ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دۆلەت نامى: ۋىنگرىيە Republic of Hungary
يەر مەيدانى:93030 كىۋادىرات كىلومېتىر
نوپۇسى: ۋېنگىرىيەنىڭ 2008-يىلى 7-ئايدىكى نوپۇسى 10 مىليون. نوپۇسىنىڭ %92 ى ماجار مىللىتى ئىگەللەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن سىلوۋاك، رومىن، سېرب، خورۋات، سىلوۋېن، گېرمان ۋە سىگانلار بار. ئاھالىنىڭ%55.2  كاتولىك دىنىغا، %15.9ى پىروتىستانت دىنى كالۋىن مەزھىبىگە، 4%ى لۇتېر مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلدۇ.
دۆلەت تىلى: ۋېنگىر تىلى، دۆلەت گۈلى: كۆركۈم گۈلى
پايتەختى:بۇدا پېشت (پايتەخت ئاھالىسى 2مىليۇن500مىڭ)
پۇل بىرلىكى:2006-يىلىدىن باشلاپ ۋېنگىرىيە ئەسلىدىكى پۇلى فورېنتنى تاشلاپ ياۋرۇ ئىشلەتتى.
مەشھۇر جايلىرىدىن بالاتون كۆلى، بارادېرا ئۆڭكىرى
    جۇغراپىيلىك ئورنى: ۋىنگرىيە ئوتتۇرا ياۋروپاغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، تۈزلەڭلىكنى ئاساس قىلغان، %80 زېمىنىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200 مېتىر، دوناي دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى تۈزلەڭلىككە كىرىدۇ، دوناي دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ۋىنگرىيە تۈزلەڭكىكى، يەنە غەربى شىمالدىكى كىچىك تۈزلەڭلىكنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 100-150 مېتىر، تاغلىق رايونى 5/1 قىىسىمغىمۇ يەتمەيدۇ، شىمال تەرىپى كەرپات تاغ تىزمىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300-1000 مېتىر. شىمال تەرىپىدىكى كېكىس چوققىسى پۈتۈن ۋىنگرىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېساپلىندۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1015 مېتىر، باكونى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بالاتۇن كۆلى ئوتتۇرا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل بۇلۇپ مەنزىرسى گۈزەل كۆل بويىدا دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى ناھايتى كۆپ. ۋىنگرىيەنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل ماترىك خاراكتىلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. 7- ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى 18-23 سېلتسيە گىرادۇس كېلىدۇ، 1-ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 4-2 سېلتسىيە گىرادۇس بولىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 450-900 مىللىمېتىر بۇلۇپ، دۆلەتنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى ئوت-چۆپلەر، تاغلىقلارنى زىچ ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ.
قىسقىچە تارىخى:ۋېنگىرىيەنىڭ تولۇق نامى ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتى بۇلۇپ، ۋىنگرىيە دۆلىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى شەرقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت- ئىدىل دەرياسى بويىدىن كەلگەن ماجار كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىسى. مىلادى9-ئەسىردە ئۇلار ئۇرال تېغىدىكى ئېدىرلىقلار ۋە ۋولگا دەرياسى قولتۇقىدىن غەرىپكە قاراپ يۆتكەلگەن، مىلادى 896-يىلى دوناي دەرياسى بويىدا ئولتۇراقلاشقان، مىلادى 1000-يىلى رەسمى ھالدا فىئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەتنى قۇرغان، 16-ئەسىرگە كەلگەندە دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى تۈركلەر ئىگىلۋالغان، 1711-يىلىدىن كېيىن پۈتۈن دۆلەتنى ئاۋىستىرىيە بېسىۋالغان، 1867-يىلى ئاۋىستىرىيە بىلەن ۋىنگىرىيە بىرلىشىپ ئاۋىستىرو-ۋىنگرىيە ئىمپىرىيىسى بۇلۇپ قۇرۇلغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋىستىرو-ۋىنگرىيە تارمار بولغاندىن كېيىن 1918-يىلى ۋىنگرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، 1919- يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋىنگرىيە سوۋىت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان . شۇ يىلى 8- ئايدا  ۋىنگرىيە سوۋىت جۇمھۇرىيىتى چەتئەللەرنىڭ قوراللىق ئارلىشى بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېتلىر گېرمانىيسى بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1946-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋېنگرىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان .
    ئىقتىسادى ئەھۋالى: ۋېنگرىيە تەرەققىي قىلغان سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى دۆلىتى. سانائەتتە ماشىنسازلىق، ئاليۇمىن، خىمىيە، ئېلىكتىرون ئەسۋاپلىرى، توقۇمچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان، ۋېنگرىيە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ۋېنگرىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، ئۇنىڭ ماشىنلىشىش سەۋيىسى يۇقىرى. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق بۇغداي، ئارپا، كۆممۇقوناق، ياڭيۇ، كۆكتات ئۆستۈرۇلدۇ، چارۋىچىلىقىدا چوشقا، ئۆي قۇشلىرى ئاساس قىلىندۇ، ئۇنىڭدىن قالسا كالا بېقىلدۇ، ۋېنگىرىيە ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى قامداپ ئېكىسپورت قىلىدۇ، ۋېنگىرىيىنىڭ باغۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ، ھەرخىل مېۋە ئۆستۈرۈلدۇ. ۋېنگىرىيە چەتئەللەرگە كران، پاراۋۇز، تراكتۇر، ئاپتوموبىل، ئاليۇمىن، ۋە ئاليۇمىندىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىدۇ، كۆمۈر، نېفىت، تۆمۈر رۇدىسى، ئېلىكتىر ئېنىرگىيسى قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ ساياھەتچىلىك كىرىمى دۆلەتنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى ھېسابلىندۇ. 2008-يىلى ۋېنگىرىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 19مىڭ دوللار، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى 2.1% بولغان.
    1848-يىلدىن باشلاپ ۋېىگىرىيە قىزىل، ئاق، يېشىل ئۈچ توغرا بەلدەملىك بايراقنى ئىشلەتكەن. 1946-يىلى ۋېنگىرىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا دۆلەت بايرىىقىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسىنى كىرگۈزۈپ، 1957-يىلى چىقىرۋەتكەن، قىزىل رەڭ مۇستەقىللىك ئۈچۈن تۆكۈلگەن قان بىلەن بويالغان يايراقنى بىلدۈرگەن، ئاق رەڭ تىنىچلىققا سىمۇۋۇل قىلىنغان، يېشىل رەڭ خەلقنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەن.
دۆلەت گېربى چوققىسىغا ۋېنگىرىيىنىڭ پادىشاھ تاجىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان قالقانسىمان گېرب بۇلۇپ، تاجىغا نۇر چاقناپ تۇردىغان ياقۇتلار نەقىشلەنگەن، ئۇ ۋېنگىرىيە تارىخى ۋە مەدىنيىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسىدۇر، بۇ تاج بىر مەھەل ئوغىرلىنىپ كېتىپ بىر سىم سېۋەت ئىچىدىن تېپىلغان ئوغرىنىڭ قوپاللىقى سەۋەپلىك تاج ئۈستىدىكى كرېست ئېگىلىپ كەتكەن بۇ تارىخنى خاتىرلەش ئۈچۈن تاجغا بېكىتكەن كرېست داۋاملىق سىڭايان تۇرىۋەرگەن. بۇ دۆلەت گېربىنى ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتى 1989-يىلنىڭ ئاخىردا ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

دۆلەت بايرىقى:

 

دۆلەت گېربى:

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 713 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01