قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل=知更鸟=Robin

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل=知更鸟=Robin

     قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل يەنە تۇردۇس قۇشى دەپمۇ ئاتىلدۇ. ئۇ ئاساسەن ئاسىيا، ياۋروپا، شىمالىي ئامرىكا قىتئەلىرىگە تارقالغان. تېنى تەخمىنەن 20 نەچچە سانتىمېتىر، قىزىل كۆكرەك مويلىرى بار، ئۈستىدە چىرايلىق كۆكرەك داغلىرى بار، بېشى قارا، كۆزى قارا پارقىراق. قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل ئاساسەن ئورمانلىقلاردا ئارام ئالىدۇ، دائىم ئېتىزلارغا چىقىپ يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، باشقا قۇشلار پەقەتلا مېڭىشنى ياكى سەكرەشنى بىلىدۇ، لېكىن قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل بولسا ئىككىسىنىلا قىلالايدۇ. بەك ھوشيار، ئازراقلا تىۋىش بولسا دەرھال ئۇچۇپ كېتىدۇ. قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل ئاساسلىق تۈكلۈك قۇرۇت، قاپلىق قۇرۇت، چىۋېن، قۇلۇلە، ئۆمۈچۈك، چۈمۈلە قاتارلىق ھاشارەتلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكنىڭ پايدىلىق قۇشى. دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ بەزى ۋاقىتتا يەنە مېۋە شەربىتى ۋە مېۋىلەرنىمۇ يەيدۇ.
    ھەريىلى 3-ئايدا ئىللىق باھار پەسلى يېتىپ كەلگەندە ،ئامرىكا مېكسىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدا توپ-توپ قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇللارنى كۆرگىلى بولىدۇ. سانى ئون نەچچە مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۇچۇپ بىر تەرەپتىن يېقىملىق سايرايدۇ. بۇنداق ئەھۋال بىر نەچچە ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئىككى يولغا ئايرىلىپ ئۇچىدۇ، بىر توپى غەرپكە تۈزلەڭلىك، ئېدىرلىقلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كانادا، ئالياسكاغا قاراپ، بىر توپى شەرىققە - ئوخېئو دەريا ئېقىنىنى بويلاپ شەرقى شىمالغا ئۇچۇپ، كانادا چېگرىسىغا كىرىدۇ. ئۇلار كۈنىگە 30-50 كىلومېتىرغىچە ئۇچىيالايدۇ. پات-پات توختاپ ئېتىزلىقلاردىن يېمەكلىك تېپىپ يەيدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 548 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01