شىۋېتسارىيە فېدراتسىيسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دۆلەت نامى: شىۋېتسارىيە
يەر مەيدانى:41مىڭ 300 كىۋادىرات كىلومېتىر
نوپۇسى: 7 مىليون 420 مىڭ بۇلۇپ شىۋېتسارىيلىكلەر %79.8 نى ئىگەللەيدۇ. باشقا يەرلىكلەر %20.2نى ئىگەللەيدۇ. كۆپ قىسمى كاتولىك دىنى ۋە خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار پۈتۈن نوپۇسنىڭ %44.1 نى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار %36.6 نى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار %4.5 نى باشقىلار %3.1 نى دىنى ئېتىقادى يوقلار %11.7 نى ئىگەللەيدۇ.
دۆلەت تىلى: شىۋېتسارىيەدە ئاساسلىق تۆت خىل تىل ئىشلىندۇ، نېمىس تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن-رومان تىلى، نېمىس تىلى ئىشلىتىدىغانلار پۈتۈن نوپۇسنىڭ %63.9 نى (ئاساسلىق شىمال قىسمى)، فىرانسۇز تىلى ئىشلىتىدىغانلار %19.5 نى (ئاساسەن غەربى قىسمى)، ئىتالىيە تىلى ئىشلىتىدىغانلار %6.6 نى (ئاساسەن جەنۇپ قىسمى ) ،لاتىن -رومان تىلى ئىشلىتىدىغانلار %0.5 نى (شەرقى قىسىمىدىكى ئاز بىرقىسىم رايونلار) باشقا تىللارنى ئىشلىتىدىغانلار %9.5 نى ئىگەللەيدۇ.
پايتەختى:بېرن
دۆلەت گۈلى: پىلىكئوت
پۇل بىرلىكى: شىۋېتسارىيە فىرانكى

   جۇغراپىيلىك ئورنى: شىۋېتسارىيەنىڭ تولۇق ئىسمى شىۋېتسارىيە فېدراتسىيسى بۇلۇپ ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. شەرقى ئاۋىستىرىيە، لېيىچېنىستىن بىلەن جەنۇبى ئىتالىيە بىلەن غەربى فرانسىيە بىلەن، شىمالىي گېرمانىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب شىمال ئۇزۇنلىقى 220.1 كىلومېتىر، شەرىقتىن غەرىپكىچە بولغان ئارىلىقى 348.4كىلومېتىر. ئالىپ تاغ تىزمىلىرى پۈتۈن يەر مەيدانىنىڭ %60 نى غەربى شىمال تەرىىپىدىكى ژۇرا تاغ تىزمىلىرى پۈتۈن يەرمەيدانىنىڭ %10نى ئىگەللەيدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىك پۈتۈن يەرمەيدانىنىڭ %30نى ئىگەللەيدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1350 مېتىر، ئورمانلىق12523 كىۋادىرات كىلومېتىر بۇلۇپ پۈتۈن يەرمەيدانىنىڭ %30.3 نى ئىگەللەيدۇ. دەريا چوڭ-كىچىك 100دىن ئارتۇق كۆل بار. ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1500 مىللىمىتېر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 8.6 سېلتسىيە گىرادۇس.
   قىسقىچە تارىخى: شىۋېتسارىيە 11- ئەسىردىن باشلاپ رىم ئىمپىرىيسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان، 1291-يىلى بىر نەچچە ئوبلاست بىرلىشىپ ئۆز ۋاقتىدىكى خابۇس پادىشاھقا قارشى ئىتتىپاق بۇلۇپ ئۇيۇشقان. بۇ ئىتتىپاق ھازىرقى شىۋېتسارىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسي بۇلۇپ شەكىللەنگەن. 1648- يىلى مۇستەقىل بولغان. شىۋېتسارىيە 16- ئەسىردىن باشلاپ خەلقىئارا ئىشلاردا بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن، 1798-يىلى ناپالىئون شىۋېتسارىينى بېسىۋالغان چاغلاردا بىر مەزگىل ھارۋىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، 1815-يىلى ۋېينا يىغىنىدا شىۋېتسارىينىڭ مەڭگۈ بىتەرەپلىك ئورنى ئېتراپ قىلىندى، كېيىنكى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا بىەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. 1848-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىپ رەسمىي ھالدا بىرلىككە كەلگەن فېدراپ دۆلەت بولغان.
ئىقتىسادى ئەھۋالي: شىۋېتسارىيە تەرەققى قىلغان سانائەت دۆلىتى، ئۇ خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىشى جەھەتتە خېلى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا بىرىنجى ئورۇننى ئىگەللەپ كەلمەكتە، شىۋېتسارىيىنىڭ سانائىتى خەلق ئىگىلىكىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، كاپتال مەركەزلەشكەن، سانائىتىدە بۇلۇپمۇ ماشىنسازلىق، ھەرخىل نازۇك ئەسۋاپلارنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيە سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سائەت ياساش سانائىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. شۇڭا ئۇنى سانائەت دۆلىتى دەپمۇ ئاتايدۇ، شىۋېتسارىيە تاغلىق دۆلەت بولسىمۇ ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئوموىي قىممىتىنىڭ %75 نى ئىگەللەيدۇ، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، قارا بۇغداي، ياڭيۇ، قىزىلچا، ئۈزۈم قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ، شىۋېتسارىيە ئىشلەپچىقارغان سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ %90 نى ئېكىسپورت قىلىدۇ، سىرتتىن خام ئەشيا، يېقىلغۇ، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ، شىۋېتسارىيىنىڭ ھاۋاسى ئىللىق مەنزىرسى گۈزەل بولغاچقا ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى ناھايتى كۆپ، ئاھالىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ساياھەتچىلىك بىلەن شوغۇللىندۇ، شىۋېتسارىيىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى ناھايتى تەرەققىي قىلغان، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق پۇل- مۇئامىلە دۆلىتىنىڭ بىرى. شىۋېتسارىيىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى بەك تەرەققىي قىلغان پۈتۈن دۆلەت بويىچە 62 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاشيول، 500 كىلومېتىر تۆمۈريول، 2 مىليوندىن ئوشۇق ھەرخىل قاتناش ۋاستىسى بار، تۆمۈر يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئېلىكتىرلەشكەن.
   شىۋېتسارىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى مۇقەددەس رىم ئىمپىراتۇرى فېدرىچⅡ شىۋېيتنىس شىتاتىدىكى كىشىلەرگە ئەركىنلىكنىڭ بەلگىسى قىلىشقا ئىنئام بەرگەن بايراقتىن كەلگەن كېيىنكى يىللاردا بۇ بايراق يەنە كۆپ قېتىم جەڭلەردە ئىشلىتىلىپ، ئىس-تۈتەك قاپلىغان جەڭلەردە جەۋلان قىلىپ خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ئىلھام بەرگەن، يىلنامىدە خاتىرلىنىشىچە 1339-يىلى تۆرىلەرگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ قوزغىلاڭچىلىرى ھەربى يۈرۈش قىلغاندا ئاق كرېستلىك بىر قىزىل بايراقنى ھەربى بايرىقى قىلغان. چۈنكى قوزغىلاڭچىلار مىللەتنىڭ ئەركىن- ئازادلىقى خۇددى مۇقەددەس كرېسىتكە ئوخشاش بىر مۇقەددەس ئىش، بايراقنىڭ تېگىنى قىزىل قىلىش ئىلاھنىڭ قىزىل نۇر ئاستىدا نازىل بۇلۇپ خەلق بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنىڭ سىموۋۇلىدۇر دەپ قارىغان، 1848-يىلى شىۋېتسارىيە يېڭى فېدراتىپنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن ئاق كرېستلىك بايراقنى شىۋېتسارىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلىشنى ۋە دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى بۇلۇشنى رەسمىي بەلگىلىگەن.
  دۆلەت گېربى ئاق كرېستلىك قىزىل بايراق سىزىلغان بىر قالقانسىمان گېرب بۇلۇپ، مەنىسى دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش. 

دۆلەت بايرىقى

 

 

دۆلەت گېربى

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 683 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01