نېمە ئۈچۈن ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ ھاياتى كۈچى زور بولىدۇ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

      نېمە ئۈچۈن ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ ھاياتى كۈچى زور بولىدۇ؟

    ئالىملار ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ  ھاياتى كۈچىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى ئۇلارنىڭ شۇ يەرنىڭ تۇپراق ۋە ھاۋا كىلىماتىدا تەبىئى تاللىنىشتىن ئۆتكەن ئىكەنلىكىدەك پاكىتقا باغلاپ چۈشىنىدۇ. چۈنكى باشقا تۈرلەر باشقا جايلاردىن كەلگەن بولۇپ تۇپراق ۋە ھاۋا كىلىماتىغا بولغان تەلىپى ئادەتلىنىشى ئوخشىمايدۇ، ئەمما  ياۋا ئوي-چۆپلەر نەچچە ئەۋلاد شۇ يەردە ياشاپ كۆپەيگەن بولغاچقا شۇ جاينىڭ ساۋا كىلىماتىغا ھەرقانداق يېڭى تۈرگە قارىغاندا بەكرەك ماسلاشقان بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ  ھاياتى كۈچى باشقا تۈرلەردىن كۈچلۈك بولىدۇ.  ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ  ھاياتى كۈچى زور ھەر قانچە زور بولسىمۇ لېكىن ئۇلارمۇ باشقا تۈرلەرگە ئوخشاشلا كىلىماتى ئوخشىمايدىغان جايلاردا كۆپىيەلمەيدۇ. يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ   ھاياتى كۈچىنىڭ زور  بولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك ئامىللارمۇ مەۋجۇت.

بىرىنچى
    ياۋا ئوت-چۆپلەر ئىنتايىن كۈچلۈك كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە.يەر شارىدا 30 مىڭ خىلدىن ئارتۇق ياۋا ئوت چۆپ بولۇپ،ئادەتتە ھەممىسى كۆپ مىقدار ئۇرۇق ھاسىل قىلالايدۇ.،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەمىمىسى بىر يىلدا نەچچە ئەۋلاد كۆپىيەلەيدۇ. بەزى ياۋا ئوت چۆپلەر يىلتىزى ،يەر ئاستى غولى ۋە تۈگۈنەك غولى ئارقىلىقمۇ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ.
ئىككىنچى
    ياۋا ئوت-چۆپلەر ئەۋلادمۇئەۋلات دالىدا ئۆسۈپ كەلگەچكە ياۋايىلىقى كۈچلۈك ،ئۇ ھال ئۇلارغا قۇرغاقچىلىق ،ھۆلچىلىك ،سوغۇققا ،شورلۇق تۇپراققا ،قاقاسلىققا چىداملىق بولۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن.
    ئۈچىنچى ئادەتتە ياۋا ئوت چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى يېنىك بولۇپ ئۇلار شامالدا ئۇچۇپ ناھايىتى يىراق جايلارغا تارقىلىپ كۆپىيەلەيدۇ، بەزى ياۋا ئوت چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى ئۈستىگە ئىلمەكلەر ئۆسۈپ چىققان،ئۇلار ئادەم ياكى ھايۋانلار تېنىگە يېپىشۋېلىپ ،ھەممە جايلارغا تارقىلالايدۇ..بەزى ياۋا ئوت چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقلىرىنى قۇشلارۋە ھايۋانلار يەپ كەتدىمۇ ،ئۇلار ئەنە شۇ قۇشلار ۋە ھايۋانلارنىڭ تېزىكى ۋە ماياقلىرىدىن چىقىپ ،باشقا جايلارغا تارقىلىپ ئوخشاشلا كۆپىيەلەيدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 655 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01