180مىڭ دوللارغا تور نامى تەسىس قىلالايسىز

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
تور نامى دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىۋېلىنىدىغان بولغانلىقتىن بۈگۈنكى كۈندە 200نەچچە خىل ئوخشىمىغان تور نامى ئاياقلاشمىسى ھەر قايسى دۆلەت ۋە خەلقارا ئورگانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۆزىگە تېگىشلىك ئىككى ھەرپلىك تور نامىغا ئىگە بولدى. تور نامى دائىم دىگۈدەك بىر تور بەتنىڭ نەتىجە قازىنىش قازانماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئون دوللارغا ئېلىنىدىغان ئادەتتىكى تور نامىنىڭ نەچچە مىليۇن دوللارغا سېتىلىشى ئەمدى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرمايدىغان بولدى. تېلىفون ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېلېگىراف شىركەتلىرىنىڭ تېلىفون ياكى يانچۇق كومپىيۇتېرىغا ئوخشاش كىچىك ئېكرانلىق تور زىيارەتچىلىرىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئاچقان mobi. تور نامىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تور نامى ئاياقلاشمىسى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مونوپولىغا قارشى تۇرۇش، باشقىلارنىڭ تور بېكىتىنىڭ ھوقۇقىنى يەنىمۇ قوغداش ئۈچۈن خەلقارا تور نامى ۋە IP سانلىق ئادرىس تەقسىمات ئورگىنى بولغان (“ICANN”) ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل تور نامى ئاياقلاشمىسى ۋە IP نومۇر دائىرىسىنى تەقسىم قىلىشنى مۇقىم ھەقلىق مۇلاىمەتكە ئۆزگەرتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كوسوۋونىڭ 180مىڭ دوللار تۆلەپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تور نامى ئاياقلاشمىسى ۋە IP نومۇر دائىرىسىگە ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ گوگۇل ۋە بەزى شىركەتلەر ئۆزى خالىغان تور نامى ئاياقلاشمىسىغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق ئۆز بايلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدىغان تور نامىنىڭ ئۆز قولىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ICANN يىلدىن يىلغا يەنىمۇ كۆپ مەبلەغگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ، تىزىملاتقىلى بولىدىغان تور نامى يىلدىن يىلغا ئازلاۋاتىدۇ، ICANNنىڭ مۇئاۋىن باشقۇرغۇچىسى پائۇل لېۋىنىس Paul Levins يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ « ھازىر دۇنيادا پەقەت “.com”،“.org”،“.biz” ۋە ”.info“ قاتارلىق 21 خىللا ئېچىۋېتىلگەن خەلقار تور نامى بار ، دۆلەتنىڭ تور ناملىرىدا بولسا سېتىش، كېڭەيتىش، باشقۇرۇش ۋە تېخنىكىلىق مۇلازىمەتلەردە خېلىلا زور سەۋىيە پەرقى بار، ناۋادا تور نامى ئاياقلاشمىسى ئىلتىماس قىلىشنى ئېچىۋېتىپ غەيرى ئېنگىلىز تىلى ھەرپلىرى ئۈچۈن تور نامى ئاياقلاشمىسى تەسى قىلىش جىددى يولغا قويۇلمىسا تور نامىنى يامان نىيەت بىلەن تىزىمغا ئېلىۋېلىپ ھاينىغا ساتىدىغانلار ئۈچۈن بازار تېپىپ بەرگەن بولىمىز» دېدى ۋە 180مىڭ دوللار دوللارنى يېڭى تور نامى ئاياقلاشمىسى ئىلتىماس قىلىشنىڭ بېكىتىلگەن ھەققى قىلىپ، ئوخشاش ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا تالىشىپ سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ICANNنىڭ كىرىمىنى كېڭەيتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 846 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01