ۋاتىكان - دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ۋاتىكان The Vatican City State
پايتەخت: ۋاتىكان،
ئاھالىسى 1مىڭ400 . مۇقىم ئولتۇراقلاشقان نوپۇس 540
زىمىنى: 0.44 كۇۋادىرات كىلومېتىر.

   ۋاتىكان ئەمەلىيەتتە رىم ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىكى سان پىتىر چېركاۋىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىتالىيە پايتەختى رىمنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان، چېركاۋ تېمى ۋە چېركاۋغا يېيىتىلغان چاقچۇق خىىشلار ۋاتىكاننىڭ ئىتالىيە بىلەن بولغان چېگرىسى ھىساپلىنىدۇ.

    تىلى: ئاھالىنىڭ 95%نى ئىگەللەيدىغان ئىتالىيان تىلى ۋە كاتولىك دىنىنىڭ دىنى تىلى ھىساپلانغان لاتىن تىلى دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن.
   پۇلى: ياۋرو ئىقتىسادى: 2006 -يىلى ۋاتىكاننىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 9مىليارت306مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 5600دوللار توغرا كەلگەن.
    دىنى : ۋاتىكان بىر چوڭ چېركاۋ ، شۇنداقلا دۇنيا كاتولىك دىنىنىڭ مەكىزى ھىساپلىنىدۇ. دۆلەت غەيرى خىرىستان مۇرتلىرىنى پۇخرالىققا ئالمايدۇ. ۋاتىكان ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كاتولىك دىنىنىڭ پاپا، باستېر، پوپ دىگەندەك دىنى خادىملىرىدۇر.
    ئىقتىسادى : ۋاتىكان ماركا ھوقۇقى ، سان پىتىر چېركاۋىنىڭ مۇزىي كىرىمى، خىرىستيان باي ۋە شىركەت-بانكىلارنىڭ خەيرى-ئېھسانى قاتارلىقلار بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت سانالسىمۇ بىراق ئەھۋالى ئالاھىدە بولغانلىقتىن دۇنيادىكى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم دىگەندەك سىتاتىسكىلارغا كىرگۈزۈلمەيدۇ ، ۋاتىكان سىرتقا ، بولۇپمۇ نامرات ئەللەردىكى كاتولىك دىنى تارقىتىش، چېركاۋ سېلىش ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا كۆپ ياردەم بېرىدىغان دۆلەت سانىلىدۇ.
   ۋاقىت رايونى : ياۋروپا ۋاقتى (2-ۋاقىت رايونى) ۋاتىكان دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان بولۇپ ، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسى بار .
    قىسقىچە تارىخى: ۋاتىكان مىلادىدىن ئىلگىرىكى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بۆشۈكى رىم شەھرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 4-ئەسىردە رىم ئىمپىراتورى ئاۋگوستىن باشقا دىنى خادىملار سان پىتىر پاناھلانغان جاي دەپ قارالغان ھازىرقى ۋاتىكاننىڭ ئورنىغا بىر چوڭ چېركاۋ سالدۇرغان. مىلادى 706-يىلى كارولىن ئىمپىراتورى پىپپىن ھازىرقى ۋاتىكان ۋە رىم ئەتراپىدىكى 40مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق يەرنى پاپانىڭ مەڭگۈلۈك باشقۇرۇش رايونى قىلىپ تەقسىم قىلىپ بەرگەن.
    15-ئەسىردە ۋاتىكان داڭلىق سەنئەت ئۇستىسى مىكىلان جىلو چېركاۋنىڭ ئۇمۇمى قۇرۇلمىسىنى قايتا لايىھەلەپ دۇنيا كاتولىك دىنىڭ داھىسى ھىساپلىنىدىغان پاپانىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى ۋە داغدۇغىلىق تاج كەيدۈرۈش مۇراسىملىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك قىلىپ ھەشەمەتلىك ئويما، سىز بېزەكلەر بىلەن چېركاۋنى دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك چېركاۋ قىلىپ چىققان.
    1870-يىلى رىمدا پاپا ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى شىددەتلىك قوزغىلاڭ پارتىلاپ ئىتالىيە دۆلىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارمىيىسى رىمغا كىرگەن، پاپا بارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ ۋاتىكان چېركاۋىغا قامىلىپ قالغان.
    1929-يىلى 2-ئايدا ئىتالىيە مۇسسۇلىن ھۆكۈمىتى پاپا ئامبىراگىيو بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ ئىتالىيە ۋاتىكاننى تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس زىمىن دەپ جاكارلىغان ۋە ۋاتىكاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان لاتېران كېلىشىمى تۈزۈلگەن.
    ۋاتىكاندا ئاساسەن ئىقتىسادى ئەسلىھە يوق بولۇپ تۇرمۇشتا ئاساسەن ئىتالىيەگە تايىنىدۇ. ئەمما ۋاتىكان ماركا ھوقۇقى ، سان پىتىر چېركاۋىنىڭ مۇزىي كىرىمى، خىرىستيان باي ۋە شىركەت-بانكىلارنىڭ خەيرى-ئېھسانى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت سانىلىدۇ.
    ۋاتىكاننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى شىۋىتسارىيەدىن كەلگەن 150كىشىلىك داڭلىق مۇھاپىزەتچى پىدائىلار ئارمىيىسىدىن تەشكىللەنگەن.
   ۋاتىكان دۇنيادىكى كىچىك لېكىن تەسىرى زور دۆلەت، 161 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسى، 200خىلدىن ئارتۇق تىلدا رادىئو ئاڭلىتىشى، ب د ت دا دائىملىق ۋەكىلى بار.
دۆلەت تور بېكىتى [url=www.vatican.va]www.vatican.va[/url]
ۋاتىكاننىڭ تور ئالاقە ئىشلىرى تەرەققى قىلغان بولۇپ ۋاتىكان زىمىنىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك سىمسىز تور قاپلىغان، تورغا چىقىش ۋە تېلېفون ھەقسىز.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1196 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01