ئېرلاندىيە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئېرلاندىيە

   دۆلەت نامى:ئېرلاندىيە 

   نوپۇسى: 3 مىليون 500 مىڭ،  بۇنىڭ %98.7 ئىرلاندىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا كىلىت، دانىيىلىكلەر، نورمانلار، شوتلاندىيىلىكلەر، ئىنگلىزلار بار. ئاھالىنىڭ %90 ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىرلاندىيەتىلى  بىرىنچى دۆلەت تىلى، ئىنگلىز تىلى ئىككىنچى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.

   دۆلەت قۇشى: لايخورەك

     پايتەخت:دۇبلىن

    يەر مەيدانى 70282 كۋادرات كىلومېتىر .

    جۇغراپىيلىك ئورنى:  ئىرلاندىيىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىزرەك بولۇپ، پاكار تاغلار، ئېدىرلىقلار بار، ئوتتۇرا قىسمىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى مۆتىدىل ھەم يىللىق بولۇپ، دېڭىز  ئوكيان خاراكتېرلىكى كۈچلۈك بولىدۇ. يامغۇر مىقدارى مول، شۇڭا ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ.

    قىسقىچە تارىخى:  ئىرلاندىيە قەدىمدىن تارتىپ كىلىت خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي. 12 - ئەسىردىن باشلاپ ئىنگلىزلار تەسىرىنى كىرگۈزۈشكە باشلىغان. 1801 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئىرلاندىيە ئوتتۇرىسىدا  تۈزۈلگەن ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى بويىچە، <بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئىرلاندىيە پادىشاھلىقى> بولۇپ قۇرۇلغان. 1921 - يىلى 12 - ئايدا ئىرلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى 26 ئورۇن ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، شىمالدىكى ئالتە ئورۇن يەنىلا ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قېلىۋەرگەن. 1937 - يىل ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. بىراق يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغان. 1949 - يىلى ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققان.ئېرلاندىيە ياۋروپانىڭ غەربىدىكى ئېرلاندىيە ئارىلىغا جايلاشقان، تولۇق نامى <ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى>. دۆلەت نامى شۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق مىللەت ئېرلاندىيىلىكلەرنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. بۇ جاينى مىلادىدىن بۇرۇن رىملىقلار Hibernia، قەدىمكى يۇنانلىقلار Ierne، كارتىلار Erin دەپ ئاتاشقان. ئۇنىڭ نامى ئادەتتە كارىت تىلىدىكى iar سۆزىدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ، مەنىسى <كەينى تەرەپ> بولۇپ، كۆچمە مەنىسى <غەرب>،چۈنكى بۇ ئارال ياۋروپانىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ خىل نام يەنە ئېھتىمال قەدىمكى كارىت تىلى ۋە قەدىمكى ئارىئان مىللىتىدىكى Iverni, Ierni ياكى Erni دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشىمۇ مۇمكىن، شىمالىي ياۋرۇپادىكى ۋېرگىنلەر بۇ ئارالغا كەلگەندىن كېيىن، نامىنىڭ كەينىگە  land سۆزىنى قوشۇپ، ھازىرقى Ireland نامى پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <غەرب دۆلىتى> بولىدۇ. 1169 - يىلى ئانگىلو ساكسونلار بۇ ئارالنى بويسۇندۇرغان. 1801 - يىلى ئېرلاندىيە - ئەنگلىيە بىرلىشىپ <بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى> نى قۇرغان. 1921 - يىلى ئېرلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى 26ۋىلايەت <ئەركىن فېدىراتسىيە> بولۇپ قۇرۇلغان. 1937 - يىلى 4- ئاينىڭ 18 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى <ئېرلاندىيە> دەپ بېكىتكەن. 1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان.     ئۇ 1973 - يىلدىن باشلاپ ياۋروپا ئورتاق بازىرىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن.ېرلاندىيە 12 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ، 1937 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان. شۇ يىلى تۈزۈپ چىققان ئېرلاندىيە دۆلەت بايرىقى يېشىل، ئاق، قىزغۇچ، سېرىق رەڭلىك تىك يوللۇق بولۇپ، يېشى رەڭ يەرلىك گالايكا ۋە نورمانان سىستېمىسىدىكى  ئاھالىلەرنى؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭ 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇرۇشتا ئورېنخ پادىشاھى پېرۋېليامنى قوللىغان كىشىلەرنى، يەنى ئەنگلىيە ۋە شوتلاندىيە ئاھاللىرىنى، ئاق رەڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلارچە مۇھەببىتىنى بىلدۈرگەن. يەنى بىر خىل چۈشەندۈرۈش خرستوسلارنىڭ مۇھەببەت روھى بىلەن تولغان بولۇپ، يېشىل رەڭ ئېرلاندىيىدىكى كاتولىك دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلارنىڭ بەلگىسى؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭ پوتېسىتانت دىنىغا ئېتقاد قىلغۇچىلارنى، ئاق رەڭ ئۈمىدىنى يەنى كاتولىك دىنىدىكىلەر بىلەن پروتېستانت دىنىغا ئېتقاد قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى مەڭگۈ توختىتىپ، ئىتتىپاق ۋە دوستانە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دېىيىلگەن. دۆلەت گېربى كۆپ خىل نۇسخىدا بولغان، مەسلەن، ئېرلاندىيىنىڭ دۆلەت گۈلى بولغان ئاق ئۇچقۇلاق بىلەن سان پاترىك كرېسىت دۆلەت گېربىگە سىزىلغان. 1919 - يىلىدىن كېيىن ھۆكۈمەت كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چىلتارنى دۆلەت گېربىگە تاللىغان ھەمدە ئۇنى تېگى كۆك قالقانغا سىزدۇرۇپ، دۆلەت گېربى ئورنىدا ئىشلەتكەن

     ئىقتىسادى ئەھۋالى: ئىرلاندىيە ئىقتىسادتا سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە  ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %29نى تەشكىل قىلىدۇ (1983). پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 4دىن 3 قىسمىنى ئوت - چۆپلۈكلەر بىلەن چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن دۆلەتتىكى 12 مىليون مو تېرىلغۇ يېرىنىڭ %90 دە چارۋىچىلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يەم - خەشەك زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا، قوي،چوشقا، ئات قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، قىزىلۋا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتەلمەيدۇ. ساياھەتچىلىك كىرىمى مۇھىم كىرىم مەنەسى ھېسابلىنىدۇ، سانائەتتە ئېلېكتر، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ماشىنىسازلىق، سېمونت قاتارلىق سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.


 .

    

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 723 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01