يەر شارى=地球=earth

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

يەر شارى


   يەر شارى چەكسىز ھاياتى كۈچكە تولغان سامان يولى سىستىمىسىدىكى قۇياش سېستىمىسىغا قاراشلىق بىر ئاددى پىلانىت. يەر شارىدا سانسىزلىغان جانلىقلار بىرلىكتە ھايات كەچۈرىدۇ. ئالىملار بىردەك ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى يەر شارى پۈتۈنلەي ئۈزلۈكسىز پارتىلاپ تۇرغان يانار تاغلار ۋە يانار تاغ لاۋلىرى بىلەن قاپلانغان ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىنتايىن تىز بولغان، ئوت دىڭىزى بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا ھىچقانداق ھاياتلىقتىن ئېغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، كېيىن مەلۇم تارتىش كۈچى نەتىجىسىدە يىغىلىشى بىلەن يەر شارى بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ.
   1.يەر شارىنڭ ئېغىرلىقى(6000.000.000.000.000.000.000.)توننا يەنى 6×10^24 كىلوگىرام كېلىدۇ 2.قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 1يېرىم مىلىيون كىلومېتىر، يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش ئوربىتاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 924 مىلىيۇن 375مىلىيۇن 700كىلومېتىر كېلىدۇ. 3.قۇياشنىڭ ھەجىمى يەر شارىنىڭ ھەجىمىنىڭ 1مىلىيون 300مىڭ ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ 4.يەر شارى يادروسىنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەخمىنەن 5700سېلسىيە گىرادوس كېلىدۇ. 5.يەر شارى تەخمىنەن 4مىليارت600مىلىيۇن ياشقا كىردى. 6.يەر شارى سىكۇنتىغا 29.7كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەر 24 سائەتتە ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ، سىكۇنتىغا 11.186كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەر 365كۈندە قۇياشنى بىر قېتىم غەرپتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىپ چىقىدۇ. 7.يەر شارى ئايلانغاندا ئېكۋاتورنى نۆل دەپ قارىغاندىكى 23.26گىرادۇسقىچە قۇياش نۇرىغا تىك چۈشىدۇ، يەر شارى بىر يىل ئىچىدە جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئىككى قېتىم قىيپاش بولىدىغانلىقتىن جەنۇبى ۋە شىمالى تىروپىك سىزىقى مۇشۇ ئىككى گىرادۇسنى ئۆلچەم قىلىپ شەكىللەنگەن بولىدۇ.
    8.يەر شارىنىڭ جەنۇپتىن شىمالغا بولغان رادىئۇسى 6356كىلومېتىر، غەرپتىن بولغان ئېكۋاتور رادىئۇسى تەخمىنەن 6371 كىلومېتىر ، ئايلانمىسى 40مىڭ 75كىلومېتىر، ھەجمى 1تىرلىيۇن 83مىليارت 200مىلىيۇن كۇپ كىلومېتىر كېلىدۇ. يەنى ھازىرقى سائىتىگە 800كىلومېتىر ئۇچىدىغان ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا يەر شارىنى تولۇق ئايلىنىش ئۈچۈن 50سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. 9.يەر شارىنىڭ يۈزى 510مىليۇن كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ يۈزى 361مىليارت 745مىلىيۇن كۇۋادرات كىلومېتىر بولۇپ70.8 %نى ئىگەللەيدۇ، قۇرۇقلۇق يۈزى 148مىلىيارت 939كىلومېتىر بولۇپ 29.2 % نى ئىگەللەيدۇ. 10. يەر شارى ئاتموسفىراسىدا ئازوت 78.5% نى، ئوكسېگىن 21.5%نى ئىگەللەيدۇ. يەر شارىدا تەخمىنەن 7 مىلىيادقا يېقىن ئىنسان بار.

[admin تەستىقلىدى . 2010-3-31 13:21:31]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 917 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01