رۈيگەي=reggae

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

       ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى رۈېگەي (REGGAE) كۈيى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى:

   سىكا كۈيى بىلەن روك سىتەدى كۈيىنىڭ يىغىندىسى بولغان يامايكا ئاممىباپ كۈيلىرىنى رۈېگەي كۈيلىرى دىسەكمۇ بولىدۇ.ئەمىلىيەتتە،روك سىتەدى بىلەن رۈېگەي ئوتتۇرسىدا ئىنىق چىگرا بولمايدۇ.كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنى تولۇقلاپ كەلگەن بولۇپ، رۈېگەيدا ئىلىكتۇرۇنلۇق سازلار ئارقىلىق خەلىقئارالاشقانلىق سەۋەنلىكتور. ئەگەر سىكا كۈيى ئامرىكا كۈيلىرىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق لاتىن ئامرىكا كۈيلىرى شەكىللەنگەن دىسەك، لېكىن رۈيگەي كۈيلىرى تەرەققى قىلىپ ياۋرۇپا ۋە ئامرىكا كۈيلىرىنىڭ تەسىرىدە راۋاجلانغان  دىسەكمۇ بولىدۇ.

   رۈيگەي كۈيىنىڭ مەنبەسى:

   1968 -يىللىرىنىڭ ئەتراپى يامايكىدا شەكىللەنگەن، سەۋەبى 60-يىللاردا ئامرىكا كۈيچىلىكى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا نۇرغۇن سازەندىلەر يۇرتلىرىنى تاشلاپ ،ئىلھام ئىزلەش ئۈچۈن بىر قىسمى يامايكىغا كېلىدۇ.بۇ چاغدىكى يامايكىدىكى كۈيچىلەر بولسا چىگرا ئىچىدىلا ناخشىلىرىنى ئېيتىپ يۈرگەن بولۇپ، بۇ ئامرىكىدىن كەلگەن كۈيچىلەر ئۇلارغا نىسبەتەن كۈيلىرىنىڭ سۈپىتىنى كۈتۈرۈشكە پايدىلىق بىر قىسمى بولۇپ قالىدۇ. يەرلىك خەلىقنىڭ قوقماي قىلىدىغان ئىجاتچانلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ سىرتىن كەلگەن يېڭى ئېقىمنى قوبۇل قىلالىشى ،كېيىنكى كۈيلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.

   60-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا بارغىچە يامايكىدا ئاللىبۇرۇن سىكا كۈي ئېقىمى شەكىلىنىپ بولغان بولۇپ،رۈيگەينىڭ سىمالىرى كۆرۈنۈپ بولغان ئىدى.لېكىن بۇ كۈينىڭ رېتىمى ئىنتايىن تېز بولغاچقا ،كېيىن روككى سىتاندىغا ئۆزگۈرىدۇ، بۇ كۈي ئېقىمى سىكادىن ئاستا ئىدى. مۇشۇنداق ئۆزگۈرۈش جەريانىدا 68-يىلغا بارغاندا رۈيگەي كۈيى رەسمى شەكىللەندى.

   كۈينىڭ شەكلى:

   رۈيگەي كۈيى ئافرىقىنىڭ قەدىمى رېتىملىرى،ئامرىكىنىڭ بلۇز ھەمدە يامايكىنىڭ خەلىق ئاھاڭلىرى مۈجەسەملەنگەن بولۇپ، بۇنداق ئېقىمدا رېتىمنىڭ قاتتىق ئۇدارلىرى كەمەيتىلگەن،ئۈستىگە ئۇرۇلغان گىتتار ئاكورتى جانلاندۇرۇلغان ھەمدە ئادەم ئاكورتلىرى تېخىمۇ موللاشتۇرۇلغان ئىدى.تېكىسلىرىدا بولسا جەمىيەت،سىياسەت ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك تىما قىلىنغان ئىدى.

   رۈيگەي دەسلەپتە يامايكا ئاممىباپ كۈيى بولۇپ،ئۇنىڭدا بلۇز كۈيى بولۇپ قالماستىن ،بەلكى لاتىن كۈيلىرىنىڭ قىزغىنلىقى مۈجەسەملەنگەن ئىدى.رۈيگەيدا ناخشا قىسمى ئاساسلىق ئورۇندا بولۇپ ،مەيلى ئاساسلىق ناخشا ياكى ئاكورتلىق ئوپچا ناخشا بولسۇن ،قوشاق ئۇسلۇبىدا ئىلىپ بېرىلاتى،ھەمدە گىتتار ،تەپلىۋاز،ئىلىكتىرونلوق رىيال ياكى باشقا سازلار ئاساسلىق مىلودىيە ئورۇندا ئىشلىتەتى.يەنە بىر تەرەپتىن باس گىتتار ناھايىتى مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيتى.رۈيگەي نىڭ رېتىمى 44 ئۇدار بولۇپ،قاتتىق ئودار 2ياكا 4-ئۇداردا بولاتى.شۇڭا دۇمباق قىسمىدىن بىز ئۇدارنىڭ ئىنىق ھەم مۇقىم مىلودىيلىكلىكىنى ھىس قىلالايمىز.بۇ رېتىم بىزگە بىر خىل ئىزلەڭگۈ تۇيغا ئاتا قىلىدۇ.

   رۈيگەي ئىسمىنىڭ كىلىپ چىقىشى:

   رۈيگەي ئىسمىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا كەلسەك،ئۇ يامايكىدىكى بىر كوچىنىڭ ئىسمى بولۇپ،مەنىسى تۇرمۇشتىكى بەزەن بىر ئۇشاق-چۈشەك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.دەسلەپكى رۈيگەي بولسا كوچىلاردا قالغان نامىرات كىشىلەرنىڭ نامايىش كۆتۈرگەندە ئىيتىدىغان قوشاقلىرى ئىدى،شۇڭلاشقا تېكىسلىرى جەمىيەت ئىنقىلابى كۆرىشى بولمىسا،كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرىدىغان سۆز ئىبارىلەر ئىدى.شۇڭا تېكىسلىرى ئىنتايىن ئۆتكۈر ھەم جەمىيەتنى ئاچىق قامچىلايدىغان سۆزلەر ئىدى.

   ئەلۋەتتە ھەممە تېكىسى بۇنداقلا چۈشكۈن ئەمەس بولۇپ،بەزىلېرىدە ئادىللىق،ئارزۇ ئارمانلار ھەم ئۇلۇغ مۇھەببەت تەسۋېرلەنگەن ئىدى.1960-يىللارغا كەلگەندە يامايكىدا رۈيگەي كۈيى ئىتايىن مودا بولۇپ تارقىلىدۇ،ھەمدە مودا بولۇپ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ،دېسكوخانلاردا ئەۋجە ئالىدۇ،بىر قىسىم د ج لار ئۇنىڭ تەركىبىگە رەپ ئارلاشتۇرۇم،ئۇنىڭ رېتىمىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۋېتىدۇ.

   كۈينىڭ تەرەقىياتى:

   بوب مارلېي بىلەن ئۇنىڭ كۈي ئەتىرتى رۈيگەي كۈيىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ،كېنولارنىڭ مۇزىكا قېتىلىشى تۆرتكىسىدە رۈيگەي ئامرىكىغا بارىدۇ،ھەمدە ئاقتەنلىكلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.روك كۈي ھەم رەپ لەرنىڭ ئارىسىدىن رۈيگەينىڭ سىمالىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى،بوب مارلېي ئۆلگەندىن كېيىن رۈيگەي كۈيى ئاستا ئاستا سوۋۇشقا باشلايدۇ،رەپ بىلەن رۈيگەينىڭ بىرىكىشى ئارقىسىدا يېڭى بىرخىل تۈس بىلەن قايتا دۇنياغا قەدەم قويىدۇ.بۇ خىل دوب ياكى تاستىڭ دىگەن كۈي شەكلى رۈيگەي كۈيىگە يېڭى ھايات ئاتا قىلىدۇ.بوب مارلېينىڭ ئوغلى زىگى مارلېي دەل مۇشۇنداق كۈينىڭ مەھسولى ئىدى.

   رۈيگەي كۈيىنىڭ دۇنيا كۈيىگە بولغان تەسىرى:

   گەرچە رۈيگەي كۈي 60-يىللاردا شەكىللەنگەن بولسىمۇ،لېكىن يەرلىككىلا مەنسۈپ ئىدى،72-يىل (ئارال شىركىتى)نىڭ تارقىتىشى ئارقىسىدا ،بۇ يامايكىلىقلار ئىلغار بولغان ئىلىكتىرونلۇق ساز ۋە ئۈن ئىلىش ئۈسكىنلېرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈيلىرى خەلىقارالىشىدۇ ھەم بازاغا يۈزلىنىدۇ.

   رۈيگەي كۈيى چالىدىغان مۇھىم شەخىسلەر:

             
                      بوب مارلېي:بەزەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ رۈيگەينىڭ ئاتامانى دىيىشەمىش، ئۇنىڭ كۈيلېرى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئاڭلاۋاتقىنىڭىز ئۇنىڭ «بىر سۆيگۈ كۈيى»

                               

   يۇ بى 40 :ئەنگىلىيەدىكى مانچىستېردىن چىققان،رۈيگەي كۈيىنى تارقىتىشتا ئۇلارمۇ زور كۈچ چىقارغان.يەنە بەزەنلەر ئۇلارنى رۈيگەي ئاتامانى دىيىشەمىش.

                                      

   ئىچكى ئايلانما كۈي ئەتىرتى:ئۇلارنىڭ نام چىقارغان كۈيى (تەر)، بىر ئاڭلاشتىلا ئۇلارنىڭ ساپ رۈيگەي كۈيى ئىكەنلىگى چىقىپ تۇرىدۇ.

   بۇلار بىلەن بىللە يەنە پىتىر توش، سىتىۋى ۋاندىر، داۋىت بوۋى، ئېرىك كىلاپتون، بوب دايلىن ۋە سېتىڭ ھەممىسى رۈيگەينىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان ناخشىچىلاردۇر. 80-يىللاردىن كېيىن رۈيگەي كۈيى جۇڭگوغا كەلدى، ھەمدە نۇرغۇن ئەسەرلەرمۇ بارلىققا كەلگەن ئىدى.

   گەرچە ئاز سانلىق يامايكىلىق كۈيچىلەرنىڭ كۈيلېرى دۇنيا تارقالغىلى بىلەن، لېكىن ئۆتكەنكى 20نەچچە يىلدا رۈيگەي كۈيىنىڭ باشقا ئېقىمدىكى مۇزىكىلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور بولغان ئىدى. ئاساسى ئېقىم بولغان روك كۈيچىلەردىن ئېرىك كىلاپتوندىن سىتونىسقىچە ھەم كلاشتىن ئاۋگىسقىچە رۈيگەي كۈيى ئۇلارنىڭ كۈيلىرىگە ئېقىپ كىردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى يەنىلا دېسكو ئىدى.

 

    ناۋا پىروگراممىسىنىڭ 15-سانىدىكى قەيسەرنىڭ «تاڭ شامىلى » دىگەن ناخشىسى دەل ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى رۈيگەي ئۇسلۇبىدىكى ئىجادىيەت.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 534 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01