ئۆسۈملۈكلەر« نىمە يەپ » يوغىنايدۇ؟

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

        ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر كاربون Ⅳ ئوكسىدىنى يېيىشتىن باشقا، يەنە سۇ ۋە بەزى مېنرال ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ،   ئۆسۈملۈكلەر ھەركۈنى يورۇقلۇقنىڭ چۈشىشى بىلەن كاربونⅣ ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ، ئوكسىگىننى «قۇسۇپ» چىقىرىدۇ. مانا بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسېنتىز رولى دېيىلىدۇ، ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈش جەريانىدا سۇدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۆسۈملۈكلەر توختاۋسىز ھالدا تۇپراق بىلەن سۇ تەركىبىدىكى كالتسىي،تۆمۈر، كالىي قاتارلىق مېنرال ماددىلارنىمۇ سۈمۈرىدۇ.  ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەربىر تال يوپۇرمىقىنى خۇددى بىر كىچىك زاۋۇتقا ئوخشاتساق، يوپۇرماق تەركىبىدىكى خىلروفىلنى «ئىشچى» غا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، خىلروفىلنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بۇلۇپ، ئۇ سۇ ۋە كاربون Ⅳ ئوكسىدى گازىدىن پايدىلىنىپ، قۇياش نۇرى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەر ئېھتىياجلىق بولغان شىكەر، كىراخمال، تالاماددىلىرى قاتارلىق « يىمەكلىكلەر» نى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئىجتىھاتلىق خىلروفىل پەقەت كۈندىزىلا (قۇياش نۇرى بار شارائىتتىلا ) مۇشۇنداق مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارالايدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 573 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01