خامىلىيون=变色蜥=chamaeleon

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
خامىلىيون=变色蜥=chamaeleon
ئىلمى نامى: Anolis equestris
   خامىلىيون شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىن تارتىپ ئافرىقا ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى ئامېرىكا تەۋەسىگە قەدەر تارقالغان بىر نەچچە تۈردىكى ئۆمىلىگۈچى ئائىلىسىگە تەۋە كەسلەنچۈكسىمان ھايۋان بولۇپ دۇنيادا تۈرلىرى تەخمىنەن 100دىن ئاشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 7سانتىدىن 60 سانتىغىچە ئوخشاش بولمايدۇ. بەدەن تېمپىراتۇرسى ئۇمۇمەن 20دىن 30 سېلسىيەگىچە بولىدۇ.
    خامىلىيونلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك خامىلىيون كۇبا ۋە فىلورىدا تەۋەسىدە ياشايدىغان، ئادەتتە يېشىل رەڭلىك، كېچىسى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىلەيدىغان، گۈل پەسىللىرى سۆسۈن ياكى قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىپ باشقا چوڭراق ھاشارات ۋە ئۆزىدىن كىچىك ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنى ئۇزۇقلۇق قىلىدىغان كۇبا خامىلىيونىدىن ئىبارەت.
   كۇبا خامىلىيونى ئورمانلىق ياكى مىۋىلىك باغلاردا كۈندۈزى ھەركەت قىلىپ ياشايدىغان، ھەركىتى باشقا تۇققانلىرىدەك ئۇنچە چاققان بولمىغان بىر خىل تۈر بولۇپ يېتىلگەنلىرىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 50سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، قۇيرۇقى بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. ئاساسى كۈشەندىسى يىلان. كۇبا خامىلىيونىنىڭ ياز پەسلىدىكى جۈپلىشىش مەزگىلىدە كۆزلىرى چوڭىيىپ ، بوغۇزلىرى كۆپۈپ كېتىدۇ. بىردىن ئۈچكىچە تۇخۇملاپ تۇخۇمىدىن 40 كۈن ئەتراپىدا بالىسى تۆرىلىدۇ. تۇخۇمى سوزۇنچاقراق بولۇپ توخۇ تۇخۇمىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يېڭى تۇخۇمدىن چىققان بالىسى ھەركەت قىلالايدۇ. ئەمما ئۈچ كۈنگىچە تاماق يىيەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئانىسى تۇتۇپ بەرگەن چوڭراق ھاشارەتلەرنى يەيدۇ.
    كۇبا خامىلىيونى شەكلى قورقۇچلۇق بولسىمۇ رەگىنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن ھازىر كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەرمەك ھايۋان بولۇپ قالدى. خامىلىيون ئادەتتە دەرەخ شاخلىرىدا جىمجىت ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر كېچە-كۈندۈز ئىچىدە 6تە7تە خىل رەڭگە ئۆزگىرىلەيدۇ.
    خامىلىيوننىڭ تېرىسىدە قىزىل ، قارا ، سېرىق ، كۆك ، قوڭۇر دېگەندەك خىلمۇخىل رەڭ ھۈجەيلىرى ساقلانغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قۇياش نۇرى، تېمپۇراتېرا ، نەملىك قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە ئۇنىڭ ، ئۇنىڭ بەدىنىڭ رەڭگىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ بۇ خىل ماھارىتى ئالىملارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان . ئالىملار ئۇنىڭ رەڭ ئۆزگەرتىش ماھارىتىگە تەقلىد قىلىپ، ھەم ئۆزلىكىدىن رەڭ ئۆزگەرتەلەيدىغان، ھەم ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن باشتىن ـ ئاخىر بىردەكلىكنى ساقلىيالايدىغان بىر خىل ھەربىيچە كىيىمنى لاھىيلەپ چىققان.
    [img]http://www.animalsholding.cz/zvirata/2.jpg[/img]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 717 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01