چال=枇杷=Loquat

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

چال=枇杷=Loquat
      

            چال بولسا دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدا چىقىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سۈننى كۆپەيتىش قىيىن، كۆچەتلىك مەزگىلى بەك ئۇزۇن، ئۆمرى قىسقا بولغاچقا ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان مىۋە ھىساپلىنىدۇ. چال قىشتا چېچەكلەپ، باھاردا غورا تۇتىدۇ، يازدا پىشىدۇ. ئۇ ئاساسەن دۆلىتىمىزنىڭ جىياڭسۇ، فۇجىيەن، ئەنخۇي،خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە تارقالغان. جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر تۈرىگە، ئەتىرگۈل ئائىلىسىگە تەۋە. دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى 10مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، يوپۇرمىقى ئىللىپىس شەكىللىك نۆۋەتلىمە شەكلىدە، سىرتقى يۈزى ناھايىتى سىلىق، مېۋىسى تۇخۇم شەكىلىدە، ئىللىپىس شەكىلىدە ۋە يۇمىلاق شەكىللدە كېلىدۇ. مېۋىسىنىڭ گۆشى جىق، شىرنىلىك، چۈچۈمەل تاتلىق بۇلۇپ «مېۋىلەر پادىشاھى» دىگەن نامى بار . چالنىڭ تەركىبىدە ئۇزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى كۆپ. ھەربىرتال مېۋىسى 100گىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ، ئاقسىل 0.4 گىرام، ماي 0.1گىرام، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى7گىرام، كالتسىي22 مىللگىرام، تۆمۈر0.3 مىللىگىرام، فوسفۇر32 مىللىگىرام، كاروتىن1.33مىللىگىرام يەنە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان ھەرخىل مېنرال ماددىلار بار. 
      چالنىڭ تىبابەتتىكى رولى: چال تەركىبىدىكى ئورگانىڭ ماددىلار، ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلىقىنى كۆپەيتىپ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۆپكىنى ياشارتىپ بەلغەمنى ئالىدۇ، يۆتەلنى داۋالايدۇ، چالنىڭ مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 551 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01