سامانيولى سىستېمىسى

سامان يولى سىستېمىسىسامان يولى سىستېمىسى

سامان يولى سىستېمىسى بولسا يەرشارى ۋە قۇياشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ چوڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسى يازنىڭ ھاۋا ئوچۇق ئاخشاملىرى، كۈمۈش رەڭلىك لەيلىمە بەلۋاغنىڭ ئاسمان گۈمبىزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز، كىشىلەر ئۇنى سامانيولى دەپ ئاتىشىدۇ. سامانيولى ئاسماندىكى يول بولماستىن، بەلكى تۈمەن مىڭلىغان يۇلتۇزلارنىڭ بىر يەرگە توپلىشىپ يىغىلىشىدىن تەشكىللەنگەن يۇلتۇزلار چوڭ گۇرۇھى بولۇپ، بىز ئۇنى سامانيولى سىستېمىسى دەپ ئاتايمىز.
سامانيولى سىستېمىسى ناھايىتى چوڭ ئاسمان جىسىملىرى سىستېمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى دېسكىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەتراپى سەل نېپىز، ئوتتۇرا قىسمى سەل پومپىيىپ چىققان بولىدۇ. ئۇنىڭ 200 مىلياردچە يۇلتۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قۇياش سېستىمىسى ئۇنىڭ بىر ئەزاسى. ئۇنىڭدىن باشقا ، سامانيولى سېستىمىسىدا تارقاق يۇلتۇز توپى، شارسىمان يۇلتۇزلار توپى ۋە خىلمۇخىل ھالەتتىكى تۇمانلىقلارمۇ بار.

سامان يولى سىستېمىسىسامان يولى سىستېمىسى

سامان يولى سىستېمىسىنىڭ بايقىلىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، تېلىسكوپ كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، گالىلي ئەڭ دەسلەپ تېلىسكوپنى ئىشلىتىپ سامانيولى سىستېمىسىنى كۈزەتكەن ۋە سامانيولىنىڭ نۇرغۇنلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن تەشكىل تاپقانلىغىنى بايقىغان. كېيىن رېيت،كوند، لامبېرد قاتارلىقلار سامانيولى ۋە پۈتۈن تۇرغۇن يۇلتۇزلار بىر غايەت زور تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغان دەپ قارىغان. 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ھېرشىل ئۆزى ياساپ چىققان نۇر قايتۇرۇش تېلىسكوپى ئارقىلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى كۈزىتىشنى باشلىغان ھەم تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە قۇرۇلمىسىنى مۇقىملاشتۇرغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 16

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1365 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-06