ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ميۇنخېن شەرتنامىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ميۇنخېن شەرتنامىسى=慕尼黑条约

    1938- يىلى گىتلېر ئاۋسترىيىنى گېرمانىيىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن چېخ - سلوۋاكىيىگە چىشىنى بىلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا چېخسلوۋاكىيەنىڭ  گېرمانىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان سودېت رايونىدا 300 مىڭ نېمىس ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، گىتلېر سودېت رايونىنى قوشۇۋالىدىغانلىقى ھەققىدە قەھرى بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇرۇش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قانغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە گىتلېرنىڭ بۇ ئىشىدىن ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي گېرمانىيە بىلەن قارشىلىشىشتىن ساقلانماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېمبېرلىن ۋە فرانسىيىنىڭ زۇڭلىسى دالادېر بىر بىرلەشمە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چېخ - سلوۋاكىيىنىڭ پىكرىنى ئالمايلا سودېت رايونىنى گېرمانىيىگە ئايرىپ بېرىشكە تۇتۇنغان. بۇنىڭ بىلەن گىتلېر ھەربىي مۇھاكىمە قىلىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، كېيىن چېمبېرلىن گېرمانىيىگە قايتا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، ئۇ دەرھال ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ، چېمبېرلىننى چۆچۈتۈۋەتكەن. دالادېر بۇ تەكلىپنى چېخ - سلوۋاكىيىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىراگادىكى باش ئەلچىسىگە چېخ - سلوۋاكىيىنىڭ زۇڭتۇڭى بېننېس بىلەن جىددىي كۆرۈشۈشنى بۇيرۇغان. فرانسىيىنىڭ بۇ باش ئەلچىسى بېننېسنىڭ يېقىن دوستى بولغاچقا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۇنىڭغا يۇقىرىدىكى تەكلىپنى ئۇقتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ھۆركىرەپ يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ سىياسىي سودىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:«دۇنيادا سىياسىيدىنمۇ ئارتۇق پەسكەش نەرسە يوق ئىكەن» دېگەن. بۇنىڭ بىلەن بېننېس پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقارغان. كېيىن چېمبېرلىننىڭ سالا قىلىشى بىلەن ئاخىر سېسىق نامى پۇر كەتكەن « ميۇنخېن شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ گېرمانىيە ياۋروپادا ئەمدى ئۇرۇش قوزغىمايدىغان، سۇدېت رايونى مەڭگۈ گېرمانىيە زىمىنىنىڭ بىر قىسمى بولىدىغانىقى بەلگىلەنگەن.  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېمبېرلىننىڭ شەرتنامە تۈزۈپ قايتقاندىن كېيىن ئايردورۇمدا مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلىپ« ياۋروپادا ئەمدى50يىلغىچە ئۇرۇش بولمايدۇ، ئەنگىلىيىلىكلەر ياستۇقنى قىرلاپ ئۇخلاڭلار» دىگەن سۆزىدىپلوماتىك كېلىشىملەرنىڭ رولى يوقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مەشھۇر سىمىۋوللۇق سۆزگە ئايلىنىپ قالغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 454 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01