تۆمۈر تۇمشۇق=啄木鸟=Picidae

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 تۆمۈر تۇمشۇق=啄木鸟=Picidae

  تۆمۈر تۇمشۇق-----ئورمان دوختۇرى، مەملىكىتىمىزگە بىر قەدەر كەڭ تارقالغانلىرىدىن يېشىل تۆمۈر تۇمشۇق، چىپار تۆمۈر تۇمشۇقلار بار. ئۇلار مەخسۇس ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز، ئالتۇن قوڭغۇز، لېچىنكا قاتارلىق زىيانداش ھاشارەتلەرنى يەيدۇ. ھەركۈنى 1500دىن ئارتۇق زىيانداش ھاشارەتنى يېۋىتەلەيدۇ. تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى كۆپ، پائالىيەت دائىرسى بىرقەدەر كەڭ بولغاچقا 13.3 گېكتارلىق ئورماندا ئەگەر بىرلا تۆمۈر تۇمشۇق بولسا بىر قىشتا %90 ئالتۇن قوڭغۇز نى %80 ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇزنى يەپ تازلىۋېتەلەيدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «ئورمان دوختۇرى» دەپ ئاتىشىدۇ.
كۆپ قسىم تۆمۈرتۇمشۇقلار قىشنى ئورمانلىقتا ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلار ئادەتتە دەرەخ قوۋزاقلىرى ئارىسىدىن مەخسۇس زىيانداش ھاشارەتلەرنى تېپىپ يەيدۇ، باھاردا ئەركەك ۋە چىشى تۆمۈر تۇمشۇقلاربەس-بەستە سايرىشپ كېتىدۇ. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا تۆمۈرتۇمشۇق ناھايتى ئاز سايرايدۇ، ھەتتا سايرىمايدۇ،   تۈرى كۆپ بۇلۇپ تەخمىنەن 180 خىلدىن ئاشىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بۇلۇپ ئۇنىڭ بەدەن ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر، ئىككىسى ئالدىغا، ئىككىسى كەينىگە قارايدىغان تۆت بارمىقى بار، قۇيرۇق تەرىپىدە ئۇزۇنراق كەلگەن، تايىنىشتا ئىشلىتىلىدىغان 12 تال قاتتىق پېيى بار. ئوكئانىيە قىتئەسى بىلەن ئانتىراكتىدىن باشقا تەخمىنەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ تىلى نىمە ئۈچۈن بۇرۇن تۆشكى ئىچىدە بولىدۇ؟
     تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ تىلى ئىنچىكە ھەم ئېلاستىكىلق  بۇلۇپ ئاستىنقى تاڭلايدىن تېشىپ ئۆتۈپ ئۈستىگە ئايلىنىپ ئارقا مېڭە قېپىغا بارىدۇ، ئالدى مېڭىدىن ئوڭ بۇرۇن تۆشۈكىگە كىرىپ مۇقىملاشقان پەقەت سول بۇرۇن تۆشۈكچىسىنىلا نەپەس ئېلىشقا قالدۇرۇلغان ، ئۇ تىلىنى سوزۇپ چىقارغاندا 12سانتىمېتىر ئارلىقتا سوزىيالايدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدا قىسقا بىر يېپىشقاق ئىلمىكى بولغاچقا، قۇرت تۇتۇشقا قولايلىق يارىتىلغان.تۆمۈر تۇمشۇق ئاۋاز تېزلىكىنىڭ 2 ھەسسىدىنمۇ تېز سۈرئەت بىلەن  ھەركۈنى 500-600 قېتىمغىچە دەرەخنى چوقۇسىمۇ، لېكن  بېشى مۇشۇنداق كۈچلۈك سىلكىنىشتا ھىچنىمە بولمايدۇ، ئاغرىمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ قۇرۇلمىسى بوش ھەم ھاۋا تولۇپ تۇرىدۇ ، باش سۆڭىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە بىر قەۋەت ئېگىلمەس تاشقى مېڭە پەردىسى بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بېشى سىلكىنىپ كەتمەيدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 650 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01