ئاشۇرا بايرىمى= Aashoraa day

      ئاشۇرا بايرىمى ﺋﺎﺭﺑﻪﻳﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ئەسلىدە يەھۇدىلاردىن كېلىپ چىققان بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەھۇدىلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكەن خاتىرە كۈنى ئۈچۈن شۈكرى قىلىپ روزا تۇتىدىغانلىقىنى بىلىپ «سىلەمۇ تۇتۇڭلار، سىلەر مۇساغا يەھۇدىلاردىن يېقىن، ئاشۇرا روزىسىنى تۇتۇشقا يەھۇدىلاردىن بەكراق ھەقلىق» دىگەنلىكتىن ئاشۇرا كۈنى مۇسۇلمانلار خالىس روزا تۇتىدىغان كۈنگە ئايلانغان . ئەمما ھازىرقى شىئە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشۇرا بايرىمى ﻣﯩﻼﺩﻯ 681‏- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻫﯘﺳﻪﻳﻦ ﺋﻪﻝ ﺋﻪﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ -ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺷﯩﺌﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻧﻰ 40 ﻛﯜﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺭﺑﻪﻳﻦ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟىدﯗ. ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﺷﯩﺌﻪﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﯜﻧﻨﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ. شىئە مەزھىبىدىكى مۇسۇلمانلار بولسا ئىمام ھۈسەيننىڭ جەبرى جاپا ئىچىدە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە تەزىيە بىلدۈرۈش يۈزىسدىن مەسچىت ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنى قامچىلاپ يا ئاللاھ، يا ئەلى، ياھەسەن، يا ھۈسەين دەپ ھۆكمەت ئوقۇپ ساما ئۇسسۇلى شەكلىدە ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ. ئىلگىرى تالىبانلار مەزگىلىدە شىئە مەزھىبىنىڭ ئۆزىنى ئۇرۇپ ئاشۇرا كۈنىنى خاتىرىلىشى، بىدئەت-ھارام ھىساپلىنىپ چەكلەنگەن ئىدى. ئافغانىستاندا دىموكراتىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن ئافغانىستاندىكى شىئەلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئىران ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى شىئەلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قايتىدىن جانلاندى. سۈرەتتىكىسى ئافغانىستادىكى شىئە مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدىغان ھازارالارنىڭ بۇ يىل كابۇلدا ئۆتكۈزگەن ئاشۇرا بايرىمىلىق پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 974 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01