تۇرپان

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    تۇرپان ۋىلايىتى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان. شەرقى تەرىپى قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى ۋە جەنۇب تەرىپى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى شىمال تەرىپى ئۈرۈمچى شەھرى بىلەن شىمالى تەرىپى سانجى خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرىقتىن غەرىپكىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 300 كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 240 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 69 مىڭ 700 كىۋادىرات كىلومېتىر ، ئۇنىڭغا بىر شەھەر(تۇرپان شەھرى) 2 ناھىيە(توقسۇن ناھىيىسى ۋە پىچان ناھىيىسى) قارايدۇ، تاغ يېرى %14، تۈزلەڭلىك% 9چۆللۈك%77نى ئىگەللەيدۇ. ئاساسلىق 9دەرياسى بار. 2005  -يىلنىڭ ئاخىردىكى نوپۇسى579668 بۇلۇپ، ئۇيغۇرلار %71 نى خەنزۇلار 22.23%نى باشقا مىللەتلەر 6.68%نى ئىگەللەيدۇ.
    تۇرپان ئىنسانىيەتنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئوتتۇرا غەربى ئاسىياغا تەۋە ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇ يەردىن تېپىلغان. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى بارلىق تۈركى تىىلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى تۇرپان ئارقىلىق باشلانغان. مىلادى3-ئەسىردە تۇرپاندا ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلغان، مىلادى 9-ئەسىردىن كېيىن تاكى 14-ئەسىرگىچە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن،  چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى جۇڭغارلار قولىدىن تارىپ ئالغاندىن كېيىن تۇرپان ئىلى مەھكىمىسىگە قاراشلىق لۈكچۈن ۋاڭلىقىغا قارىغان. شىنجاڭ ئۆلكىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن 1886-يىلى تۇرپان بىۋاستە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان ۋە دىخۇا مەھكىمىسىگە قارىغان، مىنگونىڭ 2-يىلى (1913-يىلى) بىۋاستە قاراشلىق نازارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ تۇرپان ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان ۋە ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ناھىيە بولغان. 1958-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى قۇرۇلغان. 
   تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئىگىلىكى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ھازىر 42مىڭ 600 گېكتار تېرىلغۇ يەر، 70 مىڭ گېكتار ئورمان 782مىڭ 500 گېكتار يايلاق بار، يەنى 100مىڭ گېكتار دېھقانچىلىققا ماس كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى كېۋەز، ئۈزۈم، قوغۇن ،كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم، كېۋەزنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، ئالتۇن، مىس، قەلەي، قوغۇشۇن، كۆمۈر، تۇز، گىلائۇبىر تۇزى، كىۋارتىس قۇم قاتارلىقلار بار.
    تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەلىرى بىرقەدەر ياخشى، لەنجۇ- شىنجاڭ تۆمۈر يولى بىلەن شىنجاڭ تۆمۈر يولى مۇشۇ يەردە تۇتىشىدۇ. 17مىڭ پروگراممىلىق  تېلفۇن پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تۇتىشىدۇ. جوڭگۇدىكى 3-چوڭ نېفىتلىك تۇرپان-قۇمۇل نېفىتلىكىنىڭ باش شىتابى پىچان ناھىيىسىگە جايلاشقان.
    تۇرپان قەدىمكى زاماندىكى «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم شەھەر بۇلۇپ ئۇنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. مەدىنى يادىكارلىقلىرىدىن يارغول قەدىمكى شەھرى، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى،ئىدىقۇت قەدىمكى شەھرى بېزەكلىك مىڭ ئۆي، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، قاتارلىقلار ، ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرلىك جايلاردىن كارىز سەيلىگاھى، يالقۇنتاغ، ئايدىڭكۆل، يۇيلۇق قاتارلىقلار بار.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 459 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01