ياقۇتلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

       ياقۇتلار -  رۇسىيە ۋە شىمالى مۇز ئوكيان، تېنچ ئوكيان چېگرىلىنىدىغان سوغۇق رايونغا جايلاشقان، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ 3مىلىيۇن كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق كەڭ زىمىنغا ئىگە ياقۇت جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا سازاۋەر تۈركى مىللەت بولۇپ 2007-يىلى ياقۇت جۇمھۇرىيىتىدىكى 950مىڭ نوپۇسنىڭ 450مىڭىنى(47%نى) تەشكىل قىلىدۇ(نۆۋەتتە روسىيەدە ئۇمۇمى يۈزلۈك نوپۇس ئازلاۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ياقۇتلار بىر خىل نورمال كۆپىيىشنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئالدىنقى 20 يىللىق خاتىرىگە قارىغاندا ياقۇتلارنىڭ نوپۇسى ھەر يىلدا 10مىڭ كۆپىيىپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى ئۆرلەۋاتىدۇ). بۇندىن باشقا يەنە خاباروۋىسكى چېگرا رايونىنىڭ ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنى تېنچ ئوكيان بىلەن ئايرىپ تۇرىدىغان كارىدورسىمان ئارىلىقىدا  ئون مىڭ،  روسىيەنىڭ باشقا شەھەر ۋە جۇمھۇرىيەتلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان ياقۇتلار تەخمىنەن 20مىڭ ئەتراپىدا. ياقۇتلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەت بولۇپ دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغا كەم تارقالغان.
      ياقۇت تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى، تۈركى تىللار ئائىلىسى، شىمالى تىل تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ، رۇسلار كېلىشتىن بۇرۇن ياقۇتلار ئۇرخۇن يېنسەي يېزىقىدىن ئۆزگەرتىلگەن بىر خىل ئىپتىدائى يېزىقنى قوللانغان بولسىمۇ ئەمما ئۇمۇملاشمىغان. رۇسلار كىرگەندىن كېيىن رۇس تىلى-سلاۋىيان يېزىقى قوللانغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئېلىپبە ئىشلىتىپ 1939-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ياقۇت ئېلىپبەسىنى قوللىنىپ گېزىت - كىتاپلار نەشىر قىلىنغان. ياقۇت كىشىلىرىنىڭ 90%ئانا تىلىنى ئىشىلىتەلەيدۇ. ياقۇت تىلى رۇس تىلى بىلەن بىرلىكتە ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، ياقۇت تىلىدا چىقىدىغان گېزىت-ژورنال-كىتاپلار بار. ياقۇت جۇمھۇرىيىتىدىكى ئالى-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ياقۇت تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ.
      دىنى ئېتىقاد جەھەتتە ياقۇتلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىك ئاھالىسى رۇسلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلى خىرىستان دىنىنىڭ پىروۋۇسلاۋىيە مەزھىپىگە ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا يەنىلا شامان دىنىنىڭ قالدۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە ساقلانغان. ياقۇتلار ئارىسىدا تاتارلارنىڭ تەسىرىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلار بار بولسىمۇ بىراق كۆپ ئەمەس، سانى40مىڭ ئەتراپىدا.
     ياقۇتلار دۇنيادىن يىراق سوغۇق خىلۋەت رايونغا ئولتۇراقلاشقانلىقتىن تارىخى خاتىرىلىرى مول ئەمەس.  ئەمما خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن مىلادى 5-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ياقۇت رايونى ئىلگىرى- كېيىن ھۇنلار، سىيانپىلار، جوجانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.  رۇس ئىنسانشۇناسلىرىنىڭ ئېنىقلاپ بېكىتىشىچە مىلادىدىن ئىلگىرىكى ھۇن دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ياقۇت، خاكاسىيە ۋە ئالتاي رايونلىرىدىكى ئاھالىلار ئەسلىدە ئاق تەنلىك ئىرققا مەنسۇپ بولغان. لېكىن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇڭگۇس ۋە موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ خەلقلەرنىڭ بۇ رايونلارغا كىرىپ يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تىپى بۇ رايوندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
     ياقۇتلار رۇسلار كېلىشتىن ئىلگىرى  ئۆزلىرىنى ساخا دەپ ئاتاپ يېرىم چارۋىچىلىق يېرىم ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن بولۇپ شامان دىنى ئۇلار ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، رۇسلار كەلگەندىن كېيىن ياقۇتلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا شەھەرلىشىش ۋە سانائەتلىشىش ۋە تېرىقچىلىق پەيدا بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە يەنىلا كۆپ ساندىكى ياقۇت ياغاچلاردىن ياسالغان قىشلىق ئۆي ۋە تېرىدىن ياسالغان يازلىق چېدىرلاردا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، بۇغا باقمىچىلىقى ۋە بېلىقچىلىق ياقۇتلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەسپى، قومۇز(ياقۇت تىلىدا خومۇس) ياقۇتلارنىڭ ئەڭ ئۇمۇملاشقان مىللى چالغۇسى. ياقۇتلار رۇسلار كېلىشتىن بۇرۇنلا مۇكەممەل تېرىچىلىك. ئويمىچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە كۇلالچىلىق تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپ، تامامەن ناتۇرال ئىگىلىك شەكلىدە ياشىغان.
    ياقۇت قەبىلىلىرى 13-ئەسىردە موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەسىدە بولغان . لېكى ناھايىتى تېزلا مۇستەقىل ھايات كەچۈرگەن ، لېكىن 17-ئەسىرگە كەلگەندە رۇسىيىنىڭ ھاملىقىغا ئۆتكەن . بولشېۋىكلار ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، 1921-يىلى 14-ئاۋغۇستا سوۋېتلەر ئىتىپاقى رۇسىيە فىدىراتسىيىسىگە قاراشلىق ياقۇت ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1990-يىلى گورباچېۋنىڭ مىللىي سىياسەتنى ئىسلاھات قىلىش مەزگىلىدە ياقۇت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ ئۆزگەرگەن، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە بولسائىگىلىك ھوقۇق دەرىجىسى كۆتىرىلىپ رۇسىيە فىدىراتسىيىسى تارمىقىدىكى ياقۇت جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 845 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01