئوتتۇرىسىدا ( B2B) مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بېكەت دەپ باھالىدى.

مايۈن
مايۈن



    مايۈننىڭ MBA نەزىرىيەلىرى خارۋاردنىڭ سودا ئىنىستوتى تەرىپىدىن مەخسۇس تەتقىق قىلىندى. مايۈن كېيىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى:
   ـ ئىلگىرى مەن بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ پىروفىسسورى جاڭ ۋىيىن بىلەن گەپ تالىشىپ قالدىم، توغرا مېنىڭ سەۋىيەم چەكلىك ، بۇ نۇقتىنى ھەر قانداق چاغدا ئېتراپ قىلىمەن !بىراق ئاشۇ 95%دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتتىم، لېكىن ئۇلاردا راستىنلا خاتالىق يوقمۇ؟ نېمىشقا مەن 95%دوكتۇرنى ھەممىسىنى ئىشتىن بوشىتىۋەتتىم، ؟بۇ يەردە ئۇلاردا زادىلا خاتالىق يوقمۇ؟ بار، ئۇلاردا چوڭ خاتالىق بار ، يەنى بۇ بىر توپ دوكتۇرلار بوسۇغىسىدىن ئاتلاپلا ، مەندىن 100مىڭ يۈئەن مائاش تەلەپ قىلدى، ئاغزىدىن پەقەت قۇرۇلۇش ئىستىراگىيدىدىن باشقا گەپ چىقمىدى.ھەر قېتىم ئاشۇ مۇتەخەسىس دوكتۇرلارنىڭ كۆپۈپ تۇرغان سۆزلىگەن بۈيۈك نەزىرۋىيىلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا تومۇرلىرىم قىزىپ كېتىدۇ، بىراق ئەمەلىي ئىش قىلغاندا قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي قالىمەن! مايۈن يەنە مۇنداق دېدى:سودا ئۇنۋېرسىتىتىلارغا كىرگەندە باشتا نېمىنى ئۆگىنىش كېرەك؟ ھەقىقىي كارخانىچى كىچىك كارخانىلارنى ئېلىپ مېڭىشتا پاراسەتكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ئوتتۇراھال كارخانىلارنى مۇۋەقىپىيەت قازاندۇرۇش باشقۇرۇشقا تايىنىدۇ. شۇڭا سودا ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ پىروفىسورلىرى دوكتۇرلارنى تەربىيلىگەندە ئالدى بىلەن ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشى كېرەك. مېنىڭ بۇ دوكتۇرلارغا بېرىدىغان باھايىم «ئۇلاردا ئەڭ ئاساسىي ئەدەپ-قائىدە ، كەسپىي روھ ، كەسپىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى دېگەنلەرنىڭ بىرىمۇ يوق» بۇ كىشىلەر«ئەلى بابا» غا خۇددى ئادەم باشقۇرغىلى كەلگەندەك ئەلپازدا سۆزلىگىلى تۇردى، ئۇلار بوسۇغىدىن ئاتلاپلا ئىلگىرى كارخانىچىلار ياراتقان تۆھپىلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى» .
   مايۈن ئەزەلدىن ئاشۇ كەسپىي دېرىكتورلارنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئىنكار قىلمىدى، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئايروپىلاننىڭ پىرقىرغۇچىغا ئوخشاتتى، ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى ، شۇنچە ئىقتىدارلىق پىرقىرغۇچ تىراكورلارغا باپ كېلەمدۇ-يوق؟ بۇنىڭ بىلەن مايۇننىڭ ئىختىساسلىق خادىملارنى ئىشلىتىش ھەققىدە خۇلاسا چىقىرىپ :«پەقەت كارخانىغا ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىق خادىملارلا، ھەقىقىي ئىختىساسلىق خادىمدۇر» دېدى. ئۇ ئەينى چاغدا مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:شۇنچە ئىقتىدارلىق ۋە ئۈنۈملۈك ئايروپىلان پىرقىرغۇچىنى تىراكتورغا مەجبۇرىي يۆتكەپ قويسا ، يەنىلا بۇ تېراكتورنى ئاسماندا ئۇچۇرغىلى بولمايدۇ، بىز ئەينى چاغدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق خاتالىقىغا يول قويغان. ئاشۇ كەسپىي دېرىكتورلارنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن يۇقىرى، ئەمما بىز گە تازا باپ كەلمەيدۇ، شىركەتنىڭ ئەينى چاغدىكى تەرەقىيات سەۋىيىسى بۇ خىل كىشلەرنى سىغدۇرالمايتتى. ئۇزاقتىن بۇيان ، نۇرغۇن ئادەم نەزىرىدىكى ئىختىساسلىق خادىم يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ، يۇقىرى ئۈنۋانلىق ئادەملەر بولۇپ كەلدى، بۇنداق نەرسىلىرى يوق كىشىلەرنىڭ ئاسانغا چىققۇدەك ئىقتىدارى بولىمۇ ، بىرر دېپلومى ياكى ئۈنۋانى بولمىغانلىقى سەۋەپلىك ، ئىختىساس خادىملىرى دېگەن نامغا ئىگە بولالمىدى، ئەمما غەرىپتا مۇنداق بىر مەشھۇر ھېكىمەت بار بولۇپ «ئەخلەت خاتا جايغا قويۇلغان بايلىق» خەقنىڭ ئىختىساسلىق خادىم ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشتە ھالقا ئۇنىڭ قانداق ئورۇنغا قويۇلغانلىقى ، ئەگەر ئۇنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا ، ئۇ ئۆزى ئولتۇرغان ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسا ئۇ چوقۇم ئىختىساسلىق خادىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، ئۇ بېشىغا مەيلى قانچىلىك تاج تاقىسۇن ، ئۇ چوقۇم ئىختىساسلىق خادىم ئەمەس! شۇڭا مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا، «ئىشلىتىشچانلق» ئىختىساسلىقنىڭ بەلگىسى.

«CEO(باش لېدىر)دىن كەلگەن خەت» ناملىق كىتابى«CEO(باش لېدىر)دىن كەلگەن خەت» ناملىق كىتابى


    

مايۈننىڭ خانىمى 
مايۈننىڭ خانىمى

   مايۇننىڭ ئىشخانىسىدا ئېسىلغان رامكىدا مۇنداق سۆزلەر بار «ئىختىساسلىق خادىملارنى ئىشلىتىشتە بۈيۈك داھىيلەرغا خاس خىسلەت بار ، شۇڭا بېل گاتىس بۈيۈك ئىشلارنى قىلالىغان» .


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 14

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 2105 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-19