شىئە مەزھىبى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 4 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

شىئەلەر(ئەرەپچە ئەگەشكۈچىلەر دىگەن مەنىدە).

 

 

 بۇ ئىسلام دىنىدىن بۈلۈنگەن ئىككىنچى چوڭ مەزھەپ بولۇپ تەخمىنەن دۇنيا مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ %16تىنى ئېگەللەيدۇ. شىئەلەر ئىسلام دۇنياسىدا ئورتاق بىر خەلىفە بولۇشى، بۇ خەلىفە چوقۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ يەنى ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولۇشى كېرەك دەپ قارىغانلار بولۇپ ئۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسلامغا ئەڭ دەسلەپ كىرگەنلىگى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام بىلەن بولغان قانداشلىغى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام مەدىنىدىكى ۋاقتىدا ئەلىنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا مۇسۇلمانلارغا باش قىلىپ قالدۇرۇپ قويغانلىغى ئىسلام ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسى قاتارلىقلار تۈپەيلى پەقەت ئەلىلا خەلىپە بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ دەپ قارىغاچقا ئۇمەييە خەلىفىلىگىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

دەسلەپتە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلانغان خەلىپىنىڭ ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى، ئەمما ئۇمەييە جەمەتىدىن كېلىپ چىققان خەلىپىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئەۋلادلىرىنى خەلىپە ھاكىميىتىگە تەھدىت ھىساپلاپ باستۇرۇشىغا ئەگىشىپ يەمەن ، ئىران قاتارلىق يېڭىدىن بويسۇندۇرۇلغان جايلارغا قېچىپ بېرىپ ئۇ جايلاردىكى كونا قاچقۇن ھاكىميەتلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئىزچىل تۈردە خەلىپە ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشنى توختاتمىغان. شىئەلەر 5پەرزگە ئەمەل قىلغاندىن سىرت ئىماملارنىڭ ئورنىنى زىيادە ئولۇغلايدۇ ۋە ئىماملار ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام بىلەن ئوخشاشلا قانۇنلۇق خەلىپىدۇر، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىللاھنىڭ ئىز باسارىدۇر، ئىماملارنى قوغدىغانلىق رەسۇلىللاھنى قوغدىغانلىقتۇر. ئىمام نىمىنى بىلىشنى خالىسا ئاللاھ ئۇلارغا شۇنى بىلدۈرىدۇ. ئىماملار غەيپنى، ئۆلۈم ۋاقتىنى بىلىدۇ ۋە بۇ ۋاقىتنى ئۆزى تاللايدۇ. رەسۇلىللاھ جىبرىئىل ئەلەيھىسسەلامنىڭ شەكلىنى كۆرەلەيتتى،ئەمما ئىماملار ۋەھىنىلا قوبۇل قىلالايدۇ، جىبرىلنى كۆرەلمەيدۇ. قادىر ئاللاھنىڭ ئنسانلارنى باشسىز ،ئىمامسىز قويۇشى مۈمكىن ئەمەس،دۇنيادا ئىككى ئادەم قالسىمۇ ئۇنىڭ بىرى چوقۇم ئىمام بولىدۇ،ئىمامسىز ئادەمنىڭ ناماز، زاكات،ھەج ۋە باشقا ھەر قانداق ئەمىلىگە، خۇددى كاپىرلارنىڭ ياخشى ئەمىلىگە ساۋاپ بېرىلمىگەندەك ساۋاپ بېرىلمەيدۇ، سۈننىلەرنىڭ رەسۇلىللاھنىڭ ئەۋلادىنى قوغدىماسلىغى كۇفرىلىقتۇر دەپ قارايدۇ. كېڭەشكە قارشى تۇرۇپ ئىمامنىڭ سۆزلىرىنى قانۇن تۇرغۇزۇش، شەرىئەت ئىشلىرىنىڭ ئاساسى ھىساپلايدۇ، شىئەلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەخبار ناملىق ھەدىسلەر توپلىمى بولۇپ ئۇلار ئەخبارنىڭ مەزمۇنى سۈننى مەزھەبنىڭ ھەدىسلىرىدەك توپلانغان بولماستىن بەلكى ئىلھام ئارقىلىق ئىماملىرىمىزغا بىلدۈرۈلگەن دەپ ئىشىنىدۇ . ئىماملارنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن بىللە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىمالى بولسىلائېتىقادىنى يوشۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ، شىئەلەر ئىراق كەربالادىكى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرىسى ۋە ناجىفتىكى ئىمام ھۈسەيىننىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن بىللە ئىراندىكى مەشھەد ۋە قۇمنى مۇقەددەس جاي قاتارىدا ئۇلۇغلايدۇ. ۋاقىتلىق نىكاھ ۋە مازارغا سېغىنىشنى ھالال ھىساپلايدۇ. شىئەلەر ئىمام مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بولغانلىقتىن ئۆز ئىچىدىن يەنە ئون ئىككى ئىمام، يەتتە ئىمام (ئسمائىلىيە) ، بەش ئىمام (زەئىدىيە) ، ئەلەۋى، دېرۇزى قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ كىچىك مەزھەبلەرگە بۆلۇنگەن.

شىئە مەزھىبىدىكى ئىماملارنىڭ تەرتىۋى

 (1 )ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب(661-يىلى)

(2)ھەسەن(669-يىلى)     (3)ھۈسەين(680-يىلى)

(4)ئەلى زەينۇل ئابىدىن(714-يىلى)

(5)ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد باقىر(733-يىلى)       (5)  زەئىد ئىبنىئەلى(740-يىلى)    زەئىدىيى مەزھىبى بۇ يەردىن پەيدا بولىدۇ

(6)ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفىرى سادىق(765-يىلى)

(7)مۇسا كازىم (789-يىلى)، ئىسھاق، مۇھەممەد        (7)ئىسمائىل (765-يىلى)،- ئابدۇللاھ ئىسمائىلىيە مەزھىبى بۇ يەردە توختايدۇ

(8)ئەبۇ ھەسەن ئەلى رىدا(818-يىلى)      ئەھمەد

(9)ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد جاۋاد (835-يىلى)

(10)ئەلى ھادى(858-يىلى)     مۇسا

ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد     (11)ئەبۇ مۇھەممەد ھەسەن ئەسكەرى(874-يىللىرى)   جەئفەر

(12)مۇھەممەد مەھدى ئاخىر زامان(880-يىللىرى غايىپ بولغان)

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1272 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01