نىرۋاناNIRVANA مۇزىكا ئەترىتى(1987-1994-يىللار)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    نىرۋانا ئامرىكىدىكى داڭلىق روك گۇرۇپپىسى. بۇ گۇرۇپ يەنەگىرانج( grunge )ئۇسلۇبىنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك گۇرۇپپىسى سۈپىتىدە ئاتىلىپ كەلمەكتە. نىرۋانا مۇزىكا ئەترىتى 1987-يىلى قۇرۇلغان 1994-يىلى ناخشىچى كۇرت كوباين  Kurt Cobain نىڭ ئۆزىنى ئېتىۋىلىش پاجىئەسى بىلەن ئاخىرلاشقان.

    
قىسقىچە تارىخى
     
1985-يىلى ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتى ئابەردىندە ناخشىچى كۇرت تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە Fecal Matter دىگەن نام بىلەن گۇرۇپپا قۇرۇلغان. دەسلەپكى ئەزالىرى: كۇرت كوباينkurt cobain(گىتتار، ناخشا) دەل كروۋىرDale Crover(باس، ئەينى ۋاقىتتىكى Melvins گۇرۇپپىسىنىڭ دۇمباقچىسى) گىرەگ خوكەنسونGreg Hokanson(دۇمباق).
ئۇلار دەسلەپكى سىناق خاراكتىرلىك ئالبومىنى چىقارغان. ئۇزۇن ئۆتمەي گۇرۇپپا پارچىلىنىپ كىتىپ، كۇرت دوستى كىرىست نوۋاسلىكKrist Novoselic(باس) بىلەن نۇرغۇن ئوخشىمىغان ناملاردا گۇرۇپپىلارنى قۇرغان. دۇمباقچىسىمۇ نۇرغۇن ئۆزگەرگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمراق بولغىنى دەل كروۋىر بولۇپ خىلى كۆپ سىناق ئالبوملىرىدا دۇمباق چىلىپ بەرگەن.

      گۇرۇپپا ئاخىرى نىرۋانا دىگەن ئىسىمدا توختىغان. ئۇ ۋاقىتتىكى دۇمباقچىسى چەد چەننىڭChad Channing ئىدى. بۇلار بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان يەرئاستى كونسىرتلارنى ئۆتكۈگەن ۋە نەچچە سىناق ئالبومىنى چىقارغان. كىيىن كۇرت بۇ دۇمباقچىسىغا رازى بولماي Bleach ناملىق ئالبومىنى چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن دەيۋ گىرول(Dave Grohl)نى دۇمباقچىلىققا ئالماشتۇرغان. سەنئەت ساھەسىدىكى تۇنجى تەلۋىلىك- كۇرتنىڭ چېلىۋاتقان گىتتارىنى چېقىش ۋەقەسى مۇشۇ مەزگىلدە يەنى 1988-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى يۈز بەرگەن.
      كۇرت نىرۋانانىڭ ئاساسلىق ئادىمى بولۇپ، ئۇ مۇزىكىلىرىدا ئاساسەن Sonic Youth، Pixies، Melvins، Stooges ۋە Led Zeppelin لەرنىڭ مۇزىكىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن ئىھام تاپقان.
      نىرۋانانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە كۇرت The Germs گۇرۇپپىسىنىڭ گىتتارچىسى پەت سىمىرPat Smearنى ئىككىنجى گىتتارچىسى قىلىپ ئالغان. پەت ئەينى ۋاقىتتىكى يەرئاستى مۇزىكا گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىچىدە خىلى كۆزگە كۆرۈنگەن گىتتارچى ئىدى. ئەگەر كۇرت ۋەقەسى سادىر بولمىغان بولسا بەلكىم ئۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇقىم ئەزاسى بولۇپ قالاتتى.

       نىرۋانا گۇرۇپپىسىنىڭ ئالبوملىرى
      1989-يىلى نېرۋانا ئاقارتقۇچ پاراشوكىBleach ناملىق ئالبومىنى بازارغا سالىدۇ. ئالبومنىڭ نامى بىر زەھەرلىك چىكىملىككە قارشى تامغا چاپلانغان تەشۋىقات قەغىزىدىكى تېمىسىدىن كىلىپ چىققان. ئۇنىڭدا  bleach your works(شىپىرسىڭنى ئاقارتقۇچ پاراشوكىدا تازلا) دەپ يېزىلغان ئىكەنتۇق. گۇرۇپ يېڭى ئالبومىدىن كىيىن كالىفورنىيەدە كىچىك كۆلەمدە نەچچە كونسىرت بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئالبومنىڭ سانى چەكلىك سېتىلغان. لىكىن تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. ئالبومدىكى فوتونى ئەينى چاغدىكى كۇرتنىڭ دەسلەپكى قىز دوستى ترەيسى تارتقان.
1989 bleach
 

    1990-يىلىنىڭ بىشىدا كۇرت كوبەين بىلەن كرىست دۇمباقچى چەدنىڭ ماھارىتىنىڭ گۇرۇپپىغا ماس كەلمەيدىغىنى توغرىسىدا ئويلىشىپ كىيىن Melvins گۇرۇپپىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىدا دەيۋ گرول نى دۇمباقچىلىققا ئالماشتۇرىدۇ. كۇرت ئۇنىڭ دۇمباق ماھارىتىگە ئىنتايىن رازى بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىككىسى Geffen Records بىلەن توختاملىشىدۇ.
   1991-يىلى  دە ئىككىنچى ئالبومى-پەرۋايىم پەلەك Nevermind نى چىقىرىدۇ. ئالبومنىڭ چىقىشى تېزلا سىئاتىل شەھىرىنى پۈتۈن پىلانىتتىكى روك مۇزىكىلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۋىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى گىرانج grunge بارا بارا شاخلاپ نۇرغۇنلىغان گۇرۇپپىلار شۇ سەۋەبتىن تونۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇگىرانجنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرلىرىدۇر. شۇ مەزگىللەردىكى گۇرۇپپىلاردىن  يەنە Alice in Chains, Pearl Jam, Meat Puppets, Soundgarden لارمۇ بار.


    بۇ ئالبومدىكى ناخشا Smells Like Teen Spirit شۇ دەۋىر گىرانج ياشلىرىنىڭ مارشىغا ئايلانغان. تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۇچە بۇ ناخشىنىڭ باشتىكى بىر كىچىك ئاكورتىنى ئاڭلاپ بولغىچە بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ناخشا يەنە ئامرىكىدىكى داڭلىق ناخشا قانىلى MTV دە قايتا قايتا قويىلىدۇ.

       3-ئالبومى Incesticide(يېقىن تۇتقانلارنىڭ توي قىلىشى). چىققان ۋاقتى 1992-يىلى. بۇ ئالبومىدا بۇرۇن نامى چىقىشتىن بۇرۇنقى بەزى ناخشىلىرى ۋە فەنسلىرى ئارىسىدا مودا بولۇپ تارقىلىپ يۈرگەن كونسىرتلاردىلا ئورۇندۇلۇپ كەلگەن ناخشىلىرى يەنە بەزى ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرىنى كۆچۈرۈپ توپلانغان.

  
   1993-يىلىغا كەلگەندە نىرۋانا «بالياتقۇدا» (In Utero) ناملىق ئالبومىنى چىقىرىدۇ. بۇ ئالبوم نىرۋانا گۇرۇھىنىڭ مەستانىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. ئەمما Nevermind ئالبومىدەك كەڭ ئاممىغا قارىتىلمىغان. ئالبومدىكى ناخشىلىرىدىن -يۈرەك شەكىللىك ساندۇقHeart-Shaped Box نۇرغۇنلىغان غەلبىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن. بۇ ئالبومىنىڭ ئچىدىكى يەنە بىر ناخشا Rape Me (ماڭا باسقۇنچىلىق قىل) كىشىلەر تەرىپىدىن ھەرخىل تەھلىل قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ناخشا يەنە نۇرغۇنلىغان فىمىنىستلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. كۇرت ئۆزىمۇ بىر فىمىنىست. بۇ ناخشا ئەمىلىيەتتە تېمىسىدىكى مەزمۇنىدىكىدەك ئۇنداقمۇ قاراڭغۇ ئەمەس. ئۇ ناخشا شۇنداق قىلمىشلارغا قارشى ئيتىلغان.


  1993-يىلى 11- ئايدا نىرۋانا ئامرىكىدىكى مۇزىكا قانىلى MTV دا بىر مەيدان توكقا چىتىلمىغان كونسىرت ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ CD سى بىر يىلدىن كىيىن بازارغا تارقىلىدۇ. Unplugged In New York تاكى ھازىرغىچە مۇشۇ ئۇسلۇپتىكى ئەڭ كۆپ غەلبىگە ئېرىشكەن ئالبوم. بۇ ئالبومى ئارقىلىق نىرۋانا ئۆزىنىڭ پەقەت قوپال ناخشا ئيتىشتىن باشقىنىمۇ ئېيتالايدىغىنىنى ئسپاتلىغان. بۇ كونسىرتىدا يەنە ئەڭ يېقىن گۇرۇپپىسى-گۆش قورچاق Meat Puppets بىلەن ئۇلارنىڭ ناخشىسىدىن( Plateau, Oh Meئىگىزلىك ۋە Lake of Fireئوت كۆلى ) لارنى بىللە ئورۇنلايدۇ. يەنە دەيۋىد بوۋىېDavid Bowie نىڭ- بۇ دۇنيانى ساتقان ئادەم The man who sold the World ۋە Leadbelly نىڭ -تۈنۈگۈن  كېچە نەدە ئۇخلىدىڭ  Where did You sleep last night? شۇنداقلا Vaselines نىڭ- ئەيسا ماڭا ئازىراق كۈن نۇرىنى بەرگىسى يوق  Jesus doesn t want me for a sunbeam دىگەن ناخشىسىنى ئيتىدۇ.
1994 Unplugged In New York


2004-يىلى يەنى كۇرت كوبەيننىڭ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىدا سانى چەكلىك بولغان ئالبوم With the Lights Out تارقىتىلىدۇ. ئالبومنىڭ چىقىشى ئايالى Courtney Love ۋە بۇرۇنقى گۇرۇپپا ئەزالىرىدىكى توقۇنۇشلار تەرىپىدىن ۋاقىت جەھەتتە سوزىلىدۇ. بۇ خاتىر خاراكتىلىك ئالبومىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كۆچۈرۈپ ئيتىلغان باشقىلارنىڭ ناخشىسى ۋە بۇرۇن كۇرتنىڭ ئۆزى ئۈنگە ئېلىۋالغان بەزى تارقىتىلمىغان ناخشىلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
2004 With the Lights Out



         
نىرۋانانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى

        كۇرتنىڭ  1994-يىلى ئۇمۇتنىڭ5 -كۈنى ئۆزىنى  ئۆلتۈرىۋىلىشى نىرۋانانىڭ تەرەققىياتىغا مەڭگۈلۈك بىر چىكىت قويۇپ قويغان. ئۇنىڭ بۇ ۋەقەسى فەنسلىرى ئارىسىدا بولسا نۇرغۇنلىغان سوئال بەلگىسى بىلەن تولغان. ئۇلار بۇ ۋەقەنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشتىن بەكرەك ئايالى Courtney Love قەسلىگەن دىگەن گۇمانلارغا ئىشەنگەن. ئەمما بۇ ھازىرغىچە ئىسپاتلانمىغان كۆز قاراش.
رەسىمدە كۇرت، ئايالى كۇرتنى لوۋ ۋە قىزى فىرانسەس

    
       نىرۋانادىن كىيىن
       نىرۋانا گۇرۇپپىسى تارقالغاندىن كىيىن دۇمباقچى دەيۋ Foo Fighters ناملىق بىر گۇرۇپپىنى قۇرىدۇ. ئۇ گىتتار ۋە ناخشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان گۇرۇپپىلار Queens Of The Stone Age، Motörhead لەرنىڭ بەزى مۇزىكىلىرىدا دۇمباق چېلىپ بېرىدۇ.
       كىرىس نوۋەسلىك بولسا 1997-يىلىغا كەلگەندە Sweet75 دىگەن گۇرۇپپىغا كىرىدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا ئىلگىركى نىرۋانادىن ئىنتايىن يىراق بولغان مودا سەھرا ناخشىلىرى ئۇسلۇبى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئالبوم مەغلۇبىيىتى بىلەن تارقىلىپ كىتىدۇ. 2003-يىلىگە كەلگەندە Eyes Adrift دىگەن گۇرۇپ بىلەن بىللە مۇزىكا چالىدۇ. بۇمۇ ئالدىنقىسىگە ئوخشاش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 506 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01