تۇرمۇشتا بىلىشكە تېگىشلىك«قانۇن»لار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدا ئەر-ئاياللار باراۋەر بۇلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىنىڭ قالدۇرغان مىراسىدا ياتلىق بولغان قىزنىڭمۇ بىر ئۈلۈشى بار.
 نەرسە سېتىۋالغاندا، بۇلۇپمۇ قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا ساتقۇچىدىن تالۇن بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ ھەم تالۇننى ياخشى ساقلىشىڭىز كېرەك.
توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن چىقىرۋېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
 ئەگەر قوشنىڭىز دائىم ئۆي بېزەپ سىزگە ئاراملىق بەرمىسە ئۇنى سوتقا ئەرز قىلىشقا تامامەن ھەقلىقسىز.
باشقىلار سىزدىن پۇل سورىغاندا چوقۇم قەرز ھۆججىتى يازدۇرىشىڭىز، بۇلۇپمۇ قەرز ئالغان پۇل سانىنى ئېنىق يازدۇرىشىڭىز كېرەك.
 ئەگەر ئىشىككە قىستۇرۇلغان ھەرخىل ئېلانلاردىن بىزار بولسىڭىز، ئەرز قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
 ئەگەر تېخى 18 ياشقا توشمىغان بالىڭىز بىر كېچە ئۆيگە قايتمىسا، چوقۇم تەربىيە بېرىشىڭىز كېرەك. بولمىسا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىز.
گەرچە سىز ياش بولسىڭىزمۇ، ئىدارىڭىزنىڭ قانۇن بويىچە ئىجتىمائى سۇغۇرتىغا قاتناشقان قاتناشمىغانلىغىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چوقۇقلىقسىز.
ئەگەر ئۆي سېتىۋالماقچى، ئۆي ئىجارىگە بەرمەكچى ياكى ئۆي ساتماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئۆي -زېمىن باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىڭ. [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-8 12:24:06]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 747 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01