نورۋېگىيە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دۆلەت نامى:نورۋېگىيە
يەر مەيدانى:387 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر
نوپۇسى: 4 مىليون752 مىڭدىن ئارتۇق بۇلۇپ بۇنىڭ %96 نى نورۋېگىيىلىكلەر، ئۇنىڭدىن قالساچەتئەل كۆچمەنلىرى 4-6%نى ئىگەللەيدۇ.. %90 كىشى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى: نورۋا تىلى
پۇل بىرلىكى:كىرونا, 100 ياۋرو=1 كرونا
پايتەختى: ئوسلۇ
جۇغراپىيلىك ئورنى:شىمالىي ياۋروپادىكى سىكاندىناۋييە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي يېرىمىغا جايلاشقان دۆلەت. بۇ ئورۇن شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ تار ئۇزۇن سوزۇلغان، دېڭىز قىرغاقلىرى بەك كېسىلگەن، دېڭىز قىرغاقلىرىدا كەڭلىكى بىر نەچچە يۈز مېتىردىن بىر نەچچە يۈز كىلومېتىرغىچە سوزۇلغان، قولتۇق -بوغۇز ۋە 150 مىڭدىن ئوشۇق تاقىم ئاراللار بار. بۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ 300 دىن ئوشۇق ئارالدا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. نورۋېگىيىنىڭ غەربى دېڭىز قىرغاقلىرى ناھايتى ئەگرى -توقاي بۇلۇپ، دېڭىز قاتنىشىغا ئەپلىك بولغان پورتلار ناھايتى كۆپ، نورۋېگىيە شىمالىي كەڭلىك تەخمىنەن 58 گىرادۇس بىلەن 30 گىرادۇس"62  ئارىلىقىغا جايلاشقان بولسىمۇ، غەرب شاماللىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن ، ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغاقلىرىدا  قىش پەسلى مۇز توڭلىمايدۇ.قىشلىق  ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى 1-2 سېلتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ.
قىسقىچە تارىخى: نورۋېگىيە 9- ئەسىردە بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق دۆلەت بۇلۇپ شەكىللەنگەن. 1397 -يىلغا كەلگەندە دانىيە، شىۋېتسىيە-نورۋېگىيە بىرلەشمىسى دائىرسىگە كىرگەن. 1814-يىلى  بۇر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، شىۋېتسىيە بىلەن بىرلىشىپ شىۋېتسىيە-نورۋېگىيە بىرلەشمىسىنى قۇرغان. 1905-يىلى بۇر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ، مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلەت بۇلۇپ قۇرۇلغان. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىتەرەپلىك سىياسىتى ئىجرا قىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 5- كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1814-يىلىنى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.
 ئىقتىسادىي ئەھۋالى: نورۋىگىيە تەرەققىي قىلغان كاپتالىستىك دۆلەت بۇلۇپ ، ئىقتىسادتا دېڭىز قاتنىشى سانائىتى، بېلىقچىلىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. نورۋېگىيىنىڭ دېڭىز قاتنىشى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ ، ئۇ دۇنيادا باشقا دۆلەتلەرگە ماللارنى توشۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئۇنىڭ سۇ-ئېلىكتىر ئېنىرگىيە، نېفىت ئايرىش، دېڭىز ئاستىدىن نېفىت ئېلىش، پولات- تۆمۈر، خىمىيە، كېمىسازلىق، ياغاچ ماتىرياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەزچىلىك،يېمەك-ئىچمەك كەسىپلىرى ناھايتى تەرەققىي قىلغان، نورۋېگىيىنىڭ ئورمان بايلىقى ياۋروپا بويىچە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئورمان مەيدانى 6 مىليون  660مىڭ گېكتارغا يېتىدۇ. بېلىقچىلىق نورۋېگىيىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى، ئۇ بېلىق تۇتۇشتا  ياپونىيە، سېۋىت ئىتتىپاقى، جوڭگو، ئا ق ش ،پېرۇلاردىن قالسا 6-ئورۇندا تۇرىدۇ. يىللىق بېلىق مەھسۇلاتى 2مىليون 8000 توننىدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ %90 نى ئېكىسپورت قىلىدۇ. GDP نىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتى %3.5، ئېنتىرنېت ئىشلەتكۈچىلەر 4.074 مىليون، كۆچمە تېلفۇن ئابونتى 5.041 مىليون.
مىراسلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت نورۋىگىيە 1397-يىلى دانىيە، شىۋېتسارىيە بىلەن كارما بىرلەشمىسى بۇلۇپ، دانىينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. دۆلەت بايرىقى دانىيىنىڭ تېگى قىزىل، ئاق كىرستلىك بايرىقى بولغان. 1805 -يىلىدىن كېيىن نورۋېگىيە  شىۋېتسارىيە بىلەن بىرلىشىپ، نورۋېگىيىنىڭ ئالتۇن شىر چۈشۈرۈلگەن تېگى قىزىل ئاق كىرتسلىق بايرىقىنى ئىشلەتكەن.1821-يىلى نورۋېگىيە سودا كېمىىرىنىڭ بايرىقىنى تۈزگەندە  تېگى قىزىل، ئاق كىرستلىك بايراق نى ئاساس قىلىپ ئامرىكىنىڭ يۇلتۇزلۇق بايرىقى بىلەن فىرانسىينىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك بايرىقىنىڭ نۇسخىسىغا بىرلەشتۈرۈپ ئاق كرېسىتكە كۆك كرېسىت قوشۇپ نورۋېگىيىگە ۋەكىللىك قىلدىغان ھازىرقى دۆلەت بايرىقى نۇسخىسىنى پەيدا قىلغان. 1905-يىلى نورۋېگىيە مۇستەقىل بۇلۇپ بۇ بايراقىنى دۆلەت بايرىقى قىلىپ رەسمىي بېكىتكەن. قىزىل، كۆك ۋە ئاق رەڭنىڭ بىرلىشىشى تىپىك ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ بەلگىسىدۇر.
دۆلەت گېربى قالقانسىمان بۇلۇپ، قىزىل قالقاننىڭ ئۈستىگە ، بېشىغا پادىشاھلىق تاجى تاقالغان قولىغا ساپ ۋە كۆمۈش پالتا تۇتقان ئالتۇن شىرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن .ئالتۇن شىر بولسا 8- ئەسىردىن بۇيانقى مۇقەددەس پادىشاھنىڭ سىموۋۇلىدۇر، كۈمۈش رەڭ پالتا نورۋېگىيە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى سان ئورافاننىڭ قورالىدۇر. قالقاننىڭ ئۈستىدىكى تاج خان جەمەتىنىڭ ئابرويى ۋە يۈكسەك ھوقۇقىنىڭ سىمۇۋۇلىدۇر.

دۆلەت بايرىقى:


 

 

دۆلەت گېربى:

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 691 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01