ئىبراھىموۋ لېكىم ھاكىموۋىچ- ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر رەسسامى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئىبراھىموۋ لېكىم ھاكىموۋىچ-ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر رەسسامى

         ئىبراھىموۋ لېكىم ھاكىموۋىچ 1945-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالمۇتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1964-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە ئالمۇتا گوگۇل سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1971-يىلى ئۆزبېكىستانغا بېرىپ ئوستروۋىسكى نامىدىكى دۆلەتلىك ئۆزبېكىستان تاشكەنت تېياتر ۋە رەسساملىق ئىنستىتۇتىنى تۈگەتكەن.

ئىبراھىموۋ لېكىم 1978-يىلىدىن بېرى ئۆزبېكىستان رەسساملار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەسپى رەسساملىق بىلەن سۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.  ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى : " شەرق گۈزىلى " . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە شەرق خەلقلىرى ئىجادىغا سىزىلغان ئەسەرلەر ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر-ئۆزبېك كلاسسىكلىرىنىڭ پورترېتلرىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان. " ئەمىر تۆمۈر " ، " ئەلىشىر نەۋاىي " ، " بابۇر " ، "قىز خان ئەتلەس " ، " يىپەك يولى " ، " كۆك بۆرىنى ئېمىۋاتقان بالا " ۋە "شەرق گۈزىلى " كەبى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلىرى چەتئەللەردە كۆرگەزمە قىلىنىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن !

 

كۆك بۆرىنى ئېمىۋاتقان بالا

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 669 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01