فاڭك =Funk=疯克

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
     فاڭك(Funk)  ئامرىكىدا 1960-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدا پەيدا بولغان بىر خىل مۇزىكا ئۇسلۇبى، فاڭك مۇزىكىسىمۇ نۇرغۇن يېڭى مۇزىكا ئۇسلۇبىغا ئوخشاش ئافرىقا قان سېستىمىسىدىن بولغان ئامېرىكىلىق مۇزىكانتلارنىڭ روھ (soul)مۇزىكىسى، روھ جەز ، رېتىم ۋە بلۇزلارنى ئارىلاشتۇرۇپ رېتىملىق ، ئۇسۇلغا (danceable)كېلىدىغان يېڭى بىر خىل شەكىل  يارىتىشى ئارقىسدا بارلىققا كەلگەن. فاڭك مېلودىيە ھارمونىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلىمەيدۇ، بەلكى باس گىتار ۋە رېتىمنى ئىنتايىن  مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. بىلۇز ۋە روھقا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى فاڭكىدا ئۇنىڭدەك كۆپ ئاكورىت ئۆزگىرىشى بولمايدۇ. فانك ناخشىلار كۆپ ۋاقىتلاردا يالغۇز ئاكورىت ئۈستىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋامپ(extended vamp)نى ئاساس قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن فاڭك مۇزىكىس كۆپ ھاللاردا مۇستەقىل ئەمەس بەلكى جاز ۋە ھىپ-ھوپلار بىلەن بىللە شالغۇت ھالەتتە جاز فاڭك، مېتال فاڭك، روك فاڭك، گ-فاڭك، پۇڭك فاڭك قاتارلىق ھالەتتە ئۇچرايدۇ. 1980-يىللاردىن كېيىن دىسكو مۇزىكىسى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە فاڭك مۇزىكىسى سۈرئىتىنى تېزلەتتى ۋە مۇزىكا ئۇسلۇبى كۈچلەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا فاڭك ھازىرقى زامان مۇزىكا ئۇسلۇبىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى. ھازىرقى زامان بىلۇز ياكى R&B مۇزىكانتلىرى چوقۇم فاڭكنى بولۇپمۇ فاڭكنىڭ تۆتى بىر گۇرۇپ قىلىنغان ئونئالتە نوتىلىق رىتىمىنى ئىگەللىشى كېرەك.
     فاڭك مۇزىكا ئۇسلۇبىنىڭ ۋەكىللىرى جەيمىس براۋۇن(James brown)،سىلي ۋە ئائىلە تېشى(sly and the family stone)، جېئورجى كىلېنتون ۋە پارلامېنت فاڭكدەلىك(george clinton and parliament-funkadelic)، فاڭك بۇرادەرلەرthe funk brothers)، بوستي كوللېنىس(bootsy collins)، شاھزادە(prince) قاتارلىقلار بار.1970-يىللىرى داڭلىق بولغان فاڭك ئانسامبىللىرىدىن  تۇپراق، شامال ۋە ئوت(earth, wind and fire)، ھوقۇق مۇنارى(tower of power)،  تەخمىنەن ئاق ئانسامبىلى(average white band)،ئوھېئو چالغۇچىلىرى(the ohio players)،كوممودورىس(the commodores)، قاتارلىقلار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ژانىردا مەشھۇر بولغان گۇرۇپپىلار دېسكو ۋە روھنىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاپ تۇراتتى. 1970-يىللاردىكى فاڭك مۇزىكىلىرى خائۇس مۇزىكىسى(house music) ۋە خېپ-خوپ مۇزىكىلىرىنىڭ  نۇرغۇن ئۇسلۇبلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ، فاڭك يەنە گوۋ-گوۋ (go-go)دىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ تارماق ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈردى. يېڭى دولقۇنلار(new wave)غا تەسىر كۆرسەتتى، كېيىنكى پاڭكدا(post-punk) فاڭك مۇزىكا ئۇسلۇبىنى ناھايتتى ئېىنىق ھىس قىلغىلى بولىدۇ.
      جامىس بىراۋندىن كېيىن باشقا مۇزىكا گۇرۇپپىلىرى  ديكى ۋە بىلەيزىر(dyke and the plazer)لەر 1967-يىلى فاڭكي چوڭ يول(funky broadway) نى تارقاتتى، بەلكىم بۇ روھ ۋە روكنرول ئېراسىدا بىرىنىچ قېتىم فاڭكي ئىسمى بىلەن تارقىتىلغان پىلاستىنكا بولۇشى مۈمكىن. 1967 -يىلى يەنە چارلىس رايىت بىلەن ۋات 103-كوچىسى رېتىم گۇرۇپپىسى(charles wright&the watts 103rd street rhythm band)مۇ ئۆزىلىرنىڭ تۇنجى فاڭك ناخشىلىق ئالبۇملىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى، 1970-يىلى ئۇلار كىلاسسىك يالغۇز ناخشىسى ئۆزۈڭنى ئىپادىلە(express yourself) نى تارقاتتى.
      غەربى ئافرىقا ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىغا يىلتىز تارتقان، ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىلىنىشلىرىنى روھانى، ئەمگەك ناخشىلىرى، قىرائەت ، گوسىپەل(gospel) ۋە بلۇزلاربىلەن ئىز قالدۇرماستىن  ئۆز-ئارا جىپىسلەشكەن فاڭكي مۇزىكىسى بۈگۈنكى قەدەر داۋاملىشىپ، جاز، روك، ھىپ-ھوپ قاتارلىق ئاساسى مۇزىكا ئېقىملىرىنىڭ بىرى  بولۇپ قالدى.
     1990-يىلى جەم ئېروكۇئاي(jamiroquai) نىڭ «قىمىرلىماي ساياھەت قىلىش»(travling without moving) دىگەن كۈچلۈك فاڭك ئۇسلۇبىغا ئىگە ئالبۇمى دۇنيا يۈزىدە 11مىليون 500مىڭ تال سېتىلىپ سودا خارەكتىرلىك غەلبىگە ئېرىشىپ فاڭك مۇزىكا ئۇسلۇبىنىڭ غەلىبىسىنى نامايەن قىلدى.[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 14:23:02]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 516 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01