ئالىياسكا ئىتى=阿拉斯加雪橇犬=Alaskan Malamute

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    ئالاسكا ئاسكىموس ئىتى قەدىمى رايونلاردىن چىققان چانا تارتىدىغان ئىت بۇلۇپ، شۇڭلاشقا ھازىرقى كىشىلەر ئۇنى چانا ئىتى دەپ ئاتىۋالغان.ئۇلار ئىنتايىن چىڭ،كۈچلۈك ھەم مۇسكۇللىرى ئىنتايى تەرەققى قىلغان ،ئۇ ئورنىدىن دەستۇرغان چېغىدا بىشى تىك كۈتۈرۈپلا تۇرىدۇ،ئۇنىڭ قاپىغى تۇرۇكلا تۇرغاچقا ئىنتايىن ھۇششار كۆرىنىدۇ.بۇ قىياپىتى كىشىلەرگە ئىنتايىن جانلىق ھەم مەردانە تۇيغا بېرەلەيدۇ.باش قىسمى ئىنتايىن كەڭ ھەم چوڭ بۇلۇپ،قۇلىقى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە كۆرىنىدۇ.تۈكلىرى ئىنتايىن قۇيۇق تېرا تۈكلىرى باشقا ئىتلارغا قاتىغاندا قېلىن ھەم ئۇزۇن بۇلۇپ،بەدەن تىمپىراتۇرسىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.ئالاسكا ئىتىنىڭ رەڭلىرى ھەرخىل بولۇپ،يۈزىنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشى ئىنىق بىرخىل بولىدۇ.بەش قىسمىدا (شەپكىسى)بولىدۇ،يۈز قىسمى پۈتۈنلەي ئاق،ياكى ئالا بالداق بولىدۇ.قۇيرۇق قىسمىدىكى تۈكلىرى بىرقەدەر يۇمشاق بولۇپ،كۆپۈنچە ۋاقىت دۈمبىسىگە قاراپ يۆگۈلۈپ تۇرىدۇ.ئالاسكا ئىتىنىڭ سۈڭەك قىسمى چوقۇملا مۇستەھكەم ،ساغلام پۇت،چوڭقۇر بولغان كۆكرەك،كۈچلۈك مۇسكۇل ھەمدە بەدەندىكى باشقا قۇرۇلمىلىرىمۇ چوقۇم ساغلام بۇلۇشى كېرەك، مۇشۇنداق شەرت-شارائىت ھازىرلانغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ جاپالىق بولغان خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.ئالاسكا ئىتلىرى چانا تارتىش تېزلىكىنىلا ئۆلچەم قىلمايدۇ، ئالاسكا ئىتلىرىنىڭ چوقۇم بەلگىلىك كۈچى بىلەن چىدامچانلىقى بۇلۇشى شەرت،ھەرقانداق بىر ئىتنىڭ خىزمەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان كەمچىلىكلىرى بولسا ،مەسىلەن خارەكتىرى تېرىككەك، ئىنتىزامسىز بولۇش قاتارلىقلار ئىتقا نىسبەتەن تەرەققى قىلىشىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇلار دەپ قارىلىدۇ. ئىلىياسكا ئتىنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى شىمالى قۇتۇپتىن باشقا جايلاردا ئىمونت كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى ھىساپلىنىدۇ. بولۇپمۇ تېمپىراتۇرا 20دىن يۇقىرى بولغاندا ئالىياسكا ئىتى ئاسان ئاغرىپ قالىدۇ ھەتتا كۈچۈكلىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ. سالقىن ۋە پاكىز بېقىش، يىمەكلىكنى تەڭشەپ بېرىش ئالىياسكا ئىتىنى بېقىشتا كەم بولسا بولمايدىغان دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار. خۇالىندىكى ئەرمەك ھايۋان بازىرىدا ئالىياسكا ئىتلىرىنىڭ باھاسى 30مىڭ ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.

يېتىلگەن ئالىياسكا ئىتىنىڭ ئەركەكلىرىنىڭ ئىگىزلىكى 65سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 40كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ، ئالىياسكا ئىتى باشقا ئىتلارغا ئوخشاشلا 25يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئىككىدىن 6گىچە كۈچۈكلەيدۇ:

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 582 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01