سايمىرى مايمۇنى= 松鼠猴=Saimiri sciureus

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 سايمىرى مايمۇنى ئومۇرتقۇلۇق ھايۋانلار تۈرىگە سۈت ئەمگۈچىىلەر سىنپىغا مەنسۈپ. 
سايمىرى مايمۇنىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20-40 سانتىمېتىر، لېكىن قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 42سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. تەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 750-1100 گىرامغىچە بولىدۇ. ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە.سايمىرى مايمۇنىنىڭ تېنى ئۇزۇنچاق كەلگەن قۇيرۇقى ئۇزۇن مويلىرى قېلىن ھەم يۇمشاق، تېنى ھەرخىل رەڭلەردىن تۈزۈلگەن. بىرجۈپ كۆزى، قاڭشىرى، قۇلىقى ئاق رەڭدە ، ئېغزى قارا رەڭدە، ئىككى پۇتى ۋە قولى سېرىق رەڭدە، قورساق قىسمى سۇس كۈلرەڭدە كەلگەن. ئۇنىڭ بىرجۈپ يوغان كۆزى، ۋە بىر جۈپ يوغان قۇلىقى بار.قۇيرۇقى دەرەخ شاخلىرىغا يۆگىشىپ تۇرىدۇ. سايمىرى مايمۇنى ئاساسەن جەنۇبى ئامرىكىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرگە كەڭ تارقالغان.
سايمىرى مايمۇنى ئادەتتە ئىپتىدائى ئورمانلاردا ۋە ئېھاتە ئورمانلىرىدا شۇنداقلا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500 مېتىر كېلىدىغان دەرەخلىكلەردە ياشايدۇ.
سايمىرى مايمۇنىنىڭ تۈرى 26 خىلدىن ئاشىدۇ، 10-12 يىل ياشايدۇ. بىريىلدا بىرلا مايمۇن بالىسى كۆپىيدۇ. كۆپىيىش ۋاقتى 6 ئاي.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 522 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01