تۈركىيەKOCگۇرۇھى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     KOC گۇرۇھى ياۋروپادىكى 5 چوڭ ئېلىكتىر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا 2008-يىلى دۇنيادىكى بەشيۈز كۈچلۈك كارخانا ئارىسىدا 186-ئورۇندا تۇرىدىغان، تۈركىيەدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۇنياۋى چوڭ شىركەت. ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدا داڭلىق بولغانARCELIK ۋە BEKO ماركىلىرى بار، KOC گۇرۇھىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن دىگۈدەك بارلىق ئېلىكتىر ساھەلىرىگە چېتىلدۇ، (ھاۋا تەڭشىگۈچ، توڭلاتقۇ، كىر ئالغۇ، قاچا يۇيۇش ماشىنسى، قاتارلىق ئاق رەڭلىك ئېلىكتىر سايمانلىرى، تېلىۋوزۇر، ياڭراتقۇ قاتارلىق قارا رەڭلىك ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى، pc، خاتىرە كومپىيۇتېر قاتارلىق ITمەھسۇلاتلىرى شۇنىڭدەك چاڭ-توزاڭ سۈمۈرگۈچ، بولكا ماشىنسى قاتارلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) KOC گۇرۇھىنىڭ جوڭگودىكى نۇرغۇنلىغان ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى بار، مەسىلەن: مېيلىڭ، مېيدې، شىنفېي، گېلى قاتارلىقلار.
تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ بىرى بولغان KOC گۇرۇھى 10 يىلنىڭ ئالدىدىلا جوڭگوغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان. يېقىندا جوڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دوڭۋەندە شېرىكلىشىپ كارخانا قۇردى. ئاساسلىق ئىشلەپچىقىردىغىنى ئىسسىقلىق تارقىتىش ماشىنسى، مۆلچەرلىنىشىچە بىرىنجى يىللىق تىجارەت كىرىمى 6-7 مىليون ئامرىكا دوللىرى بولىدىكەن. تۈركىيە Rahmi kocگۇرۇھى  بىر خۇسۇسىي كارخانا گۇرۇھى بولۇپ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر تۈركىيە كارخانىسى. 70 مىليون تۈركىيلىك ھەركۈنى دىگۈدەك KOC گۇرۇھى بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرىدۇ، كوك گۇرۇھى ئۇلارنىڭ كىيمى، يېمىكى، تۇرالغۇسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالغان.KOCگۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى Vehbi koc  ئون ئالتە ياش ۋاقتىدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر مىلىچ ماللار دۇكىنى ئاچقاندىن تارتىپ ئۆزىنىڭ تىجارەت ھاياتىنى باشلىۋەتكەن.
گۇرۇھنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ 90-يىللاردىن باشلاپ KOC تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا 3 چوڭ جەھەتتىن رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ كۈنسېرى كۈچىيىشنى پىلانلىغان.
1. تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شىركەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تىجارەت ھوقۇقى ۋە ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئايرىشنى ئەمىلىلەشتۈرۈش.
2. خەلقاراغا يۈزلىنىپ گۇرۇھنىڭ ئۇنۋىرسال ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
3.تۈركىيەگىلا تايانماي خەلقىئارادىكى تىجارەت كىرىمىنى ئاشۇرۇش، خەلقارادىكى ئادىل رىقابەتكە قاتنىشىپ پاي چېكى ۋە ئىكىسپورت ئارقىلىق تىجارەت خەۋپىنى ئازايتىش.

كوچ گۇرۇھىنىڭ بەلگىسى:

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 941 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01