ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

دۇنيانىڭ قەدىمى دەۋردىكى بەش مەدەنىيەت

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى ۋە تارىخشۇناسلارنىڭ  تارىخىي يازما خاتىرىلەرگە ئېلىپ بارغان  سېلىشتۇرما تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇمكى، ئىنسانىيەت تارىخىدا بەش چوڭ مەدەنىيەت ئوچىقى بار. ئالىملار ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت رايونلىرى دائىرىسىگە تۆۋەندىكى بەش رايوننى كۆرسىتىدۇ:
    1.قەدىمقى بابىلون مەدەنىيەت رايونى. بابىلون گرك-ياۋروپا تىللىرىدا «مىسوپاتامىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. مىسوپاتامىيە ئىككى دەريا ساھىلى دىگەن مەنىدە بولۇپ ئىراقتىكى ئىفرات دەرياسى ۋە دەجلە دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ). بۇ رايوندا مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000 -يىللاردىن ئېتىبارەن بارلىققا كېلىشكە باشلىغان سومېرلىقلارنىڭ «سومېر تەسۋىرىي يېزىقى»، «سومېر مىخ يېزىق تارىخى»، بابىلۇن «ھامۇراپى قانۇنى»، ئاسسوريلىكلەرنىڭ ئالەمدىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان بابىلۇندىكى«مۇئەللەق باغچا» ھەمدە ئىككى دەريا ساھىلىدە بارلىققا كەلگەن ماتېماتىكا، ئاستىرونومىيە، كالېندارچىلىق، بىناكارلىق، مېتال تاۋلاش تېخنىكىسى، دېھقانچىلىق، قول ھۆنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ساھەلەرنىڭ مۆجىزىلىرى تارىخ سەھنىسىگە مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتكەن.
     2 . شىمالىي ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى ساھىلى مەدەنىي رايونى. بۇ رايوندا ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يىل 365 كۈن بولىدىغان كالېندارنى كەشىپ قىلغان. قايتا تىرىلىش ۋە قىيامەت سوراقلىرى  توغرىسىدىكى ئەپسانە-قىسسىلەرمۇ مۇشۇ رايوندا بارلىققا كەلگەن. دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت، تۇنجى قۇدرەتلىك ئىمپېرىيمۇ نىل دەريا ساھىلىدە بارلىققا كەلگەن. ئالەمگە مەشھۇر مىسىر ئەل ئېھرامى، سان-ساناقسىز مومىيالار، يېزىق يادىكارلىقلىرى مۇشۇ رايون مەدەنىيتىنىڭ ئىزنا بەلگىسىدۇر.  مۇشۇ سەۋەبلىك، گرېك تارىخشۇناسى ھېرودوت (مىلادىدىن بۇرۇنقى425-484يىللار) مىسىرنى »مىسىر نىل دەرياسىنىڭ بىزگە تارتۇق قىلغان سوۋغىسى «دېگەن .
    3. گانگى دەريا ساھىلى مەدەنىيەت رايونى. بۇ رايوندا ھىندىلارنىڭ جاھانشۇمۇل «ۋىدا» شېئىرلار توپلىمى، «ماخاپخاراتا » ۋە «رامايانا» قەھرىمانلىق ئىپوسلىرى، «پەنجىنامە»(بەشنامە) بالىلار ھېكايىلىرى، «كەلىلە ۋە دەمىنە»ھېكايىلەر توپلىمى، رەڭگارەڭ نوم-دەستۇرلار، تۈرلۈك-تۈمەن بۇت-ئىبادەتخانىلار، ئىنسانىيەت رەقەملىرى، ھەتتا شاھماتمۇ مۇشۇ رايوندا دۇنياغا كەلگەن. قەدىمكى ھىندىلارنىڭ بۇددا مەدەنىيتى، سانسكرت تىل-ئەدەبىياتى، چايچىلىق تېخنىكىسى، ئۇسسۇل-مۇزىكا سەنئىتى ئىنتايىن مول ۋە تارقىلىشچان بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ھىندىلارنىڭ بۇددا مەدەنىيتى، سانسكرىت تىل-ئەدەبىياتى، چايچىلىق تېخنىكىسى، ئۇسسۇل-مۇزىكا سەنئىتى ئىنتايىن مول ۋە تارقىلىشچان بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. خەلقئارا بازاردىكى داڭلىق دورا رېتسېپلارنىڭ % 40 ى ھىندىلارنىڭ قەدىمقى تىبابىتىنىڭ رىتسىپلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.
    4. قەدىمقى يۇنان مەدەنىي رايونى. گىرېتسىيە غەرب مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى، دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئۇ يەنە ھازىرقى زامان دېموكراتىيە سىياسىتى، غەرب پەلسەپىسى، دۇنيا ئولىمپىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى، غەرب سىياسيشۇناسلىقى، غەرب ئەدەبىياتى، دۇنيا تراگېدىيە ۋە كومېدىيىسىنىڭ ئانا تۇپرىقى، ئالەمشۇمۇل ئالىملار بولغان سوقرات، پلاتون، ئارستوتېل، ھېرودوت، شېسكورىت، سنوفىن، ئېسخىل، سوفوكىل، ئېۋرىپىدا، سىترابون، پتولمى، ئارىئەن، ھومېر، ھېسسئود، ئىزوپ، پىلىپپوسⅡ، ئالىكساندىر ماكىدونىسكى (ئىسكەندەر زۇلقەرنەين)، سېلۋىك نېكاتور قاتارلىقلار مۇشۇ رايوندىن چىققان.
     5. جۇڭگو خۇاشيا مەدەنىي رايونى. جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى، كوڭزىچىلىق تەلىماتى، چاڭچىلە سەنئىتى، يىپەكچىلىك مەدەنىيتى، چايچىلىق مەدەنىيتى، سەددىچىن سېپىلى، فارفۇرچىلىق ماھارىتى، خەنزۇچە خەت قاتارلىقلار ئالەمگە مەشھۇر. جۇڭگو مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، پەيدا بولۇش ۋە شەكىللىنىشىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئىزچىللىق ۋە ۋارىسچانلىققا ئىگە.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 779 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01