ئىبنى بەتتۇتە(1304-1377)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
     ئىبنى بەتتۇتە- ئىسلام ئالىمىنىڭ ماركوپولوسى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ موڭغۇل باسقۇنىدىن كېيىنكى دەۋرىنىڭ شاھىدى دەپ تەرىپلىنىدىغان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشھۇر ساياھەتچىسى.
    مەلۇماتلارغا كۆرە ئىبنى بەتتۇتەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمى شەمسىدىن، ئاتىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەر ئىبنى ئىبراھىم بولۇپ مىلادىيە 1304-يىلى شۇ چاغدا كوردوۋا خەلىپىلىكىگە قاراشلىق ماراكەشتىكى تەنجە(ھازىرقى جەبىلتارىق-يەنى گىبرالتار بوغۇزىنىڭ جەنۇبىدىكى ماراكەشكە قاراشلىق شەھەر)دە ، كېلىپ چىقىشى لەۋەت دەپ ئاتىلىدىغان بەربەر قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلە ئىقتىسادى سەۋەبىدىن ياش ۋاقتىدا تۈزۈك ئوقۇيالمىغان ئىبنى بەتتۇتە 20ياشلارغا كىرگەندە تەۋەككۈل قىلىپ ھاجىلار بىلەن بىللە مەككىگە بارماق ئۈچۈن نىيەت قىلىپ پىيادە ھاجىلارغا خىزمەت قىلىپ يۇرتى تەنجىدىن مەككىگە يولغا چىقىدۇ. مىلادىيە 1325-يىلى ئىبنى بەتتۇتە مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ ۋە لىۋان سۇرىيەلەرنى ئايلىنىپ كېلىپ ئاندىن مەككىەە بارىدۇ، ئىبنى بەتتۇتە تەسادىپى ھالدا  مەككىدە ئۇزۇن تۇرۇپ قالىدۇ ۋە جايلاردىن كەلگەن تۈرلۈك ئىرقتىكى تۈرلۈك تىلدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمانلارنى كۆرۈپ يەنىمۇ كۆپ مەشھۇر جايلارنى كۆرۈش ۋە بىلىم ئېلىش، مەشھۇر كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى بەتتۇتە ئىراقلىق ھاجىلارغا قوشۇلۇپ باغداتقا بارىدۇ، ئازەربەيجان ۋە داغىستانلاردىكى مەشھۇر جايلارنى زىيارەت قىلىىدۇ. شىمالغا مېڭىپ ئاستىراخان ئەتراپىدىكى ئالتۇن ئوردا دۆلىتىگە، ئۇ يەردىن جەنۇپقا مېڭىپ تۈركىستان ۋە بۇخارا شەھەرلىرىگە بارىدۇ، يەنە شەرققە قاراپ مېڭىپ شۇ چاغدا موڭغۇللارغا قاراشلىق بولغان بېيجىڭلارغىچە بېرىپ شەھەر كۆرىدۇ. قايتقۇچە سۇمالىدىن ھەبەشىستانغا ئۆتۈپ سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ مالىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ئەللەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشىدۇ.
    ئىبنى بەتتۇتەنىڭ «ساياھەتنامە» سى، مىلادىيە 1353-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەشرىقتىن مەغرىپكىچە بولغان بۈيۈك سەپىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، ماراكەشنىڭ شۇ چاغدىكى پايتەختى- يۇرتى تەنجىگە يېقىن بولغان فەس شەھرىنىڭ ھاكىمى سۇلتان ئەبۇ ئىناننىڭ ھامىلىقىدا ساراي تارىخچىسى ئىبنى جۇزەي كەلىبى تەرىپىدىن ئىبنى بەتتۇتەنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىقىلغان. ئىبنى بەتتۇتە 1377-يىلى فەس شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئىبنى بەتتۇتە ئۆزى ياشىغان دەۋردىكى كۆپ قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىنى ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانى تولۇق كەزگەن بولۇپ ئۇنىڭ ساياھەتنامىسىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلار بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان. شۇنداقلا مۇسۇلمان سەيياھلار يازغان ساياھەت خاتىرىلىرىنىڭ ئەڭ توغرا ۋە ئىشەنچىلىكلىرىدىن بولۇپ قالغان. ھەتتا بەزىلەر ئىبنى بەتتۇتەنى 13-14- ئىككى ئەسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم يازما ئەدەبىيات ئاتىسى دەپ تەرىپلەيدۇ.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 433 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01