زەپەر دەرۋازىسى=凯旋门

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


   زەپەر دەرۋازىسى ياۋروپانىڭ ئۇرۇش غەلبىسىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن سېلىنغان ئەنئەنە خاراكتىرلىك قۇرۇلۇشى بۇلۇپ، دەسلەپ يۇناندا باشلانغان كېيىن قەدىمكى رىم دەۋرىدە ئۇمۇملاشقان، ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمرانلار زەپەر دەرۋازىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش ئۇتۇقىنى كۆرسەتكەن ، كېيىن ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ ھەر قېتىم غەلىبە قازانغىنىدا ئۆز غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلىش ئۈچۈن قوللانغان. ھەپەر دەرۋازىسى ئادەتتە شەھەرلەرنىڭ مۇھىم كوچىلىرىغا، خەلق مەيدانلىرىغا تاشتىن قوۋۇق شەكلىدە قوپۇرۇلىدۇ، بىرياكى ئۈچتىن ئەگمە دالانچە بولىدۇ. ئۈستىگە ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇرۇش ئۇتۇقلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان بولىدۇ.


مەشھۇر زەپەر دەرۋازىلىرى

    ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمى زەپەر دەرۋازىسى -تىتۇس زەپەر دەرۋازىسى بولۇپ مىلادى 82-يىلى قۇرۇلغان، ئېگىزلىكى 14.4 مېتىر، كەڭلىكى 13.3 مېتىر، قېلىنلىقى 6 مېتىر، ئۈستىدە قاپارتما نەقىشلەر بار. ئىمپىرىيە نىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە تىتۇس پادىشاھى يەھۇدىلارنى بېسىۋالغانلىق غەلبىسىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن قۇرغان.  تۆۋەندىكىسى تىتۇس زەپەر دەرۋازىسى:

 


    سېۋىرۇ زەپەر دەرۋازىسى- مىلادى 315-يىلى قۇرۇلغان ئۈچ ئەگمە دالانچىسى بار، كونسىتاتىن ئىمپىراتۇرى 312-يىلى ھۆكۈمران ماسىنچىئوۋ ئۈستىدىن غەلبە قىلغانلىغىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن قۇرغان. بۇ زەپەر دەرۋازىسىنىڭ بېزىلىشى كۆپ خىل بۇلۇپ، كۆپ قىسمى قەدىمكى رىم پادىشاھلىقىنىڭ زەپەر دەرۋازىسى ياكى باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىدىن كەلگەن.  تۆۋەندىكىسى سېۋىرۇ زەپەر دەرۋازىسى

 


   ئەڭ مەشھۇر زەپەر دەرۋازىسى -فىرانسىيە پارىژ زەپەر دەرۋازىسى بولۇپ پارىژنىڭ دې گولىزىم يۇلتۇزسىمان مەيدانىنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ، فىرانسىيە پادىشاھى ناپالىئون بوناپارت (1821-1769) ئاۋىستېرلىتىز جېڭىدە غەلبە قىلغانلىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن قۇرغان. 1806-يىلى8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇلىنى سالغان، 1836-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى پۈتۈپ چىققان. ئاساسلىق لاھىيلىگۈچىسى شاللىر گېران ئېگىزلىكى 50 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر، قېلىنلىقى 23 مېتىر، ئىچكى قىسمىدا ناپالىئونغا ئەگىشىپ جەڭ قىلغان 836 نەپەر قەھرىماننىڭ ئىسمى ئويۇلغان. ئۈستىگە تارىختىكى مۇھىم جەڭلەرنىڭ قاپارتما نەقىشلىرى ئويۇلغان. 1920-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زەپەر دەرۋازىسى ئاستىغا نامسىز قەھرىمانلار قەبرىسى ئورنىتىلدى ھەم قەبرىگە ئۆچمەس چىراق ئورنىتىلىپ قەھرىمانلارنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىغىغا سىموۋۇل قىلىندى. پارىژ زەپەر دەرۋازىسى ئېففېل تۆمۈر مۇنارى بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيەنىڭ شانۇ شەۋكىتىگە سىمىۋۇل قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكىسى پارىژ زەپەر دەرۋازىسى:

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 834 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01