ئامېركىلىقلارنىڭ تەربىيە قارىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
      ئامېركىنىڭ .ئائىلە تەربىيە قارىشىدا كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان يېرى :بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىززەتلەش ،مۇستەقىللىقىنى ھۆرمەت قىلىش ،يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇستەقىىل بىر تەرەپ قىلدۇرۇش. ئامېركىدىكى بالىلار بوۋاق ۋاقتىدى باشلاپلا ئانىسىدن ئئايرىلىپ ئۇخلايدىكەن.ئىككى،ئۈچ ياشلىق بالىلار ئايرىم ئۆيدە ياتىدىكەن،پەقەت ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدىكەنتۇرمۇشتا تۈرلۈك ئىشلارنى ،يەنى ئويناش ئۆگىنىش قاتارلىق ئشىلارنى ئۆزى تاللايدىكەن،ۋە مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىدىكەن.كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئويۇنچۇقلىرىنى ھەمدە ئوقۇش قورالى ساقللايدىغان ئايرىم جايى بولىدىكەن.،ھۇجىرسىنى يىغىشتۇرىدىكەن ۋە سەرەمجانلاشتۇرىدىكەن.ئاتا-ئانىسى بالىلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىشىنى قىلىپ بەرمەيدىكەن،پەقەت ئېسىگە سېلىپ قويىدىكەن ۋە مەسلىھەت بېرىدىكەن.
   ئامېركىلىق بالىلارنىڭ ئۆينىڭ كىچىك خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ،ئائىلىدىكى ھەر قانداق پائالىيەتكە قاتنىشىپلا قالماستىن ،بەلكى ئائىلىدى كى چوڭ ئشلارغىمۇ ئارىلىش ھوقۇقىمۇ بولىدىكەن، مەسىلەنقانداق ماشىنا، قانداق ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ۋە قانداق كومپىيوتېر سېتىۋېلىش ھويلا ئارامدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قانداق گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئۆينى بېزەش قاتارلىق ئىشلاردا بالىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدىكەن ۋە شۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىكەن. بالىلار ئاتا-ئانىسىغا قۇربى يەتكۈدە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدىكەن مەسىلەن:چويلا-ئارامنى يىغىشتۇرۇغ،گۈل-گىياھ ۋە دەل-دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش،ماشىنا سۈرتۈش،ئۆي تازىلاش ،ۋە نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارقاتارلىقلارنى قىلشىپ بېرىدىكەن. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ ئويۇنىغا ئارىلىشىۋالمايدىكەن،ۋە قىزىقىشىغا ئارىلىشۋالمايدىكەن.يەنى ئۆزى قىلىشقا قىزقمىغان ئىشلارنى قىلغۇزمايدىكەن،بەلكى بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆزمەت قىلىدىكەن. دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتنى بالىلار ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. قانداق سۆزلەرنى ئۆگىنىش ۋە باشقا قىزىقىشىنى قوللايدىكەن ۋە ئىلھاملاندۇرىدىكەن،ھەم يېتەكچىلىق قىلىدىكەن،ھەمدە ئائلە ئوقۇقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ ، كۇرۇسلارغا قاتناشتۇرىدىكەن.
    ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بېسىم ئىشلەتمەيدىكەن، ئۇلار ،ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغا بالا تەبىئىيلا ئۆزى ئۆگىنىپ كېتىدۇ،نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايمىز ؟مەجبۇرلاش بالىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.خارەكتىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەقىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئادەملەرنىڭ قىزىقىشى بىلەن قابىلىيىتى ئوخشىمايدۇ.بالىلار نېمە ئىشنى مۇۋاپىق دەپ ئويلىسا شۇنى قىىشى كېرەك،كىشىلىك ھايات يولنى ئۆزى مېڭىشى كېرەك دەپ ئويلايدۇ.ئۇلارىڭ قارىشىچە مۇۋەپىقىيەتكە قازانغان ئائىلە تەربىيىسى مۇنداق بولىدىكەن:ئاتا-ئانىلار ۋاقىت ئاجىرتىپ بالىلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ پاراڭلىشىشى پىكىر ئالماشتۇرۇشى ،بالىلارنىڭ توغرا كۆز قارىشى ۋە ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشى ،بالىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلق ساغلام چوڭ قىلىش ئىكەن.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 743 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01