شەھەر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئەنئەنە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

شەھەر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئەنئەنە

شەھەر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئەنئەنە قۇربانجان توختى ( ئازىق ) يېزىدا خىزمەت قىلغىنىمغا ئالايىتەن سەككىز يىل بولۇپ قالغان ئىدى . يېقىندا ، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەردە ئىككى ئايلىق ۋاقتىنچە خىزمەت ئىشلىشىمگە توغرا كەلدى . بۇ جەرياندا بىر ئىش مىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى . بىر كۈنى ، تونۇشقىنىمىزغا ئۇزاق بولغان ، مەن تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بىر دوستۇم (شەھەردە ئىشلەيدىغان) بىلەن كۆرۈشۈپ ، پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم . __ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! سالام - سائەتنىڭ نوچىسىنى قىلىپ ، كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قولۇمنى تەڭلىدىم . بىراق ، كۆرۈشۈشكە مەيلى يوق ، زورىغا تەڭلەنگەن ئۇنىڭ قولى مېنىڭ قىزغىن كەيپىياتىمغا سوغۇق سۇ سەپكەندەك بولدى . مەندە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى بىردىنلا بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلىنغاندەك تۇيۇلدى . شۇنىڭ بىلەن ، ئاچچىقىمدا ھېلىقى ئاغىنەمگە سۆزلەپلا كەتتىم : __ باشلىق بولساڭ ئۆزەڭگە ، سالام قىلسا نېمىنداق زۇۋان سۈرمەيسەن ؟ كۆرۈشكىلى تېخى قولۇڭنى بەرمەيسەن ؟ ئۇنداق قىلما ، ئارىمىزدا قائىدە - يۇسۇن يوقاپ كەتمىسۇن ؟ __ ياق ، ئاداش ، خىزمەت ئالدىراشچىلىقى . ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن . شەھەر دېگەندە بۇنداق ئىشلارنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ ، نېمىنداق قىلىپ كىتىسەن . __ ...... يەنە سۆزلەي دىدىم - يۇ ، گېپىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ ئەھۋال سوراپلا چىقىپ كەتتىم . بەرھەق ، مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز ، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز ، قائىدە - يۇسۇنلىرىمىز دوستۇمغا ىوخشاش « شەھەر مەدەنىيەتچىلىرى » نىڭ يەكلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ، دائىم دېگۈدەك ئېسىل ئەنئەنىۋى ئەخلاق - پەزىلەتلەرنى ، قائىدە - يۇسۇنلارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويماقتا . ھەدېسىلا ، « دەۋر تەرەققىياتى » ، « شەھەر مەدەنىيىتى » نى جار سېلىپ ، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ، ئېسىل ئەنئەنىلەردىن بىزار بولماقتا . خۇددى بۇ ئىش « كونىلىق » تەك ، بىر خىل ئارتۇقچە ئىشتەك بىلىنىپ ، زامانىۋى شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ « چاڭ - توزاڭ » ، « سۈپرەندە » لىرى قاتارىدا كۆزدىن يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە : دەۋر ئۆزگەرسە ، مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى ، قائىدە - يۇسۇنلىرىمۇ ئۆزگىرىشى ۋە چاڭلىشىشى كېرەك . تېخى تۈنۈگۈنلا بىزگە يېتىپ كەلگەن شەھەر مەدەنىيىتى ، كۈندە مىڭ خىل ئۆزگۈرۈپ يىتىشەلمەيۋاتقان موداكەشلىك ، مۇھىم ياكى مۇھىم بولمىغان خىزمەت ئالدىراشچىلىقى قانداقمۇ بىز ئۈچۈن ئەبەدىي قىممىتىنى يوقاتمايدىغان « گۆھەر » لىرىمىزنى يەكلىيەلىسۇن ؟! قانداقمۇ ئۇنى بىر تىپىك بىلەن كۆزدىن نېرى قىلالىسۇن ؟! بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز ، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز ، قائىدە - يۇسۇنلىرىمىز ھەقىقەتەن يېزىلاردا ئۆز قىممىتىنى تاپماقتا . دەرۋەقە ، بىر مىللەت ئۆز ئەنئەنىسىنىڭ تارىخىيلىقى ۋە ئېسىللىكى بىلەن يۈز - ئابروي تاپالايدۇ . ئۇ دەۋر تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ئۆزلۈكىسىز پىششىقلىندۇ ۋە يېڭلىنىدۇ ، ئەمما ھەر ۋاقىت ئۆز خاسلىقىنى ۋە قىممىتىنى يوقاتمايدۇ . شۇڭلاشقا ، دەۋر تەرەققىياتى قانچىكى تىز ئۆزگەرسىمۇ ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ، قائىدە - يۇسۇنلىرىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئۇنى باشقا مىللەت ئالدىدا خارلاشقا ، مەسخىرە قىلىپ چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ . ئەكىسچە ، ئۆز سۆز- ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق « ئېسىل » لىككىنى ساقلاشقا ، ئاسراشقا ۋە ئىپادىلەشكە ، گۈزەل مىللىي ئەنئەنىمىزنى بۇندىن كېيىنكى تارىخ بېتىدە تېخىمۇ جۇلالىتىشقا تىرىشايلى . ( ئاپتۇر - ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدا )

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 389 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01