گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دۆلەت نامى: گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى
يەرمەيدانى: 131957 كىۋادىرات كىلومېتىر
نوپۇسى:10 مىليون 96 مىڭ بۇلۇپ،%95 گرېكلار . گىرىتسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان جەنۇبى تىراكىيە رايونىدا يەنە تەخمىنەن 200مىڭدىن كۆپرەك تۈرك ياشايدۇ. گىرىكلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك پىروۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئىشىنىدۇ.
دۆلەت تىلى: گرېك تىلى
جۇغراپىيلىك ئورنى:بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا، يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دۆلەت. گرېتسىيەدە تاغلىقلار، ئارال، يېرىم ئارللار ناھايتى كۆپ. ئۇنىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى ئولىمپىك تېغىنىڭ ئېگىزلىكى 2917 مېتىر بۇلۇپ، دۆلە بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېساپلىندۇ. قۇرۇقلۇق چېگرىسى ئالبانىيە، ماكىدونىيە، بۇلغارىيە، تۈركىيەلەر بىلەن چېگرىلىندۇ. غەربى جەنۇبى يەر ئوتتۇرا دېڭىزى بىلەن، شەرقى ئېگېي دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئىقلىمى سۇپتىروپىك يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، قىشلىقى ئىللىق بۇلۇپ كۆپ يامغۇرلۇق، يازلىقى ئىسسىق قۇرغاق كېىدۇ. ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرسى شىمالدا 5 سېلتسيە گىرادۇس، جەنۇپتا 11 سېلتسىيە گىرادۇس بولىدۇ. 7- ئايلىق ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى شىمالدا 25 سېلتسىيە گرادۇس، جەنۇپتا 27 سېلتسىيە گىرادۇس كېلىدۇ.يىللىق ھۆل-يېغىن مىقارى400-700مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. غەربى شىمالدىكى ئايرىم جايلاردا 1000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ.
قىسقىچە تارىخى: گرېتسىيە ياۋروپا بويىچە قەدىمىي مەدىنيەتلىك دۆلەت بۇلۇپ، ئۇ مىلادىن بۇرۇنقى 146-يىلى رىم ئىمپىريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1396-يىلى تۈرك ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1829-يىلى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان كىنەزلىك بۇلۇپ قۇرۇلغان 1830-يىلى مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان، 1941-يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋىلىنغان، 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قايتا مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1973-يىلى 6-ئايدا پادىشاھلىق تۈزۈم بىكار قىلىنىپ گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى بۇلۇپ قۇرۇلغان.
    1974-يىلى 12-ئايدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاپ دۆلەت سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتكەن.
گرېتسىينىڭ تولۇق نامى گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى بۇلۇپ بالقان ئارىلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، مىلادىن بۇرۇنقى 2000-يىلىدىن 30-يىللىرىغىچە قەدىمكى گرېتسىيلىكلەر بالقان يېرىم ئارىلى ۋە ئېگېي دېڭىزىدىكى بىرقىسىم ئاراللار ۋە شىمالىي ئافرىقا ئتالىيە يېرىم ئارىلنىڭ جەنۇبى قىسمى ۋە بوۋو ئارىلىنىڭ پۈتۈن يەر ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرىدا قۇللۇق تۈزۈم ئورناتقان. 
گرېتسىينىڭ تولۇق نامى گرېتسىيە جۇمھرىيىتى بۇلۇپ دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى قاراشلار ھەرخىل بىرىنجى خىلدىكىسى : گرېتسىيە سۆزى گرېك تىلىدا ھېللونلار ئولتۇراقلاشقان رايون دىگەن مەنىدە .بۇ نام ئەڭ دەسلەپتە پەقەت ساسسانىيە رايونىنىڭ كىچىك بىر پارچىسىنىلا كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ كېيىنچە كېڭىيىپ ئوتتۇرا گرېتسىيە ، ھەتتا گرېتسىيىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى كۆرسەتكەن . گرېكلار قەدىمدە ئۆزىنى ئارىئوشلار ياكى دارىئوسلار دەپ ئاتاپ، كېيىنچە ئاندىن ئۆزىنى گرېكلار دۆلىتىنى گرېتسىيە دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتىغان . ھازىر ئىشلىتۋاتقان ئىنگىلىزچە نامى ئىتالىيان تىلىدىن پەيدا بولغان بۇلۇپ بۇنام قەدىمدە ھازىرقى گرېتسىيىنىڭ غەربى شىمالىي ۋە ئالبانىينىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان باشقا بىر قەبىلىنىڭ نامىدۇر. بۇ قەبىلە نامى ھىندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىن پەيدا بولغان بۇلۇپ، مەنىسى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم بولىدۇ. ئىتالىيە بۇ نامنى پۈتكۈل گرېتسىيە دۆلىتىنى ئاتاشقا ئىشلەتكەن.كېيىن ياۋروپا ئەللىرىمۇ شۇنداق ئاتىغان. ئىككىنجى: ئۆتمۈشتە رىملىقلار گرېكلارنى ئىزچىل ھالدا گېرىس، بالقان يېرىم ئارىلىنى گېرسلارنىڭ دۆلىتى دەپ ئاتىغان .ھازىر ئىشلىتۋاتقان نام دەل مۇشۇ نامدىن كېلىپ چىققان ، گرېتسىيە ياۋروپادىكى قەدىمكى مەدىنيەتلىك دۆلەت بۇلۇپ مىلادىن بۇرۇنقى 5-ئەسىر ئۇنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى ھېساپلىندۇ. كېيىن ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ رىم ئىمپرىيىسى، ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى، تۈرك ئىمپىرىيسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان.   
ئىقتىسادى ئەھۋالي: گرېتسىيە ئىقتىسادى جەھەتتە يېزائىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. خەلق ئىگىلىكىدە سانائەتتىن بولىدىغان كىرىم ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتتە مېتاللورىگىيە، خىمىيە، توقۇمچىلىق، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش،ئېلىكتىر ماشىنلىرى، سۇلياۋ، كېمىسازلىق، يېمەك-ئىچمەكلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كوممۇقوناق، ياڭيۇ، شېكەر قۇمۇشى، تاماكا، ياغلىق زەيتۇن، كېۋەز، ئۈزۈم قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلدۇ. ئاشىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ ئېكىسپورت قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ %30 يېزا ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىندۇ. ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ ھەريىلى بۇيەرگە كېلىپ ساياھەت قىلدىغانلارنىڭ سانى 6 مىليوندىن ئاشىدۇ.
   ياۋروپادىكى قەدىمكى مەدەنىي دۆلەت -گرېتسىيە 2700 يىلدىن ئارتۇق يېزىق ئارقىلىق خاتىرلەنگەن تارىخقا ئىگە. مىلادىن بۇرۇنقى 146-يىلدىن بۇيان مىلادىيە 1830-يىلى مۇستەقىل بۇلۇپ گرېتسىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغانغا قەدەر چەتئەلنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن. 1833-يىلى تۈزۈلگەن گرېتسىيە دۆلەت بايرىقى تۆت ئاق بەلدەم ۋە بەش بەلدەمدىن تەركىپ تاپقان. ئۈستىدىكى سول بۇلۇڭغا ئاق كېرسىت قويۇلغان. ئاق كېرسىت گرېكارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆك ۋە ئاق بەلدەم جەمىئىي 9 بۇلۇپ، گرېكلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە رازى دىگەن قەتئىي ھەم قەدىمكى ئەقىدىسىنى ئىپادىلىگەن، بۇ سۆز 9 بوغۇملۇق سۆزدىن تەركىپ تاپقان.
    دۆلەت گېربىدىكى سىزىقلار ئاددى ۋە راۋان بۇلۇپ، خەلقنىڭ خېرىستىئان دىنىغا بولغان ساداقىتىنى ۋە تىنىچلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تولۇق ئىپادىلىگەن، يېشىل زەيتۇن شېخى تېگى كۆك ئاق كرېستلىك قالقانسىمان گېربىنى ئوراپ تۇرغان . كۆك ۋە ئاق رەڭ گرېتسىيە دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلدىغان رەڭ بۇلۇپ، ئاسمان بىلەن دېڭىز ئوتتۇرسىدىكى بۇ پاك زېمىنغا سىموۋۇل قىلىنغان. گرېكلەر زەيتۇننى تىنىچلىق ۋە ئەقىل- پاراسەتنىڭ سىموۋۇلى ئورنىدا كۆرىدۇ.

دۆلەت بايرىقى:

 

 

دۆلەت گېربى:

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 892 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01